مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1629|ئىنكاس: 7

ئېيتىلمىغان ناخشىلار2 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61204
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11424
تۆھپە نۇمۇرى: 1990
توردا: 413 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 01:50:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


      سەندىن بىلەككە

ئارزۇ - ئارمان تولدى يۈرەككە،
يۈرەك ئويدۇم نەچچە تىرەككە.
تەغدىر ساڭا پۈتتىمۇ قانداق،
كۆيگىنىم يوق سەندىن بىلەككە.

قانداق چارە قىلدىڭ بىلمىدىم،
نەچچە سېنى ئۇنتۇدى دىدىم،
كۈندە سىنىڭ غېمىڭنى يىدىم،
كۆڭۈل بەرمەي سەندىن بىلەككە.

ئۆزۈڭ كەلمەي خەتلىرىڭ كەلدى،
خېتىڭ نۇرغۇن دەرتلەرنى بەردى،
يامان ئىكەن سۆيگۈنىڭ دەردى،
كۆندۈرمەس ئاھ سەندىن بىلەككە.


             باراي كەلمىسەڭ


دەردىڭدە يۇلتۇز ساناي كەلمىسەڭ،
يولۇڭغا  تەنھا  قاراي  كەلمىسەڭ.
ئىككىمىز تىككەن سۆيگۈ گۈلىنى،
ئۈزۈپ يېنىڭغا باراي كەلمىسەڭ.

بەلكىم يوللۇرۇڭ تاغلىق-داۋاندۇر،
يولنىڭ ئازابى گۆردىن ياماندۇر،
ئاشىقسىز دۇنيا ئاخىر زاماندۇر،
داۋاندىن ئۆتۈپ باراي كەلمىسەڭ.

يۇلۇڭدا يارىم قالدىم كىچىدە،
سېغىنىش بىلەن دەرتنىڭ ئىچىدە،
سۆيەلمەي سېنى يۈرۈگۈم زېدە،
ۋىسالنى كۈتۈپ باراي كەلمىسەڭ.




ئالدىڭ يىگىتنىڭ جانىنى



سۆيگەن گۈلۈم شەيتانلىقىڭ،
ئالدى  كۆڭۈلنىڭ  بارىنى.
ئاھ ، ئەجەپ ئاڭلاتمىدى،
ساڭا  دىلمنىڭ  زارىنى.

ۋەيران كۆڭۈل ئوڭشالغۇچە،
چەكتىڭ دىلىمنىڭ تارىنى.
باشتا كۆيۈپ يۈرۈپتىمەن،
بىلمەي ئېقىنى - قارىنى.

ھەممە كىشى يىغلامدىكەن،
سۆيمەي تۇرۇپلا يارىنى.
كۆزۈڭنى بىر قىسماي تۇرۇپ،
ئالدىڭ يىگىتنىڭ جانىنى.




مەنبە-ئابلىكىم قاراقاش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3228
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 09:33:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناشقا   دىسلە

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6354
تۆھپە نۇمۇرى: 510
توردا: 1941 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 10:21:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىشلىق ناخشا تىكىستلىرى بوپتۇ، يۈرەكنى چەككىدەك كۈيلەرگە يانداش بولىشىغا تىلەكداشمەن. ،

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2759
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 494 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 11:03:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېىرىڭىز يېقىشلىق ئىكەن.نوتىغا سېلىپ ئۇقۇسا تېخىمۇ ياخشى چىققۇدەك،
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90061
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 872 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 06:27:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىتىملىق شېئرلاركەن...

دىل بېرىپ بىر دىلنى قۇل قىلالىساڭ ،ئەۋزەلدۇر يۈز قۇلنى قىلغاندىن ئازاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4906
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 08:04:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ...

ھەر كاللىدا ھەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18253
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7067
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 1393 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2014-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 09:26:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ياخشى
داۋاملىق كۆرۈپ تۇرساق دەيمەن شىئېرىڭىزنى .

گۈزەللىك ئىزدىمە ، ئۇ قەلبىڭدە .......................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 10:56:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلەككە دەپ ئەمەس بۆلەككە دەپ يېزىلسا توغرا بولاتتى!.. تىرىشىڭ!. بۇندىن كېيىن ئىملاغا بىر ئاز دىققەت قىلارسىز!..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش