داڭقىڭعا داڭ قوشىمەن ۋەتەن
قاراحان
مەشھۇر ئەدىپ ،ئۇلۇعلار ئارا،
رويحەتتە يوق نامۇ- شەرىپىم.
تۇيعۇمدىكى قەدىمى سەھرا،
سۉيگۅسىدە مەزمۇن تەرىپىم.
ئاق –قارىنى تونۇپ كۉمۅلدۅم،
ئولجىلارعا ھەسسە -ھەسسىلەپ،
ئادىمى ھىس قۇتقا چۉمۅلدۅم،
ياعدى ياندىن ۋىسال شان-شەرەپ.
بولمىساممۇ ئۉتكەن زاماننىڭ،
قەھىرمانى، عەيۅر شائىرى .
بولدۅم بۅگۅن ئەل-يۇرت ماكاننىڭ،
عورۇرىدىن ئەمەس تاشقىرى.
تىل تىنىقىم مەھمۇد بوۋايعا،
دىل چىرىقىم تۇتاش يۅسۅپكە.
سۉلىتىم تەل ئوردا سارايعا،
ئوحشىمايدۇ تاجام ھۉپۅپكە.
ۋەتەن كۉكتۇر مەن ئۇندا زەررە.
زىمىنعا نۇر بىرىمەن زىننەت.
ۋەتەن ئۅچۅن چەكسەممۇ جەبرە،
دىڭىعا داڭ قوشىمەن ئەبەد.
2014-يىلى 18-دكابىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-17 04:52 PM