سىنىڭدىن ئۆزگىنى كەلمەيدۇ كۆرگۈم
ئاپپاق قار ئۈستىدە ھىجران لەززىتى،
قۇشۇلۇپ كۈزۈمدە يىغلايدۇ يۇم-يۇم.
قۇياشنىڭ نۇرىنى تۇسسا بۇلۇتلار،
شۇھامان يىنىڭغا كىلىدۇ بارغۇم.
تەلمۈردۈم يۇلىڭغا ئارمانلار بىلەن،
كۈتۈشلەر قوينىدا گۈللەرنى تىزىپ.
ئۈنۈممۇ گاھىدا جاۋاپسىز قالدى،
سەن مىنگەن ئاق تۇلپار شىدەتتە چېپىپ.
ئىزىڭغا مىنگىشىپ ھەربىر دەقىقە،
دېڭىزدەك مېھرىمدە ماڭدىم مەن قاتتىق.
ياشلىرىم چۈشتى بەزىدە گاھ ئېقىپ،
قۇدۇقنىڭ سۈيىدەك ئاچچىق ھەم تاتلىق.
ھەرتۇيغۇم باغلانغاچ مىېھرىڭگە بەردەم،
تاغلاردىن ھالقىيدۇ سېغىنىش سۈزۈم.
شامالنىڭ جىلۋىستەك قېقىپ دىلىمنى،
سۆيگۈدىن پۈتۈلەر ھەربىر پۈتۈكۈم.
ئاۋازىڭ ئوت قويغان يۈرەك ئېچىشىپ.
يىقىملىق شېئىردەك كىلاستىك سەزگۈم.
بەختىمسەن ،تەختىمسەن ھەرمىنۇت مىنىڭ،
سېنىڭدىن ئۆزگىنى كەلمەيدۇ كۆرگۈم.
مەنبە قەلىمىم