|
|
|
|
كۆيمەكتە دىكابىر ئاينىڭ نۇرىدا.
يۇلتۇزلار ئاسماندا تۇرار كاسىلداپ ،
تولۇنئاي بۇلۇتنى يۆگەر بوينىغا .
بىر ئۇششۇق سوغۇقتىن بولغاچ بىشارەت،
كىرمەكتە جاندارلار قارنىڭ قوينىغا .
يالاڭاچ باغلاردىن قاچماقتا سادا،
قاتماقتا دەرەخلەر ھېجايغان پېتى.
كىم ‹ باھار › خېتىنى تۇرار ھەجىلەپ ،
بەك ئاستا ئوقولدى تەقدىرنىڭ خېتى.
ناخشىلار قولقاپتىن چىقماقتا ئاران ،
بىر مۇڭلۇق ئاھاڭنى تۇتتى نېپىز مۇز .
قىزارغان قۇلاققا تاقاپ نائۇشنىك ،
مەشلەرنىڭ ئىچىدە تەرلەيدۇ توموز .
تۇيۇقسىز توكورلاپ توڭلىدى ئاۋاز ،
بىر پەسىل پارقىرار سۆيگۈ ھورىدا ،
بىر كاللەك مۇز پېتى خۇدىنى بىلمەي ،
كۆيمەكتە دىكابىر ئاينىڭ نۇرىدا.
ئۈششىدى خىياللار ،ئۈششىدى ئۈمۈد ،
تەگمەكتە زوكاملار سېزىمچان تەنگە .
دۇنيادىن قايتماقتا ياشاش لوگىكا،
بىر ئەركىن تەپپەككۈر چۈشمەكتە غەمگە.
مەيلىمۇ ئۆزىنىڭ بىلمىدۇق لىكىن ،
دىكابىر قويىدۇ قۇياشنى يالاپ .
ئويلىساق ئاغرىنىش ئارتۇقچە ھېسكەن .
بەزىدە سوغۇقنى قالىمىز خالاپ .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahwanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-16 01:34 AM
|
|
|
|
|
|