يىـڭى ئــەزا
كۆزلىرىڭدىن دۇنيارىمنى كۆرگۈم بار ئىزدەيمەن كىچىلەردىن ئۆزۈمنى. سوراقلايمەن خىياللاردىن ئۆزۈمنى. سايەمگە سۇئال تاشلىدىم نەچچە، ھىچ كۆرمىدىم كۆزلىرىڭدە كۆزۈمنى. بۇلۇتلاردىن ئەگىپ ئۆتتى خىيالىم، ئورمانلاردىن يازنى چىلاپ كەلگۈچە. قوشۇماڭنىڭ تۈرۈلگىنى قىش ئۈزى، كىتىپ قالما باھار پەسلى كەلگۈچە. ھەسەن ھۈسەن يەتتە رەڭدە چىققاندەك، نۇرغا توشقاي قەلبىڭ شۇنچە رەڭ بىلەن. قۇياش چىقسا ئاي يۇلتۇزلار پاتىدۇ، كىتىپ قالما قالغىن يالغۇز مەن بىلەن. سەنمۇ كەتمە!يۇلتۇز ساقىپ چۈشمىسۇن، جۇدۇنلارمۇ ئاستا قايتسۇن باھاردا، كۆزلىرىڭدىن دۇنيارىمنى كۆرگۈم بار. ئارزۇلاردا نەگۇناھ كۆڭۈل بويلاپ ماڭغاندا. 2014-14-دىكابىر (قاھىرە) كۆل ئوغلى
پاش قىلىش
ئۆتكەن ھەر بىردە
ئالىي ئەزا
مەستانە ئـــەزا
دائىملىق ئــەزا
faruh193 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 11:16 AM تېما ئىگىسى ---------------- سىز ھازىر مىسىردىمۇ ؟؟؟
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ