ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،ھەممىمىزگە مەلۇم يېقىندىن بېرى كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمزنىڭكى سېرىق ئېلان توغۇرسىدا بولىۋاتقان پاراڭلىرىغا نەزەر سېلىپ قالدىم ۋە مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگۈم كەلدى، خوش ئەمىسە دىققەت:
سۇئال:سېرىق ئېلان قەيەردىن كەلدى؟ۋە كىم بۇ سېرىق ئېلاننى پەيدا قىلىپ قويدى ؟سېرىق ئېلاننى نىمىشقا چىقىرىپ قويىدۇ ؟
جاۋاپ:ھەممىمىزگە مەلۇم بەيدۇ تورى دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇپۇزلۇق تور بىكەت،چىقىۋاتقان سېرىق ئېلان شۇ بەيدۇ تورى قارمىقىدىكى ئېلان سۇپىسىدىن چىقىۋاتىدۇ ،مەن بۇيەردە بەيدۇ ئېلان بىرلەشمىسى ھەققىدە ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي: بەيدۇ ئېلان بىرلەشمىسىنىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ھالىمۇ ئانچە ياخشى بولمىغانلىقتىن كۆپلىگەن ئېلانلىرى يەنىلا شۇ ساختا دورا ئېلانلىرى بىلەن لىق تولغان.....ئېيتىشلارغا قارىغاندا بەيدۇنىڭ 40% كىرىمى جىنسىيەتكە ئائىت ساختا دورىلاردىن كىرىدۇ ،
مەن بۇيەردە بەيدۇ ئېلانىنىڭكى ھەممىسى سېرىق ئېلان دىمەكچى ئەمەس ،بىزگە پايدىلىق ئېلانلارمۇ خېلى كۆپ
تور بىكەتكە ئېلان قويغۇچى ئۆزى قەستلەپ مۇنداق ئۇنداق سېرىق ئېلانلار چىقسۇن دەپ چىقىرۋالمايدۇ
بەيدۇ ئېلان بىرلەشمىسى ئۆزى ئاپتۇماتىك چىقىرىپ قويىدۇ ،لىكىن بۇنى توسۇشنىڭ نۇرغۇن ئامالى بار
بىكەت ئاچقۇچى ئېلان باشقۇرۇش كۆزنىكىدىن تەڭشىۋەتسە خېلىلا كۆپ ئازلايدۇ 100% يوقايدۇ دىمەك تەس ئۇنى چەكلەپ تۇرسا بۇ چىققان بۇنى چەكلەپ تۇرسا ئۇ چىققان ئىشقىلىپ ئامال بار سېرىق ئېلانلىرىنى توسۇشنىڭكى
بەزىلەر دەيدۇ تور بىكەت ئاچقۇچىلار بەك جىق پۇل تاپىدۇ بىر ئادەم كىرسە توربىكىتىگە ئۇنچىلىك مۇنچىلىك پۇل كىردۇ تور بىكەت ئاچقۇچىلارغا دىگەندەك ئېلىپ قاچتى گەپلەرنىمۇ خېلىلا ئاڭلاپ تۇرىمىز ،لىكىن بۇ تۈپ ئاساسى يوق قۇرۇق گەپ ،
ئۇنداق بولسا تور بىكەت ئاچقۇچىلار قانداق كىرىم قىلىدۇ دىگەن سۇئال پەيدا بولدى
بۇنىڭ جاۋابى تور بىكەت ئاچقۇچىلار ئېلاندىن كىرىم قىلىدۇ
بەلكىم بۇيەردە بەزى تورداشلىرىمىز شۇ سېرىق ئېلاننى قويمىسا زادىلا پۇل تاپاممايدىكەنھە دەپ قېلىش مۇمكىن،ئۇنداقمۇ ئەمەس ،تور بىكەتتىكى مەزمۇننى ئاۋاتلاش تۇرۇپ كۈندىلىك زىيارەت مىقدارىنى مەلۇم چەككە يەتكۈزسىڭىز،ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى شىركەت خوجايىنلىرى ۋە شەخىسلەر ئېلان بىرىشى مۇمكىن
تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مۇرى بىلىدۇ دىگەندەك بۇ ئىشلارنى تور بىكەت قۇرغۇچىلار ياخشى بىلىدۇ
ئۇيغۇر تور بىكەت ئاتامانلىرىنىڭكى بەيدۇ ئېلانىنى قۇيۋېلىشتىكى بىر مۇددىئاسى ئۇيغۇر شىركەتلىرى ۋە شەخىسلىرىنىڭكى قوللىماسلىقىدىكى ئالاھىدە بىر سەۋەپ ،
ئەسلى مۇشۇ شىركەت ۋە شەخىسلىرىمىز ئېلانلارنى تىلىۋېزور ۋە رادىئولارغا بەرگۈچە ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنى قوللاپ قۇۋەتلەپ بەرسە بەلكىم بۇ ئىشلارمۇ تىلغا ئېلانمساتى ۋە يۈزبەرمەسلىكى مۇمكىن ئىدى
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ئۇنداق سېرىق ئېلانلار تولا چىقىۋالىدىغان تور بىكەتلارنى سۆكۈپمۇ يۈرمەڭ ۋە ئۆزىڭىزمۇ كىرمەڭ باشقىلارغا تەۋسىيەمۇ قىلماڭ،بىزدە ئېلانسىز تور بىكەتلەر كۈرمىڭ شۇلارغا چىقىپ مەزمۇنلاردىن ھەقسىز پايدىلىنىڭ،
ئاددىغىنە بىر كىچىك ماقالە خەۋەر ياكى كىنو تور بىكەت قۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك ئەجىر ۋە ئىقتىساد كىتىدىغانلىقنى مەن سۆزلەپ بىرەي ،
1. تور نامى ئالسىز xxxx.com-xxxxx.cn-xxxx.org-xxxx.net-xxxx.biz دىگەندەك تور نامىنىڭ يىللىق باھاسى تۈۋىنى 40 يۈئەندىن باشلىنىدۇ يۇقۇرىسى 400.500 يۈئەنگىچە (بىر يىللىق) ھە
2.ئەن نۇمۇرى كىتىدۇ يەنى كىنىشكە مىسال (پىراۋسىز شۇپۇر بولسىڭىز سەپىرىڭىز قانچە ئۇزۇنغا بارماقچى) دىگەنگە ئوخشاش گەپ شۇ
3.بوشلۇق ئالىسىز تۈۋىنى 400-500 يۈئەندىن ھەتتاكى 8000-9000 يۈئەنگىمۇ چىقىپ كىتىشى مۇمكىن (بىر يىللىق)
4.تور بىكەت سېستىمىسى قاچىلايسىز ،بۇنىڭكى مۇقىم باھاسى يوق تور پىروگىراممىسىدىن خەۋىرىڭىز بولسا ئۆزىڭىز تۈزۈپ چىقىسىز ،ئەگەردە خەۋرىڭىز بولسمىسا خەۋىرى بارلارنى ئىزدەيسىز ۋە ئۇلارغا ئىقتىسادى قىممەت يارىتىشپ بىرىش نەتىجىسىگە ئۆزىڭىزنىڭكى ئىشىڭىزنى ئالدىغا يۈرۈشتۈرگۈسىز تۈۋەن سومما 700.800 يۈئەندىن باشلاپ بىر يۈز مىڭ يۈئەنلەرگە چىقىپ كىتىدۇ ،ئىشقىلىپتا ئىھتىياجغا بېقىپ ئىش كۈرىسىز (بۇ يىللىق ياكى ئايلىق كۈنلۈك ئەمەس پەقەت سىزنىڭكى ئىـختىيارىڭىزدىكى ئىش)
مۇشۇ جانلىق 4 تۈرنى تاماملىغان ۋاقىتتا ئاندىن بىر تور بىكەت ھۇجۇتقا چىقىدۇ لىكىن مۇشۇ 4 تۈرنى تاماملاپ قويغان بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ،تور بىكىتىڭىزنى مەزمۇنلار بىلەن تولدۇرسىز ،بوممىسا قانداقمۇ بىرەرسى سىزنىڭكى مەزمۇن يوق تور بىكىتىڭىزگە قەدەم باسسۇن .
يەنە دەيدىغىنىم:بۆلگۈنچىلىك قىلىشمايلى بىرسى بىرسىمىزنى ئورۇنسىز ئەيىپلىمەيلى،
ئۆز قەلىمىم:يېزىقچىلىق قابىلىيىتىم چەكلىك بولغاچقا مۇشۇنچىلىك يازالىدىم
2014-12-16 (خوتەن)
Master5321@163.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Mrdon456 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-16 08:12 AM