ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1190.8 دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1238.45 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1187.22 دوللا ر بازار يېپىلىش باھاسى 1222.66 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 88.51 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1199 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەمەلدارلار قارار ھەپتىلىكىنىڭ بىرىنچى سودا كۈنىدە ، ئاساسلىق بازارلار چۈشۈش ھالىتىنى كۈتۈۋېلىپ ، ئالتۇن كۈمۈش بىرلىكتە چۈشۈش يۆلىنىشىنى كۆرسەتتى . خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى داۋاملىق ئاساسلىق بازارلارغا تەسىر كۆرسەتتى . FED ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىدە كەڭ پۇل سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى سىگنالىنى بەردى ، شۇنىڭ بىلەن دوللار يۇقىرى ئۆرلەپ ئالتۇن باھاسىغا پادىسىز بولدى . بۈگۈن بازار كۈچلۈك بوران-چاپقۇننى كۈتۈۋالىدۇ . ئاسىيا بازىرىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسى ئېلان قىلىدىغان يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسى ، ئەگەر ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش مۆلچەرىنى بىلدۈرسە ئاۋسترالىيە دوللىرى ئېھتىمال داۋاملىق بېسىمغا ئۇچراپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بولىشى مۇمكىن . ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەر ئېلان قىلىدىغان بىرقاتار PMI سانلىق مەلۇماتلار ، گېرمانىيە PMI ئىقتىساد گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى ، ئەگەر ياۋرو رايونى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئاجىز چىقسا ، ئۇ ھالدا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا تەرەپ ئېلان قىلىدىغان بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار ، بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ ياخشى يامان بولىشى كېچىلىك بازارنىڭ يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى 1193-1199 دوللار ئارىقىدا تەۋرەندى ، ئاسىيا بازىرىدا 1201-1199 دوللار ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1195-1190 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
2. ياۋرۇپا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1203-1206 دوللار ئەتىراپىغا چىققاندا چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1195-1190 دوللار غىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
3. بىر كۈن ئىچىدە بىرىنىجى قىتىم 1190 دوللارغا چۈشسە ھەمدە 1190 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە شۇ ئەتىراپىدىن ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1198-1200 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ . ئەگەر 1190 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1185-1183 دوللار ئەتىراپىغا چۈشكەندە قىسقا ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 10 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
4. مەن ئالدىنقى ھەپتىلەردىمۇ دەپ ئامىرىكا روجىستىۋا بايرىمىدىن بۇرۇن دوللارنىڭ قىممتىنى يۇقىرى باھادا ساقالپ قالىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش بوشلۇقى چەكلىمىگە ئۇچىرايدۇ ، يىڭى يىلدىن كىيىن ئالتۇن بۇ توسالغۇدىن خالاس بولىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1208 ،1200
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1190 ،1180
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1180-1208
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1180
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1210
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 88.50 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەپ 1198 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، نيۇيورك ۋاقتىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 2% تۆۋەنلىگەن ، خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى بۇ ھەپتە ئۆتكۈزىدىغان يىغىنىدىن بۇرۇن كۈچلۈك بولىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە تەسىر كۆرسەتتى . دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا خام نېفىت 5 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى . ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ، ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئىقتىساد ئېشىشى ئازايدى ، دوللارنىڭ كۈچلۈك يۆلىنىشى 2015 - يىلىغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن . يىل ئاخىرىنىڭ يېقىنلىشىشى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم پەيدا قىلماقتا . ئاسىيا بازىرىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسى ئېلان قىلىدىغان يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسى ، ئەگەر ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش مۆلچەرىنى بىلدۈرسە ئاۋسترالىيە دوللىرى ئېھتىمال داۋاملىق بېسىمغا ئۇچراپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بولىشى مۇمكىن . ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەر ئېلان قىلىدىغان بىرقاتار PMI سانلىق مەلۇماتلار ، گېرمانىيە PMI ئىقتىساد گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى ، ئەگەر ياۋرو رايونى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئاجىز چىقسا ، ئۇ ھالدا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا تەرەپ ئېلان قىلىدىغان بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار ، بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ ياخشى يامان بولىشى كېچىلىك بازارنىڭ يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .