|
|
|
|
ئالتۇن قىز
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
شۇنچە سۇغۇق تۇرسىمۇ جاھان،
ياسىنىپتۇ بىر خىنىم يازدەك.
قوش بىلەيزۇك، قوش-قوش ئۈزۈكلەر،
تاقىۋاپتۇ بارمىقى ئازدەك.
چىقىپ تۇرار بايلىق تۇرقىدىن،
بۇيۇن قۇلاق زىننەتكە تولغان.
چىداپ تۇرار تەبەسسۇم بىلەن،
جۇغۇلدىشى سوغۇقتىن بولغان.
يەڭلىرىنى تۈرۈپ گاھىدا،
تەمشىلىدۇ كۆز-كۆز قىلىشقا.
تۇغۇلۇشتىن شۇنداقمۇ ياكى،
يۇمۇلمايدۇ لىۋى نىمىشقا؟.
قاراپ باقسام سىنچىلاپ ئاڭا،
ئالتۇن ئىكەن ھەممە چىشلىرى.
يۇرەر ئىكەن سوغۇقتا چىداپ،
زىننەت بىلەن نىپىز قىشلىرى.
2014-10-11
مۇھەببەتكە نەزەر
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
گۈل سۇلسا بۇلبۇلنىڭ پەرۋايى پەلەك،
ئىچىلغان خوشپۇراق گۈللەرنى خىللاپ.
بۇلبۇللار مۇھەببەت مىسالى ئەمەس،
پەقەتلا ھەۋەسكار يىقىملىق چىللاپ.
غىرىپجان سەنەمگە تەلمۇرۇپ ئۆتكەن.
تاھىرمۇ زۆھرەنىڭ ۋەسلىدە كۈتكەن.
چىن بۇلغاچ ئۇلارنىڭ سۆيگۇ قەسىمى،
مۇھەببەت بابىغا قامۇسنى پۈتكەن.
ئۆلمەيدۇ مۇھەببەت ئەبەدىل-ئەبەت،
كۆيلەيدۇ تىنىمسىز كۆيۈكلەر پەقەت،
كۆيدۈرسە كۈل بولۇپ كۆيۈلگەن يۈرەك،
مۇھەببەت تەمىنى تىتىيدۇ قەۋەت.
مەڭگۈلۈك تىما ئۇ مۇھەببەت دىگەن،
مەۋجۇتتۇر يىنىدا شۇمبۇيا تىكەن.
چىنلىقتىن چەتنىگەن ھەۋەسكار ئاشىق،
مۇھەببەت ئازارى يىگىنى يىگەن.
2014-12-13
… يىڭى يىل
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
كۈن ئارا قۇغلۇشۇپ كەلدى يىڭى يىل،
يىپ-يىڭى كالىندار ۋارىقى ئىچىپ.
ئاق قىلىپ چىچىمنى بىر ياش يىشىمنى،
ئوغىرلاپ كەلمەسكە كەتتى يىل قىچىپ.
ياشلىقىم، شاشلىقىم، كەلمەيدۇ ئەمدى،
كەتتى ئۇ يىللارنىڭ قوينىدا يۈتۈپ.
چاقنىغان كۆزلىرىم ،قىران يۈزلىرىم،
قوروقنى چىللايدۇ يىللارنى كۈتۈپ.
يىڭى يىل ئىپ كىلەر يىڭى خاتىرە،
ئۆتمۈشكە خاتىمە دەستۇرى پۈكۈپ.
قولۇمدىن تارتىدۇ ئىلگىرلىگىن دەپ،
ئارزۇيۇم نىشاننى ئالدىمغا تۆكۈپ.
قانچىلىك يىللارنى كۆرەلەيدۇ كىم؟،
ھاياتلىق دىڭىزدا تىنىمسىز ئۈزۈپ.
پەرۋاسىز كىلىدۇ يىپ-يىڭى يىللار،
ھاياتقا يىشىلمەس فورمېلا تۈزۈپ.
2014-12-14
كۈتەرمەن
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
ئىنتىزارمەن كەلگىنە جانان.
يوللۇرۇڭدا ھەر چاغ كۈتەرمەن.
سىغىنىشتا ئىسمىڭنى ئاتاپ.
كۆيلىرىمدە داستان پۈتەرمەن.
ئەس-ھۇشۇمنى تاپالماي گاھى،
ۋولقان كەبى ئوتتەك كۆيەرمەن.
ۋىسالىڭغا ئۈنسىز تەلمۈرۈپ،
كۈتۈشلەردە مىڭلاپ ئۆلەرمەن.
ھىچ كەلمىدىڭ ھالىم پەرىشان،
ھىجران بىلەن مىسكىن يۈرەرمەن.
كۆزلىرىمدىن كەتمەس سىياقىېڭ،
دىدارىڭنى قاچان؟ كۆرەرمەن.
ئىشەن ساڭا ئوتتەك كۆيەرمەن،
يۈرۈگۈمدىن مەڭگۈ سۆيەرمەن.
2014-12-17
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mamatablakumluk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-17 10:39 PM
|
|
|
|
|
|