ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىمىز راستنلا دۆتمۇ ؟
ئۆكتەبىرنىڭ ئالتۇن دەم ئىلىشنىڭ 5-كۇنى،كانادادىن قەشقەرگە ساياھەتكە كەلگەن دوستۇمنى ،قەشقەر ئايدۇرۇمدا كۇتۈۋالدىم .ئۇلار ئەر-ئايال ۋە 7ياشلىق ئوغلى بىلەن كەلگەن ئىدى .ئەتىسى قەدىمى شەھەر قەشقەرنىڭ مەنزىرە رايونلىرىنى كۆرۈپ ئۈلگۈردۇق. ئىككىنچى كۈنى (7چىسلا)بىز قۇملۇق مەنزىرىسىنى كۆرۈپ كىلىش ئۈچۈن ،يوپۇرغا ناھىيەسىگە بىرىشنى پىلانلىدۇق .شۇ چاغدا بىزنىڭ شوپۇرىمىز ،ئۆزىنىڭ بىر قىزى بارلىقىنى ،قىزىنىڭ كانادالىق بالا بىلەن تەڭ ئىكەنلىكىنى ،مۇمكىن بولسا ئەتە قىزىنىمۇ بىللە ئىلىۋىلىپ ،قۇملۇقتا ئوينۇتۇپ كىلىش ئويى بارلىقىنى ماڭا دىدى. مەن بۇ گەپنى كانادالىق دوستۇمغا دىۋىدىم .ئۇ ئىنتايىن خۇشاللىق ۋە دوستانىلىق بىلەن ماقۇل بولدى .
ئەتىسى بىز قۇملۇققا قاراپ يولغا چىقتۇق.دىيىشكىنىمىزدەك شوپۇر ئۇستام ئوماق قىزىنى ئىلىۋالغان ئىدى .بۇ قىز كانادالىق بالىدىن 1كۈنلۈكلا كىچىك ئىدى .دىمەك مىنىڭ ئالدىمدا بوي تۇرقى تەڭ ،قۇبۇل قىلغان مائارىپى تەڭ،يىشى تەڭ ،پەقەت مىللىتى ،تىلى ،ياشاۋاتقان مۇھىتى ئوخشىمايدىغان بىر جۈپ سەبى يۈرەك تۇراتتى .بۇ بەك ياخشى پۇرسەت ئىدى.
ساياھىتىمىزنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش،ھەم بالىلارغا بولغان كۈچلۈك قىزغىنلىقىم تۈپەيلى ،ئۇلارنى گەپكە سىلىشقا باشلىدىم .باشتا ئۇلارنى بىر-بىرىگە تونۇشتۇرۇپ قويدۇم .ئاندىن ئۇلارغا دىدىم (مانا ئىككىڭلار تەڭ ئىكەنسىلەر ،يەنە ئىككىڭلار بىرىنچى سىنىپتا ئوقۇيدىكەنسىلەر ،سىلەرنى مۇسابىقەگە سىلىپ باقاي ،قىنى كىم ئەقىللىق ،؟قىنى كىم ئۇتۇۋالالايدۇ ،؟ئەگەر كىم ئۇتۇۋالسا ،قۇملۇقتىن بىر تۆگىنىڭ بالىسىنى تۇتۇپ مۇكاپات بىرىمەن )ئۇلارغا چاقچاق قىلىپ ،سۇئالىمنى باشلىدىم.ھەم مىنىڭ سۇئاللىرىم كىچىك بالىلارنىڭ ئەقلىنى سىنايدىغان ،كاللىسىنى ئاچىدىغان سەل قىزىقارلىق سۇئاللار ،شۇڭا تارتىنماي قانداق جاۋاپ بەرگۈسى كەلسە شۇنداق جاۋاپ بەرسە بولىدىغانلىقىنى قوشۇپ قويدۇم :بىرىنچى سۇئال:(قانداق قۇش ئۇچالمايدۇ ؟) كانادالىق بالا بىردەم ئويلىنىپلا ،(تۆگە قۇش)دەپ جاۋاپ بەردى .ئۇيغۇر قىزىدىن خىلى جاۋاپ كۈتكەن بولساممۇ ،(بىزگە بۇنى ئۆتمىگەن )دىگەن جاۋاپقا ئىرىشتىم .كىرەك يوق ،ئىككىنچى سۇئال:(قانداق توپنى ئوينىغىلى بولمايدۇ ) ،كانادالىق بالا ،(چۆيۈن توپ ،يەر شارى ،تۆشۈك توپ)دىگەندەك بىر نەچچە جاۋاپنى بەردى ۋە دادىسى بىلەن قىسقا مەسلىھەتلىشپ (چۆيۈن توپ ) دىگەن جاۋاپنى مۇقۇملاشتۇردى .ئۇيغۇر قىزى (خانىم دەپ بەرمىگەن ) دىگەن جاۋاپنى بەردى .ئۈچىنچى سۇئال :(دەرەخ نىمىشقا چوڭ بولىدۇ؟) كانادالىق بالا دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن سۇ ئىچىپ ،يوپۇرماقتىن نەپەسلىنىپ چوڭ بولىدىغانلىقىنى ۋە يەنە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىپتى ،بەزى گەپلەرنى مەنمۇ چۈشۈنەلمەي ،بۇ سۇئالنى سورۇغۇنىمغا خىجىل بولۇپ قالدىم .ئۇيغۇر قىزىدا يەنىلا ھىچقانداق جاۋاپ يوق ئىدى .مەن كىچىك بالىلاردىن سوراش ئۈچۈن دائىم نۇرغۇن سۇئاللارنى كۆڭلۇمگە پۇكۈۋالاتتىم .شۇڭا سۇئاللارنى داۋاملاشتۇردۇم .ئارلىقتا ئۇيغۇر قىزىغا ،خىجىل بولماسلىقنى ،ئاغزىغا نىمە كەلسە ،نىمە ئويلىسا شۇنداق جاۋاپ بىرىشنى دەپ مەدەت ۋە ئىلھام بەردىم .(بىر دۆۋە قۇمغا ،يەنە بىر دۆۋە قۇمنى قوسساق قانچە بولىدۇ)(يەر شارى نىمىگە ئوخشايدۇ)(ھەسەن –ھۈسەندە نەچچە خىل رەڭ بار )كەينى كەينىدىن 8سۇئال سورۇدۇم .كانادالىق بالا 7سۇئالغا مۇستەقىل بىر سۇئالغا دادىسنىڭ ياردىمى بىلەن توغرا جاۋاپ بەردى ،ئۇيغۇر قىزى بىر سۇئالغا مىنىڭ ياردىمىم بىلەن چولتا جاۋاپ بەرگەندىن سىرت ،7سۇئالىمىنى جاۋاپسىز قالدۇردى .بۇ سۇئاللىرىم سەل تاققا-تۇققىېدەك كۆرۈنگەن بىلەن ،بالىلارنىڭ پىكىر قابىلىيىتىنى ئويغۇتىدۇ دەپ قارايتتىم .سۇئاللاردىن كىيىن ئۇلارنى ،يوپۇرغۇنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى توغرىسدا ئويلىغانلىرىنى دەپ بىقىشقا ،ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى دەپ بىقىشقا،قەغەزدە بىر نەرسە ياساشقا سىلىپ باقتىم .ئۇيغۇر بالسى يەنىلا جاۋاپسىز ،پىكىرسز ئىدى .(بەلكىم قىزلارغا خاس تارتىنىش سەۋەبىدىن بولسا كىرەك دەپمۇ ئويلىدىم ،لىكىن بۇ تارتىنىش بۇنداق بالىلارغا ئارتۇقچە ۋە زىيادە ئىدى)
مەيلى ئاشخانىدا تاماق يەيلى ،مەيلى قۇملۇقتا تۆگە مىنەيلى ،مەيلى بىرەر پائالىيەت قىلايلى ،كانادالىق بالا ،تارتىنمايتتى ،ئالدىدا ماڭاتتى ،تولا سۇئال سورايتتى ،سىناپ باقاتتى ،ئۇيغۇر قىزى دائىم دادىسىنىڭ پشىغا ئىسىلىۋالاتتى ،نىمە ئىش بولسا دادىسىدىن سورايتتى ،ھىچنىمىگە قىزىقمايتتى .
ئۇيغۇر قىزىدىن سورىدىم .سىلەرگە مەكتەپتە نىمە دەرس ئۆتىدۇ ؟قىزچاق ،پىنيىن ،يۇۋېن شۇشۈ ،ئىلىپبە دەپ جاۋاپ بەردى .(ھە ،يۇۋېن دىگەننى تىل –ئەدىبىيات،شۇشۈ دىگەننى ماتىماتىكا دەيمىز،ياخشى ،ئەمىسە مەكتەپتە ئۈگەنگەن ئۆزىگىز ياخشى كۆرىدىغان مەلۇم بىر نەرسىنى بىزگە دەپ بىرەمسىز؟)قىزچاق بىردەم تۇرۇۋىلىپ ،خەنزۇچە بىر ناخشىنى باشلىدى .بىز قىزغا ئىلھام بىرىپ چاۋاك چالدۇق .ھەم ئۇنى ماختىدۇق .قىزدىن سىنىپ بويىچە نەچچىنچى ئىكەنلىكىنى سورىدىم ،ئۇ ئالدىنقى 5نىڭ ئىچىدە ئىدى .كانادالىق بالىدىن سورىدىم ،لىكىن ئۇلارنىڭ سىنىپىدا بۇنداق دەرجىگە تىزىش بولمىغاچقا بىلمەيدىغانلىقنى ئىيتتى .دادىسىنىڭ دىيىشىچە بالىسى سىنىپتىكى نۇرمال بالىلار قاتارىدا ئىكەن . ئاندىن كانادالىق دوستۇم ئۇيغۇر قىزىغا بىر نەچچە خىل نەرسىلەرنى ئۈگۈتىۋىدى ،ئۇيغۇر قىزى ناھايىتى تىزلا ئۈگۈنىۋالدى ،ۋە بىر نەچچە قىتىم تەكرارلاپ دەپ بەردى .كانادالىق بۇ قىزمۇ ئەقىللىق ئىكەن دۇنيادا دۆت بالا بولمايدۇ دە قوشۇپ قويدى .نىمە دىگەن چوڭ پەرق ،نىمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ ؟زادى نىمىشقا
ئەزىز قىرىنداشلىرىمىز ،مانا بۇ پەرق ،مانا بۇ ھازىرقى پەرزەنىتلەر ئەھۋالى ،مانا بۇ مىنىڭ ئىمتىھانىمنىڭ نەتىجىسى :
مەن بۇ يەردە كانادالىقلار ئەقىللىق ،ئۇيغۇرلار دۆت دىمەكچى ئەمەس .ئۇيغۇر باللىرىمۇ ئەقىللىق ،پىكىرلىك ۋە ئوماق
لىكىن ئۇلارنىڭ ئەقلى ،پىكرى ،نىرۋىسى ،بوغۇلۇپ قىلىۋاتىدۇ ،ئۇلارغا نە پىكىر قىلغۇدەك ،نە بىر نەرسىنى ئويلىغۇدەك ،نە سورىغۇدەك ۋاقىت پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ .
يالغان بولسا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشۇغا قاراپ باقايلى .قاق سەھەر تۇرۇپ ،ئىغىرلىقى ئىشىپ كەتكەن سومكىنى كۆتۇرۇپ ،مەكتەپكە كىتىدۇ ،كەچتە ھىرىپ كىلىدۇ ،تاپشۇرۇق دىگەن ساماندەك ،(ھە تاپشۇرۇق ئىشلە،ھە ئوينىما ،ھە كارتون كۆرمە )قاقشاپ تۇرۇمىز ،ھىلىقى تاپشۇرۇق تۈگەپ بولغىچە ،ئەسنەپ ئۇخلاپ قالىدۇ .مانا بۇ ئۇلارنىڭ كۇندىلىك ئەھۋالى ،.ئاتا –ئانالار بولساق بىرىنچى بول ،100 ئال ،دەپلا تۇرۇمىز ،باشقا بىلەن ئانچە كارىمىز يوق .
ئەلى قۇربان مۇئەللىم .بىر لىكسىيەسىدە ،(بىزگە سىنىپ بويىچە بىرىنچى بالا كىرەك ئەمەس،سىنىپ بويىچە قالتىس بالا كىرەك ) دىگەن ئىدى .ئويلاپ قالدىم .يۇقارقى مىسالدىكى ،ئۇيغۇر بالىسى سىنىپ بويىچە بىرىنچى ،كانادالىق بالا سىىنىپتا قالتىس بالىغا تەۋە بولسا كىرەك دەپ .
ھىس قىلىپ يەتتۇق ،بىزنىڭ باللىرىمىز ئەقىللىق بولسىمۇ ،پىكىرلىك ئەمەس ،يۈرەكلىك ئەمەس ،نىشانلىق ئەمەس ،ھەر جەھەتتىن يىتىشكەن ئەمەس،نىمىشقا ؟ بۇ گۇناھ بالىلاردىمۇ ،؟.....؟؟؟؟؟
ياق ،بالىلاردا ھىچقانداق گۇناھ يوق ،ئۇلار ئاپئاق قەغەز بىز نىمە يازساق شۇ چىقىدىغان ،ئۇلار مۇنبەت تۇپراق بىز نىمە تىرىساق شۇ ئۈنۈدىغان ،ئەمدىكى مەسىلە بىز ئۇلارنى تىخىمۇ ئەقىللىق ،پىكىرلىك ،قالتىس قىلالمامدۇق ؟
تامامەن مۇمكىن ،بالىلارنىڭ ،ئارزۇ –ئارمانلىرى كۆپ بولىدۇ ،ھەم خىيالى بولىدۇ .بىز ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارغا پىكىر ۋە ئويلىنىش يولى ئىچىپ بەرسەك بولىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ،ئائىلە، مەكتەپ ،جەمىيەت ،تەڭ ھەركەتكە كىلىشى كىرەك دەپ قارايمەن .كونكىرىت ئۇسۇللىرى مىنىڭچە مۇنداق بولسا،
1:ئائىلىدە ئاتا –ئانا پەرزەنىتلەرنىڭ بىرىنچى ئۇستازى ،ئۇلار بىز نىمە قىلساق ،شۇنى قىىلىدۇ،بىزنى دورايدۇ ،بىزدىن ئۈگۈنىدۇ،شۇڭا ،ھىلىقى قاتار چايغا،ھىلىقى ئولتۇرۇشقابارماي،كەچكىچە قاملاشمىغان تىلىۋوزۇرنى كۆرمەي ،تىلىفۇن ئويناپ ئولتۇرماي ،ئۇلارغا كۆپرەك ھەمرا بولساق ،پىكىرلەسسەك ،ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى ھەپتىدە بىر ،كىتاپخانا،پەن –تىخىنىكا سارىيى ،مۇزىي،بالىلار باغچىسى ،ھايۋاناتلار باغچىسى ،ئويۇن شەھەرچىسى،تەنتەربىيە مەركىزى دىگەندەك يەرلەرگە ئاپارساق ،ئايدا بىرەر قىتىم ئەھمىيەتلىك كىنو ،تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ،لىكسىيە دىگەن مەزمۇنلارنى كۆرسەتسەك ،2ئايدا بىر بولسمۇ ،ئانا تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرساق ،دەريا تاغ ئىتىز ئىرىقلارغا ئاپىرىپ گۈزەل تەبىئەت قوينىغا قويۇپ بەرسەك ،ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلەش بىلەن بىللە ،ئۆزىگە خاس ئويۇنلارنى ئوينىتىش ،ئۇمۇد غۇنچىللىرى ،ئادەم ۋە تەبىئەت،كارتون دىگەندەك ئۆزىگە ماس پىروگىراممىلارنى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلساق،ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ،سودا قىلىشنى ئۈگەتسەك ،ئاماللاربەك جىق بەك جىق ،بۇلارنى قىلىش تەسمۇ ،؟ياق ،ياق،راسلا ياق ،بۇنى قىلىش تەس ئەمەس ،ئىرادە قىلىپ ،تىرىشساقلا ئەگەر ،
2.مەكتەپ پەرزرەتلىرىمىزنىڭ بىلىم بۆشىكى ،مۇئەللىملەر ئۇلارنىڭ بىلىم بۇلىقى ،بالىلار مەكتەپتە خەنزۇتىلى ماتىماتىكا دىگەندەك ھەرخىل بىلىملەرنى ئۈگۈنىدۇ .بۇلارمۇ بەك مۇھىم ،ئۈگەنمىسە بولمايدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ،مەكتەپلەردە ھەرخىل كۇرزىكلار يولغا قويۇلسا ،تەبىئەت ،ئىلىم ـ پەن ،ئەخلاق دىگەن پەنلەرگىمۇ ئاساسى پەنلەردەك مۇئامىلە قىلىنسا،زىھىن سىناش،نۇتۇق سۆزلەش ،ھۆسنىخەت يىزىش ،تام دوسكا ئىشلەش دىگەندەك مۇسابىقىلەر ئۆتكىزىلىپ تۇرسا.تەنتەربىيە دەرسى چىڭ تۇتۇلسا،يازلىق ۋە قىشلىق لاگىرلارغا تەشكىللەنسە .
بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنى بەك چوڭ ۋە ئۇلۇغ بىلىدۇ .مۇئەللىملەر دەرىسنى ئەستايىدىل ئۆتۈش بىلەن بىللە .ھەر دەرس ئارلىقىدا 5مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ،بىرەر چۆچەك يا تىپىشماق ،بىرەر تەربىيەلىك ماقال –تەمسىل،بىرەر دۇنيادىكى مەشھۇر شەخىسنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بەرسە ،نۇزۇگۇم كىم؟ زوردۇن سابىر كىم ؟ نۇرزۇ بايرىمى قانداق بايرام ؟
،قانداق ئىسل ئادەتلىرىمىز بار؟دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان دۆلەت قايسى ؟قانداق تەرەققى قىلغان ؟ ۋا دەپ كەلسەك گەپ تولا ،مۇشۇلارنى قىزىقارلىق قىلىپ دەپ بەرسەك ،كىچىك بالىلارنىڭ قەلبىدە مۆھۈر بولۇپ قالسدۇ .
بەتلەپ بەتلەپ تاپشۇرۇقنى ئازراق بىرىش بىلەن بىرگە ،بىرەر نەرسە ياساپ كىلىش،يىزىپ كىلىش ،ئوقۇپ كىلىش،بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ كىلىش،دىگەندەك ئۆزى پىكىر قىلىدىغان تاپشۇرۇقلارنى قوشۇپ بىرىپ باقساق ،بالىلارنى دەرجىگە تىزىپ ،ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ،ناچار ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتمىسەك ،ئۇسۇللار بەك جىق ،بەك جىق ،بۇلارنى قىلىش تەسمۇ ؟ياق ياق قەتئى ياق .يۈرۇكىمىز ۋە ۋىجدانىمىزدا ئازراق ئوت بولسلا
3:جەمىيەت بالىللرىمىز ئۈچۈن بىۋاستە تەسر قىلمىسمۇ ،لىكىن ۋاستىلىك ھالدا بالىلارغا چوڭ تەسر قىلىدۇ .بالىلار جەمىيەتتىن جىق نەرسىلەرنى ئۈگۈنىۋالىدۇ .شۇڭا پۇتۈن جەمىيەتتە،بالىلارنى ئۆسمۈرلەرنى ،ئىززەتلەيدىغان ،ئاسرايدىغان،قوغدايدىغان كەيپىيات بولىشى كىرەك .ئۇلار ئۈچۇن ياخشى بىخەتەر گۈزەل مۇھىت يارتىش كىرەك .
تاماكا چىكىۋاتقان ئادەم ،ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگەندە تاماكىنى تاشلىشى كىرەك ،ئۇرۇشۇۋاتقانلار توختۇشى ،ئەخلاقسىزلىق قىلىۋاتقانلار بولدى قىلىشى ،مىھرىبان دوستانە بولىشى كىرەك .گەپ سۆزدە ئەخلاقىلىق ،ھەركىتى سىلىق بولۇشى كىرەك .چۇنكى بالىلار ئۇلاردىن بىلىپ بىلمەي جىق نەرسىلەرنى ئۈگۇنىۋالىدۇ .ئۇلار مىنىڭ بالاممىدى دەيسىز ؟خاتا
ئۇلار سزنىڭ بالىڭىز بولمىغان بىلەن مىللىتىڭىزنىڭ بالىسى ،سىزنىڭ كەلگۈسىگىز .
ئاماللار بەك جىق بەك جىق بۇنداق قىلىش تەسمۇ ؟ياق ياق مەڭگۈ ياق .ئادىمىيلىكىڭىز ۋە ئىنسابىڭىز بولسىلا
ئۇيغۇر پەرزەتلىلىرىمىر ئەقىللىق ۋە چىچەن .بىز ئۇلارنىڭ پىكرىنى بوغۇپ قويمايلى ،ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئىچىشقا ياردەم قىلايلى .كۆڭۈل بۆلەيلى ،ئەگەر كۆڭۈل بۆلمىسەك ،مىللەت ۋە كەلگۈسىمىزگە قەرىزدار بولىمىز ،جاۋاپكار بولىمىز .
ھەممە تەرەپ تەڭ كۈچ چىقارساق ، ،ئىقتىدارلىق ،ساپالىق ،پىكىرلىك تىخىمۇ قالتىس بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەۋلاتلارغا ئىرىشلمەيمىز دىيەلەمسىز ؟؟؟؟؟ .
ئاتاۋۇللا ئەداخون (سۈتچى)
2014 يىل 12ئاينىڭ -11كۇنى ئاتۇش