ئالى بابا داۋالاش ساھەسىگە كىردى، دوختۇرخانىلارنىڭ «ئىشى» چاتاق
مەنبە : ساغلاملىق تورى | يوللىغان ۋاقىت : 12-12-2014
كېسەل كۆرسىتىش—رېتسېپىنى سۈرەتكە تارتىش—رېتسېپىنى توردا ئەۋەتىش—دورىخانىلار باھا قويۇش —دورا شىركىتىنى تاللاش—دورىنىڭ كېلىشىنى ساقلاش» بۇ جەريانلار قارىماققا تاۋباۋدىكى مال سېتىۋېلىش جەريانىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن مەزكۇر ئەپ (APP) ئارقىلىق ئادەتتىكى دورىلارنىلا ئەمەس ھەتتا رېتسېپلىق دورىلارنىمۇ سېتىۋالغىلى بولىدۇ.
11-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئالى بابا گۇرۇھى قارمىقىدىكى «ئالى ساغلاملىق(阿里健康)» يان تېلېفون ئەپ (APP) ى ئېچىۋېتىلدى، تۇنجى سىناق نۇقتا شىجياجۇاڭ شەھىرى بولۇپ، سېتىۋېلىنغان دورا باھاسى 30 يۈەنگە يەتسە 20/10/5 يۈەنلىك تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. 39 ساغلاملىق تورى (健康网 39) نىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئالى بابانىڭ پەقەت سىناق نۇقتا شەھىرىدىكى تولۇقلىما بېرىشتىن ئىبارەت بىر تۈرگە سالغان مەبلىغى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 200 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.
ئالى بابانىڭ پىلانى بويىچە، مەزكۇر ئەپ ئالدى بىلەن شىجياجۇاڭدا سىناق قىلىنغاندىن كېيىن، خاڭجۇدا ئېچىۋېتىلىدىكەن، شۇنداقلا بىر ئاي ئىچىدە يەنە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، چۇڭچىڭ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا كېڭەيتىلىدىكەن.
سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بازار تەرتىپى مەھكىمىسىنىڭ سابىق كۆزەتكۈچىسى ۋېن زەيشىڭ (温再兴) نىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر «ئالى ساغلاملىق» نىڭ تىجارەت ئۇسۇلى ئومۇملاشسا، دوختۇرخانا بىلەن دورىنى ئايرىۋېتىشتىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئۈنۈملۈك يول بولۇپ قالىدىكەن.
ئانا تىلىمىزدىكى ئەڭ كەسپىي ئىقتىسادىي ئۇچۇر تورى _ ئەرقال تاراتقۇسى: www.erqal.com
ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپلىرىنى يانفونىڭىزدىكى ئەپ چۈشۈرگۈچتىن "erqal" دەپ ئىزدەش ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز(ئاندىروئىد 1.3MB، ئايفون 5.3MB).
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Imkan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-15 10:12 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-12-19 11:36 AM):
بۇ خەۋەرنى ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلغان. http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/1212/2616-35.html