مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4741|ئىنكاس: 25

ئابدۇرېھىم زۇنۇن: گۈلۈمگە تەسەللى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 918
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3583
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 771 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 07:06:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



گۈلۈمگە تەسەللى




ئابدۇرېھىم زۇنۇن

كىرپىكىڭدە يالتىراپ تۇرغان
دەرد- ھەسرەتمۇ، يامغۇرمۇ، قارمۇ؟
بەزىلەرگە ئىللىق، كەڭ جاھان،
ساڭا شۇنچە سوغۇق ۋە تارمۇ؟

قىلدۇرىدۇ سېنى كۆپ ھەۋەس،
كۆكتە ئەركىن قانات قاققان قۇش.
توققۇزۇڭ تەل بولسىمۇ، لېكىن
بولالمىدىڭ ئىچ- ئىچىڭدىن خۇش.

قارلىغاچتەك ئۇچۇپ سېنىڭمۇ
ئەركىن پەرۋاز قىلغۇڭ كېلىدۇ.
مەھكۇم بولغاچ سەن تار قەپەسكە،
يۈرىكىڭنى تىلغۇڭ كېلىدۇ.

ئوينىغۇڭ بار كەڭرى دالىدا،
شوخ تايچاقتەك يېڭى تۇغۇلغان.
چېقىلىسەن ئەينەكتەك پات- پات،
چۈنكى سېنىڭ ئەركىڭ بوغۇلغان.

يىراقلارغا بېقىپ كۆزنەكتىن،
ئاھ ئۇرىسەن، چېكىسەن ھەسرەت.
نېمىگىدۇر پىغانىڭ ئۆرلەپ،
مۇجۇلىدۇ يۈرىكىڭ رەت - رەت.

ئىشەن، ئاخىر توختايدۇ، گۈلۈم،
كۆزلىرىڭىدىن ئاققان سەل- ئېقىن.
ئاياز ئۆتسە، كېلىدۇ باھار،
مۇدىھىش تۈنگە ئاپپاق تاڭ يېقىن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bulaksu2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 07:08 PM  


يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1445
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15179
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3585 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 09:41:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلغان شېئىركەن، بەزى يەرلىرى ماڭا ماس كەپ قالىدىكەن، ئاخىرقى مىسراسى.

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 10:26:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن قالتىس چىققان ئەسەر بوپتۇ!..
قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي!..
قەلىىمىڭىزگە بەركەت، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق،
ئۆزىڭىزگە تىنچ- ئامانلىق تىلەيمەن!..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9671
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2301 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 10:43:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام ئابدۇرېھىم ئاكا مۇنبەرگە ئوبدانلا ماسلىشپ كېتىپسىز

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8720
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1269 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 02:36:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەھرىتان سوغۇقتا گۇللەر ۇچۇن بەرگەن  تەسەللىلىرىڭىزدىن  بەھىر لەندىم...

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10340
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 291 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 05:02:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەھەرلىك خىنىمغا   دىگەن يازمىڭز مۇ  بەكلا    يارىغانتى
تىخمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى  سۇنۇشىڭىزغا  تىلەكدداشمەن



شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109886
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 628
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2014-9-13
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 09:55:47 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىپارە يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 09:41 PM
ياخشى يىزىلغان شېئىركەن، بەزى يەرلىرى ماڭا ماس كەپ قال ...

ئىشەن مۇسلىم ئاقمايدۇ داۋام ياشىڭ  
ئون بەش ئايدىڭ قالغىنى قاراڭغۇ ئايمۇ دائىم
سىنى مازاق قىلىپ كۈلسە قەۋمۇ قېرىنداشىڭ
قۇرئانىڭدا كىلىدىغۇ بۈگۈن بىزنى مەخسىرە قىلساڭلا
ئەتە قىيامەت كېلىپ قالار بىزگىمۇ دېگەن ئايەت دائىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1077
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 11:03:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز، ھارمىغايسىز.

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 918
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3583
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 771 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 01:44:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىپارە يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 09:41 PM
ياخشى يىزىلغان شېئىركەن، بەزى يەرلىرى ماڭا ماس كەپ قال ...





          ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم. رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 918
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3583
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 771 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 04:04:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



     يوللىغىنى بىر سوتكا بولماي تۇرۇپ شۇنچە ئادەم كۆرۈپتۇ، ئەمما 7 نەپەر ئادەم ئىنكاس يېزىپتۇ. «مىسرانىم»دا ئادەم شۇنچە كۆپمۇ ياكى باشقا بىر سىر بارمۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش