مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1386|ئىنكاس: 12

بېيجىڭ تۇيغۇلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90567
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 734
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2013-1-25
ئاخىرقى: 2014-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 10:18:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بېيجىڭ تۇيغۇلىرى


ئارمان


يول ئازابى گۆر ئازابى دەپ،
ئېيتىپتىكەن بۇرۇن ئەجداتلار.
راۋان بوپتۇ بۇگۇن بۇ يوللار،
بەخت كۆرەر ئەمدى ئەۋلادلار.

مېڭىشىنى ئوڭشىيالمىسا،
تۇز يولدىمۇ يىقىلار نادان.
تىلەكلىرىم ئاچقۇسى چېچەك،
تاتلىق بولۇر دىلدىكى ئارمان.

مۇڭدىشىش
ئۇچراپ قېلىپ ماڭا بىر بوۋاي،
دىدى:شىنجاڭ دىگەن ياخشى جاي.
ئاخشاملىرى باقساڭ كۆكىگە،
كۇلۇپ تۇرار يۇلتۇز بىلەن ئاي.

شاش ھەم تۇرگۇن يايلىقىدا تاي،
ئۇ يەرلىكلەر مۇھەببەتكە باي.
خىرىس قىلىپ كەلسىمۇ جاپا،
ئۇلار ئەسلا دىمەيدۇ ئاھ–ۋاي...

مۇھەببەت بار بۇ يەرلەردىمۇ،
يوقتۇر لېكىن چۆل–جەزىرە،ساي...
مېھمان بولۇپ كەلسەڭ ئۆيۇمگە،
ئۆز دەپ سېنى كۆڭلۇڭنى ئالاي.

رەھمەت، دىدىم ئۇنىڭغا دىلدىن،
ئەي ئاقساقال، ئاغزىڭىزغا ماي.
قەدرى بولۇر تاشنىڭمۇ سايدا،
ئەسلەڭ، مەنمۇ يۇرتۇمغا قايتاي...

ھەيرانلىق
–گەپ ئاڭلا!
ئاڭلىمىساڭ گېپىمنى!
سېنى ئەمدى بالام دىمەيمەن!
قارىسام،
يېنىمدىنلا ئۆتتى بىر ئايال،
شۇنچە لەرزان، نازاكەت بىلەن،
كۆرۇنمىدى ئۇنىڭ بالىسى...
ئەگىپ يۇرەر يېنىدا لېكىن،
ئاپئاققىنە پىستە بىر كۇچۇك.
يىراقلارغا ئۇزىدى ئۇلار،
كۆرىنمەيلا قالدى قارىسى.
ئۆز–ئۆزۇمگە قويدۇم پىچىرلاپ:
–يوقمۇ ئۇنىڭ يۇرەك پارىسى؟...                                                
        ماۋجۇشى خاتىرە سارىيىدا

سانسىز ئادەم قوللىرىدا گۇل،
سۇكۇت بىلەن قىلىشتى سالام.
بەش يۇلتۇزلۇق بايراق يېپىنچا،
ئۇ مەڭگۇگە ئېلىپتۇ ئارام.

ئەلنى سۆيگەن ئەلنىڭ قەلبىدە،
ئۆلسىمۇ گەر ياشار تىرىكتەك.
ئەلگە ئۆڭۇپ تىغ كۆتۇرگەنلەر،
كۆرۇنىدۇ ھەر چاغ ئۆلۇكتەك.

ياشىسىمۇ كىشى ئەسرلەپ،
كىرىدىكەن لەھەتكە يەنە.
ئەينەك ساندۇق ئىچىدە دانا،
ئېرىشمەكتە ھۇرمەتكە ئەنە!

قەپەزدىكى يولۋاس
(بېيجىڭ ھايۋاناتلار باغچىسىدا)

ياتار ئۇزۇن سوزۇلۇپ يولۋاس،
بۇ تۇرمۇشتىن بىزار بولغاندەك.
توۋلىساممۇ قىلمىدى پەرۋا،
بىر كىملەردىن ئازار يىگەندەك.

جۇپ كۆزىنى يۇمۇۋاپتۇ چىڭ،
ئادەملەرنى كۆرمەي دىگەندەك.
ئويچان تۇرقى بىلىندى ماڭا،
ئورمانلارنى چۇشەپ ياتقاندەك.

نەزەر
قەۋەت–قەۋەت ھەشەمەت بىنا،
ئەتراپىمدا بارچە ناتونۇش.
شۇنچە گۇزەل مەنزىرە لېكىن،
ئاۋارىمەن تاپالماي تونۇش.

چۈمۈلىدەك ئۆتەر ماشىنا،
نەگە بېرىپ، توختار قەيەردە؟
تىرىكچكلىك چاپتۇرىدىكەن،
ئادەملەرنى ھەممىلا يەردە.

يالغۇز قالساڭ يات بىر شەھەردە،
بىلىنىدۇ دۇنيا سېنىڭدەك.
سېغىنىشنىڭ ئوتىدا كۆيۇپ،
يۇرگەنلەر كۆپ بەلكىم مېنىڭدەك.

يالغۇزلۇقتىن جاق تويدۇم ئەمدى،
ياشاي سىرداش، دىلداشلار بىلەن.
بىلىنمەيلا ئۆتەركەن كۇنلەر،
يۇرتداشلار ھەم مۇڭداشلار بىلەن.

بېيجىڭدىكى قوغۇنچى بالا

بېيجىڭدىكى قوغۇنچى بالا،
«تېتىڭ، قومۇل قوغۇنى بۇ» دەپ،
تۇتتى ماڭا كۆزىدە شادلىق.
ۋىچىرلىشىپ كەتتۇق ئىككىمىز،
ئارىدا يوق قىلچىلىك ياتلىق.
جاغدا، كۆكچى، بېشەكچىنى ھەم،
قوغۇنلۇقتا يىگەن چېغىمدا،
بىلىنمىگەن بۇنچىلىك تاتلىق.
كۆزلىرىمگە سۇرتكىدەك بولدۇم،
يۇرتۇمدىكى بارچە نەرسىنى،
بولغۇم كەلدى قۇشتەك قاناتلىق...

سەددىچىن سېپىلى ئۇستىدە
سەددىچىنغا چىقمىغان ئاتالمايدۇ ئەر
–ماۋزېدۇڭ.
قاتمۇ– قات تاغلارنىڭ ئۇستىدە،
يىلاندەك سوزۇلغان سەددىچىن.
يېشىللىق بۇ يەردە بۇككىدە،
ئاجىزنىڭ چىقمىقى بەك قىيىن.

تارىختىن يادىكار بوپقالغان،
بۇ سېپىل غەرپكە سوزۇلغان.
بەھەيۋەت مۆجىزە بولۇپ ئۇ،
ئەلنىڭ قان–تەرىدە قۇرۇلغان.

سەددىچىن سېپىلى ئۇستىدە،
ئەتراپقا ھۇرمەتتە تىكىلدىم.
يۇرەكتە ئۇلغايدى مۇھەببەت،
ئەجداتلار روھىغا ئىگىلدىم.

چىقساڭ گەر يۇكسەككە ئەي كىشى،
ئۇنۇتمىغىن زىمىننى–يەرنى.
ئەر دىمىگىن ئەر بولساڭ ئەگەر،
ئەل ئوتىدا كۆيمىگەن ئەرنى.

يۇەنمىڭيۇەن
(بۇ باغ 1860–يىلى 10–ئايدا ئەنگىلىيە، فىرانسىيە
بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن دەھشەتلىك كۆيدۇرۇلگەنىكەن)

ناخشا ئېيتار تىنماس بۇلبۇلى،
چايقىلىدۇ زۇمرەتتەك كۆلى.
قىزىل، سېرىق، ئاق ھەمدە سۆسۇن،
ئېچىلىپتۇ نىلۇفەر گۇلى.

قوشماق بولۇپ ئۈزەر ئۆردەك، غاز،
قۇشلار مۇڭلۇق چېلىشىدۇ ساز.
ئۇزۇلمەيدۇ سەيياھ ئايىقى،
مەپتۇن قىلغاچ بارچىنى بۇ ياز.

مەجنۇنتاللار تارار چېچىنى،
ئۇسۇل بىلەن خۇشتۇر كېپىنەك.
ھايات دىگەن تاتلىق نەقەدەر،
ئۈمۈت بىلەن سوقسا ھەر يۇرەك.

تولا ئىكەن يوپۇرمىقىدىن،
ئالما، نەشپۇت ھەمدە شاپتولا.
كۆرىنىدۇ ئالتۇن تەڭگىدەك،
مەي باغلىغان سانسىز ئەينولا.

بىر چاغلاردا قۇزغۇن ئەشەددى،
بۇ باغچىنى قىلىپتۇ ۋەيران.
نىمە ھەققى باركىن ئۇلارنىڭ؟!
دەپ يەرلىكلەر بولۇشقان ھەيران.

ئىشچان خەلق ئاققۇزۇپتۇ تەر،
بۇ باغچىغا بۇگۇنگە قەدەر.
بۈك–باراقسان يېشىللىق بىلەن،
چىرايلىقكەن يەنە بۇ شەھەر.

مەنبە:ئۆزۈم.2009-يىل8-ئاي،بېيجىڭ.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111631
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2014-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 12:35:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2012-2013  بېيجىڭغا كەلگەن بۇلسىڭىز بىر قۇللۇق ئۇزۇم ئايلاندۇراتتىم ئەمەسمۇ


ھازىرمۇ ھەم شۇ كەلسىڭىز قارشى ئالىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1221
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 12:53:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئوبدان يېزىپسىز، چىن ھېسسىيات ھەقىقىي ئىپادىلىنىپتۇ.

قايتىلانماس ھېچكىم ھېچنېمە، قالار پەقەت شېرىن ئەسلىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87538
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 670
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 01:49:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى بۇرۇن يىزىپ قويۇپتىكەنسىزدە ...  ياخشى يىزىپسىز . كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە ، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول .

گەپ ئىغىزدىن چىقماستا ، گەپنى ئادەم باشقۇردۇ ، ئىغىزدىن چىقىپ بولغاندا ، گەپ ئادەمنى باشقۇردۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111460
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 111
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2014-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 03:04:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شئىركەن  قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

يامان يولدا باشقىلار ھەمراھ بولغاندىن،
يامان يولدا تەنھا ماڭغىنىم ياخشى…

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104157
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2014-2-26
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 03:10:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىدەي مانىڭغا.......................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105021
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 402
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 03:16:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شىئىرىڭىزنى شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلدۇرسىڭىز بوپتىكەن.

ئۈزەڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي.

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1068
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14059
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 517 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 06:02:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر كەلسىڭىز ئۇ چاغلاردىكى تۇرمۇشتىن ئەسلا ئەسەر يوق.بىنالار تىخمۇ ئىگىزلەشكەن ،قۇغۇنچى باللار نەچچە ھەسسە كۆپىيىپ كەتكەن ،شىنجاڭرىن لارغا سىياسەت تىخمۇ چىڭلىشىپ كىتىۋاتقان ......................

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5650
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 08:03:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ساياھەت خاتىرىسىنى ئوقۇۋىتىدىغان بولدۇم دەپ ئالدىراش كىرىپ كەپتىكەنمەن

ياخشى چىقىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 09:35:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېيجىڭ تەسىراتى دېسىلە .شىنجاڭ ياخشى جاي .ساياھەتمۇ بولىدىغان ئىش .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش