مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1122|ئىنكاس: 15

مەن يېنىڭدىن كەتكەن بىر كۈنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3025
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5924
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 11:29:32 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن يېنىڭدىن كەتكەن بىر كۈنى



ئەسلەرسەنمۇ جانانىم مېنى ،
مەن يېنىڭدىن كەتكەن بىر كۈنى.
ئىزدەرسەنمۇ-يايرىم سەن قېنى،
مەن يېنىڭدىن كەتكەن بىر كۈنى.

كەتتىم ساڭا ھىجران قالدۇرۇپ،
سۆيگەن ئىدىم ساڭا يالۋۇرۇپ .
نامەرت بولاي كەتمە قايغۇرۇپ،
مەن يېنىڭدىن كەتكەن بىر كۈنى .

پىنھان سۆيدۈم سېنى ئەبەدكە ،
كەتتىم چىداي قايغۇ- ھەسرەتكە.
ئويلارسەنمۇ قاراپ سۈرەتكە ،
مەن يېنىڭدىن كەتكەن بىر كۈنى .

ئايرىلىشتۇر شۇنچىلىك ئازاپ ،
قويالمايمەن كۆڭلۈڭنى ياساپ .
يىغلارسەنمۇ ئارقامدىن قاراپ ،
مەن يېنىڭدىن كەتكەن بىر كۈنى .

تىلىم ئاجىز دېيىشكە كەچۈر،
قىلدىم سۆيگۈ بېغىنى كەچكۈز.
ئۈنۇت مېنى ئۈمۈدۈڭنى ئۈز،
مەن يېنىڭدىن كەتكەن بىر كۈنى.

تەغدىر بىزنى قوشمىغان چېغى ،
باستى دىلنى ھىجراننىڭ دېغى .
ئويلا سۆيگۈ تەغدىر چاقچىقى ،
مەن يېنىڭدىن كەتكەن بىر كۈنى .


ئەپچىلەم يازمىسى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108049
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2014-6-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 01:08:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىتملىق شېئىر ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86595
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2186
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 01:27:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ئىشلىسىڭىز ياخشى بىر ناخشا تېكىستى بولۇپ قالدىكەن بۇ شېئىر.

دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمۈتىلىك بىلەن،    يۇرۇق كۈن تۇغۇلغاي قارا كېچىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87538
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 670
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 01:54:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل ، ئىسىل چىقىپتۇ ئۇكام . قولىڭىزغا دەرىت كەممىسۇن !

گەپ ئىغىزدىن چىقماستا ، گەپنى ئادەم باشقۇردۇ ، ئىغىزدىن چىقىپ بولغاندا ، گەپ ئادەمنى باشقۇردۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 02:18:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئېرچى بوپ كەتلىمۇ ئەپچىلەم قارى .

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110934
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 398
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-11-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 02:32:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپ قويۇپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111460
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 111
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2014-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 03:01:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناخشا تىكستى قىلغۇدەكلا شئىركەن

يامان يولدا باشقىلار ھەمراھ بولغاندىن،
يامان يولدا تەنھا ماڭغىنىم ياخشى…

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13063
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 1116 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 03:22:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يايرىم ئەمەس يارىم ئىدى ئاداش.

ئۇتۇق تاپقايسىلە! شېئىرلىرىڭلار ئۈزۈلمىگەي ئاداش!

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

سەبىرنىڭ چىكى غۇرۇر كۆتۈرگىچە.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72985
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2494
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 566 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 03:57:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Janbar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 03:22 PM
يايرىم ئەمەس يارىم ئىدى ئاداش.

ئۇتۇق تاپقايسىلە! شېئىر ...

يايرىم توغرا ....   ئىغىزتىلىدا يارىم دىيىلگىنى بىلەن يىزىقچە يايرىم  دەپ يىزلىدۇ ..........

سەبىرنىڭ چىكى غۇرۇر كۆتۈرگىچە...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102841
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1922
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 04:11:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nalazar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 03:57 PM
يايرىم توغرا ....   ئىغىزتىلىدا يارىم دىيىلگىنى بىلەن ي ...

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى زامان ئىملا قائىدىسىگە يەنە بىر قاراپ چىقسىڭىز بولغىدەك.   مۇشۇ مۇنبەرگىمۇ ئالدىنقى ئايدا ئۇستازىمىز ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئەپەندى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى زامان ئىملا قائىدىسى»  دىگەن تېمىدا بىر ماقالە يوللىدى،  ۋاقتىڭىز چىقسا كۆرۈپ باققايسىز.   جانبەر بۇرادەرنىڭ گېپى ئورۇنلۇق.

__ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقاي...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش