گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى دەل شۇ مومامنىڭ مېيىتىنى قويغان ئۆي، كاڭنىڭ تۆرىسىدە ساندۇق ئۈستىگە يىغىپ قويۇلغان يوتقان-كۆرپىلەر جىقلىقىدىن تورۇسقا تاقىشاي دېگەنىدى. مۇشۇ ساندۇقنىڭ ئۈستىدە بىر مۈشۈك سەكرەپ ئويناۋاتاتتى.بىردىنلا مۈشۈك ئۇچقاندەك مەن تەرەپكە ئېتىلدى. مۈشۈك بىقىنىمنى چىشلىۋالدى. ئۇ شۇنداق ئېگىز يەردىن سەكرەپ چۈشتىكى، ئۇدۇل بىقىنىمغا كېلىپ چاپلاشتى. چىشلەپ بولۇپلا، يەنە سەكرەپ شۇ ساندۇق ئۈستىگە چىقىپ، نىمجان ھالەتكە ئۆزگەردى-دە، ئورۇن- كۆرپىلەر ئۈستىدىن خۇددى ئېقىپ چۈشكەندەك ئاستا سىرغىپ يەرگە چۈشتى. مېنى چىشلەپلا زەھەرلەنگەندەك بولۇپ قالدىغۇ بۇ مۈشۈك؟! ئەمما مېنىڭمۇ ھالىم ياخشى ئەمەس ئىدى. ئاغرىق سېزىمى تارقاپ تىرناقلىرىمغىچە سىقىراپ كەتتى، مىڭ تەستە ئويغاندىم. تېلېفوننىڭ ئېكرانىنى ياندۇرۇپ سائەتكە قارىدىم، 3:45مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىت. ئاھ، يەنە شۇ ۋاقىتتا قاراباسقىنى نېمىسىدۇ؟ «تىك، تىك، تىك،تىك....» ئىشىكنى بىرەيلەن يەڭگىل چېكىۋاتاتتى. بۇ كىمدۇ؟تېخى يېرىم كېچىدە؟ بۇ ئۆيدە يالغۇز تۇرىدىغان تۇرسام، ھەمدە ھېچكىممۇ مېنى ئىزدەپ كەلمەيدىغان تۇرسا... مەن ئاستا كارىۋاتتىن چۈشۈپ، ياتاق ئۆيۈمنىڭ چىرىغىنى ياندۇردۇم. ئىشىك يەنە چېكىلىۋاتاتتى، ئاستا مېڭىپ مېھمانخانا ئۆينىڭ چىرىغىنى، ھاجەتخانىنىڭ ۋە ئاشخانىنىڭ چىرىغىنى ياندۇردۇم. ئۇ ئاۋاز پەقەت مېھمانخانىغا ئۇدۇل قارىتىلغان سىرتنىڭ ئىشىكىدىن كېلىۋاتاتتى. ئىشىكنىڭ مۈشۈك كۆزىدىن سىرتقا قارىدىم، ھېچكىم يوق. ئەمما ئاۋاز يەنىلا ئاڭلانماقتا، قۇلىقىمنى ئىشىككە يېقىپراق تىڭشىدىم. ۋۇي، تۆۋەن تەرەپتىن ئاڭلانغاندەك قىلىدىغۇ؟ ئىشىكنى ئاچتىم، تۈكلىرى پارقىراق، قاردەك ئاپئاق كەلگەن بىر يوغان مۈشۈك ئىشىكىم تۈۋىدە تۇراتتى. ئىشىكنى ئېچىشىمغا ئۇ ئاستا ئۆيگە كىردى. مۈشۈككە ئامراقلىقىمدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئۇنى قوغلىۋەتمىدىم. ئۇ ئاستا مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ، ماڭا قاراپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭبېشىنى سىلاپ ئەركىلەتتىم، قورسىقىغا قارىسام قورسىقى ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكىدىن ئۇنىڭ تېخى قورسىقى ئاچ ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇ ماڭا ئەركىلەپ، باشلىرىنى قوللىرىمغا سۈركەپ، توختىماي خىرىلدايتتى. مەن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ، ئۇنىڭغا ئاتايىن سۈتكە نان چىلاپ ئەچىقىپ بەردىم. ئۇ قاچىغا قارىماستىن، ماڭاقاراپلا تۇراتتى. مەن ئىچىمدە:«ھە ئەسلى ئادەملەر قاراپ تۇرسا بىر نەرسەيېيەلمەمسەن يا؟ مەن كىرىپ ئارام ئالاي ئەمسە!» دەپ ئويلاپ، ئۇنى مېھمانخانا ئۆيگەتاشلاپ قويۇپ، ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىنى مەھكەم ئېتىپ ياتتىم. ئۆزۈمچە بۇ مۈشۈككە ئىچ ئاغرىتىپ كېتىۋاتاتتىم. مۇشۇقىشتا، قەيەرلەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەندۇ؟ ھەي راست! ئۆيۈم ئالتىنچى قەۋەتتە تۇرسا، ئۇ نېمىشقا ئالتىنچى قەۋەتكە چىققاندۇ؟ ئەجىبا بۇ مۈشۈك؟! تاڭ ئاتقاندا، مەن چېنىقىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتتىم.مۈشۈك بولسا، ئۇخلىغان پېتى كىرسلودا قالغانىدى. بىر ئايلىنىپ قايتىپ كىرگەچ، بىزنىڭ كورپۇسنىڭ بىرىنچى قەۋىتىنى يەنى سىرتقا قارايدىغان ياتاق ئۆينى دۇكان قىلىۋالغان قوشنىمىزنىڭ دۇكىنىدىن مۈشۈككە ئاتاپ كولباسا ئالدىم-دە، ناخشىغا غىڭشىغاچ يۈگۈرۈپ ئالتىنچى قەۋەتكە چىقتىم. - مى، مى، مى، مى.... مى مى مى! مۈشۈك ھېچيەردە يوق، ئاخشام بەرگەن سۈتكە چىلانغان نان شۇ پېتى تۇرۇپ قېتىپقاپتۇ. ئەمما مەن ئىشىكنى تاقاپ چىقىپ كەتكەن تۇرسام، مۈشۈك قەيەردىن چىقىپكېتىدۇ؟ دېرىزىدىن قاچتىمىكىن دېسەم، بۇ ئالتىنچى قەۋەت تۇرسا؟ نەچچە كۈن ئۇدا يەنە مۈشۈكنىلا چۈشەپ چىقتىم. بىر چۈشۈمدە مەن سۈيقاش ئېتىۋاتسام، مۈشۈك كېلىپلا قازانغا تىلىنى تەگكۈزۈپ قويۇپتۇ. ئەمدى بىر قازان تاماقنى قانداقمۇ قىلارمەن؟ يەنە بىر چۈشۈمدە، يېزىنىڭ ئۆيلىرىمىش، كېسەكتىن قوپۇرۇلغان ئۆيلەرنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا تۆمۈر رىشاتكا ئىچىدە، تۈكلىرى شالاڭ ھەم چاپلاشقان تۆت مۈشۈك ئاجىز مىياڭلاپ ماڭا قاراپ ئىلتىجا قىلىۋاتاتتى....شۇ تەرىقىدە چۈشلىرىمگە مۈشۈك ھەمراھ بولۇپ، نەچچە ئاي ئۆتتى. كۈندۈزلىرى بولسا،ھېلىقى ئاپئاق مۈشۈك ئىشىك تۈۋىدە ياتاتتى. تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، يەنە شۇنداقتۇ يۇقسىز يوقاپ كېتەتتى. ئۇنىڭ قەيەرگە بېرىپ كېلىدىغانلىقىنى ھەم بىلمەيتتىم. بىر دوستۇم بۇ شەھەرگە ئۆگىنىشكەكېلىپ، تۇرىدىغان يەر تاپالماي مېنىڭ ئۆيۈمدە مەن بىلەن بىرگە تۇرماقچى بولدى.مەنمۇ بەرىبىر يالغۇز قورقۇپ يۈرگەندىن دەپ قوشۇلدىم. ئەمما، قىززىق يېرى شۇكى، ئۇ بىر ھەپتە تۇرۇپلا، يوقىلاڭ باھانە سەۋەبلەر بىلەن كېتىپ قالدى. ئۇ كېلىپ ئۈچىنچى كۈنى مەندىن سورىغانىدى: -سەن زادى نېمىگە تاماق ئەچىقىپ بېرىۋاتىسەن؟ قارىسام ئىشىك تۈۋىدە قاچىغا سۈت قويۇپ ، يېنىغا گۆش، كولباسا قويىدىكەنسەن، ئەمما بىرەر نەرسىنىڭ كېلىپ يېگىنىنى كۆرمىدىم. مەن ھەيرانلىق بىلەن: -سەن كۆرۈپ باقمىدىڭما؟ بىر مۈشۈك بار، بىچارىنىڭ ئۆيى يوق ئوخشايدۇ. كۈندەئىشىك تۈۋىمگە كېلىپ، قورسىقىنى توقلىۋاپ كېتىدۇ. شۇنىڭغا ئەچىقىپ بەرگەن نەرسىلەرئۇ. – مەن شۇنداق دەپ تۇرىشىمغا، ئىشىك يەنە چېكىلدى: -بەك ئەقىللىق مۈشۈككەن، ئىشىك چېكىشنى ئۇقىدۇ دېگىنە تېخى!- دېگىنىمچەئىشىك تۈۋىگە ماڭدىم. ئىشىكنى ئاچسام، مۈشۈك يەنە ماڭا ئەركىلەپ، بېشىنىبويۇنلىرىنى پۇتۇمغا سۈركەپ تۇراتتى. كەچ بولسىمۇ، مەن ئىشىكنى ئېچىشقا ئالدىراپ چىراغنى ياقماپتىكەنمەن، دوستۇم چىراغنى يېقىۋېتىپ، يېنىمغا كەلدى: -كىمكەن؟ - ئۇ مەندىن سورىدى. تېخىمۇ ھەيران قالدىم: -كۆرمەيۋاتامسەن؟ مۈشۈك كەلدى مانا! مەن كۈندە تاماق بېرىدىغان مۈشۈك مۇشۇشۇ! -نەدە مۈشۈك بولىدۇ؟ توۋا! ئادەم قورقۇتما ئاداش! مەن شۇنداق ئېنىق كۆرسەتسەممۇ دوستۇم كۆرمىدىم دەۋاتاتتى، مەن ھەتتا قولۇم بىلەنمۇ كۆرسەتتىم. دوستۇمنىڭچىرايىدا قان قالمىدى. ئۇ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ۋارقىراپ، ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى.كېچىچە ئۇخلىيالمىدى بولغاي، دىر دىر تىترەپلا چىقتى. مەنمۇ ھەيرانلىق ئىچىدە بىردە مۈشۈكنى، بىردە دوستۇمنىڭ نېمىگە قورققانلىقىنى ھەمدە نېمىشقا مۈشۈكنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ باش قاتۇراتتىم. دوستۇم ئەتىسى ئەتتىگەندە، ئۆي ئىزدەشكە كىرىشتى. ئۇ ماڭا نەسىھەت قىلىپ، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. قاتتىق كۈلۈپ تاشلىدىم، مەن نېمىشقا دوختۇرغا كۆرۈنىمەن؟ بوپتۇ، بەرىبىر مۈشۈك ماڭا ھەمراھ،ئەمدى قورقماسمۇ بولدۇم. ئاۋۋالقى كۈنلەرگە ئوخشاش، بۇ مۈشۈك كۈندە كەچتە پەيدابولاتتى. كۈندۈزى مەنمۇ ئىشقا بارغاچقا ئاساسەن ئۇچرىتىپ باقمىدىم. ئەمما شەنبەيەكشەنبە كۈنلىرىمۇ كۈندۈزى ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرمەيتتىم. قوشنىمىزمۇ ھەيرانلىق ئىچىدە مەندىن كۆپ قېتىم سورىدى: -كۈندە بۇ قاچىغا يەيدىغان نەرسە قويۇپ قويىدىكەنسىز، ئۆيىڭىزدە بىرەرنەرسە بېقىۋاتامسىز ياكى؟ -ھە، شۇنداق، بىر مۈشۈكۈم بار، كېچىسى ئۆيگە كىرمەيدۇ دەڭە، شۇڭا سىرتقىلاقويۇپ بېرىمەن. - شۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دىققەت قىلىپ باقتىم. ئەمما سىزگە دېسەم بولارمۇدەپ ئويلاپ شۇ... -نېمىشتى؟ دەۋېرىڭ-بىز شۇ كارىدوردا ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپلا پاراڭلاشقانىدۇق. ئۇ ئاچاش مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى: -ئۆيگە كىرىپ پاراڭلىشايلى ئۇكام. قېنى ئۆيگە كىرسىڭىز... - ۋوي، بىزنىڭ ئۆيگە كىرەيلى ئاچا، مەن تاماق ئېتىپ بېرەي سىزگە! - رەھمەت ئۇكام، بىزنىڭكىگىلا كىرىڭ، بەرىبىر ھازىر مەنمۇ يالغۇز. شۇنداق قىلىپ، ئىككىمىز ئالدى كەينى بولۇپ، بۇ ئۆيگە كىردۇق. ياۋروپاچە ئۇسلۇبتا بېزەلگەن بۇ ئۆينىڭ شۇنداق مېھرى ئىسسىق ئىدى، ئەمما ئۆينىڭ قۇرۇلۇشى دەل مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ قارشى يۆنىلىشى بولۇپ، شۇ ئۆيۈمنىڭ ئاددىي بېزىلىشىلا پەرقلىققىلىپ قويغانىدى. -چاي ئىچكەچ پاراڭلىشايلى، قېنى چايغا بېقىڭ ئۇكام. بۇ ئاچاشنىڭ ماڭا مېھرىبانلىق بىلەن سۇنغان قولىدىن پىيالىنى ئېلىپ، رەھمەتدېگىنىمچە بىر ئوتلام چاي ئوتلىدىم. -گەپنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كەلسەك، ئۇكام، سىزگە ئۇ مۈشۈك قاچاندىن بۇيان ئۇچرىدى؟ -ھە، مەن ئۇ مۈشۈكنى بېقىۋاتقىلى يېرىم يىل بولاي دېدى. - ئەمما، باشقا مۈشۈكلەرگە ئوخشىمايدىغان بىرەر تەرىپىنى بايقىمىدىڭىزمۇ؟ -ياق، ئۇنداق ئەمەسقۇ؟ قانداق دەيسىز؟ -شۇ، ئادەتتىكى مۈشۈكلەردەك مىياڭلامدۇ؟ بۇ سوئال مېنىمۇ قايمۇقتۇرۇپ قويدى. چۈنكى تا ھازىرغىچە مەن ئۇ مۈشۈكنىڭ مىياڭلىغىنىنى ئاڭلاپ باقمىغانىدىم. بىردىنبىر چىقارغان ئاۋازى شۇ ئىشىكمنى چېكىش. -ياق، بىراق ئۇ كەلگەندە داۋاملىق ئىشىكىمنى چېكىدۇ. سىز ئاڭلاپ باققانمۇكۈندە كەچتە ئىشىكىمنىڭ چېكىلگىنىنى؟! قوشنامنىڭ چىرايى ئۆزگەردى، ئۇ ماڭا ئىچ ئاغرىتقاندەك قاراپ: -مەن سىزگە راستىمنى ئېيتسام ئۇكام، ھەرگىز كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ!-ئۇ پىيالەمگە چاي لىقلاپ قويۇپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: -كۈندە كېچىسى 3:45 مىنۇت ئۆتكەندە سىز ئىشىكنى ئاچىسىز، ئېچىپلا ئۆزىڭىزگەئۆزىڭىز سۆزلەپ، پۇتىڭىزنى بوسۇغىغا سۈركەيسىز، بەزىدە قولىڭىزدا بوسۇغىنىڭ يېنىنى سىلايسىز. بۇ ئىشىڭىز داۋاملىشىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى. مەن شۇ ۋاقىتتا ئىشىكنىڭ مۈشۈك كۆزىدىن سىزنى كۆزەتتىم. ئەمما، بىرەر مۈشۈك زاتىنى كۆرمىدىم. ئۇ سىزنىڭ خىيالىڭىز ئوخشايدۇ. -نېمە؟ مۇمكىن ئەمەس، ئاچا، ئۇ مۈشۈك كۈندە توڭلاپ تىترەپ كېلىدۇ. مەن ئىسسىق سۈت قۇيۇپ بېرىمەن. قوشنام ئېغىر ئۇھسىنغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ، يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى: -سىزگە دېسەم، بىر تەكلىپىم بار، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز داۋالاڭ، ئەمدى شۇنداق ئاۋازلار چىقسا، ئىشىكنى ئاچماڭ. دېگىنىمدەك قىلسىڭىز، ئۇ مۈشۈكمۇ يوقايدۇ. -ئەمما، ئۇ مۈشۈك سىرتتا ئاچ قېلىپ، ئۆلۈپ قالمامدۇ؟ -مېنىڭ يولدىشىم ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا بىنادىن سەكرىۋالغان. – ئۇ كۆزياشلىرىنى مەندىن يوشۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئىلاجىسىز بۇلاقتىن ئېتىلىپچىققاندەك، ئېقىۋاتقان ياشلىرىنى توسۇۋالالمىدى،- ئۇ سىزدەك شۇنداق مېھرىبان ئادەمئىدى. ئۇنىڭغا مۈشۈك ئەمەس، بىر ئاغىنىسى كۆزىگە كۆرۈنەتتى. ئۇ يېرىم كېچىدىلائاغىنەم چاقىرۋاتىدۇ، مەن چىقىپ كىرەي، دەپلا چىقىپ كېتەتتى. ئەمما، سىرتلاردا ئۇخلاپ قالاتتى. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سىرتقا چىقسا كەينىدىن ئەگىشىپ چىقاتتىم. كەينىدىنمېڭىپ، يىغلاپ كېتەتتىم، چۈنكى ئۇ ئۆزى ئۆزىگە سۆزلەپ، خۇددى بىرىنىڭ مۈرىسىدىن تۇتقاندەك، قوللىرىنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ خۇشال ۋارقىراپ ماڭاتتى. بەزىدە بولسا،ۋېلىسپىتنى مىنىپ، كەينىگە قاراپ سۆزلەپ كېتەتتى. قوشنام ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپكەتتى، مېنىڭمۇ كۆزۈمگە غىللىدە ياش كەلدى. بۇرنۇم ئېچىشىپ، ئۆپكەم ئۆرۈلدى.ئاندىن قانداق بولدى؟ دېگەن نەزەردە ئاچاشقا قارىدىم: -بىر كۈنى كەچتە، يولدىشىم يەنەسىرتقا چىقىمەن دەپلا ئورنىدىن قوزغالدى. ئۇنىڭغا قەيەرگە بارىسىز؟ ئۇخلاش كىيمىبىلەنلا سىرتقا چىقامسىز؟ دېسەم، ئۇ ماڭا بويۇنتاۋلىق قىلىپ، مېنى سىلكىۋېتىپ:«ئاغىنەم مېنى چاقىرىۋاتىدۇ، مەن بېرىپلا كېلەي!» دەپلا، شۇنچە ئېسىلىۋالساممۇ قولۇمدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ، ئوچۇق تۇرغان دېرىزىدىن سەكرىۋالدى. دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپارغان بولساقمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا تاپتى. ئىككىمىز بىر ھازا يىغا زارەقىلىشتۇق. مەن ئۆزۈم ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم. بۇ ئۆيدىن كۆچۈپ كېتىشىم كېرەك. ئاندىن بارا-بارا ئۆزۈمنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىشىم كېرەك! شۇ كۈنى كەچ، يەنى سائەت 3:45ئۆتكەندە، ئىشىك بوشقىنا چېكىلدى، مەن جىممىدە يېتىۋەردىم. بىر ھازادىن كېيىن،سىرتقا قارالغان دېرىزەم چېكىلدى. شۇنداق قارىسام، ھېلىقى مۈشۈك دېرىزە سىرتىدىكى تەكچىدە ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. بۈگۈن بولۇنغان سۆزلەرگە ئىشەندىم. ئەمدى پۈتۈنلەي ئىشەندىم. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ چىراغنى ياندۇردۇم. ئۇ مۈشۈك قەيەرگە غايىب بولدىكىن، يوقىدى. ئەتىسى بۇ ئۆينى قايتۇرىۋېتىپ،باشقا يەرگە كۆچۈپ كەتتىم. ئەمدى يەنە قانداق ۋەھىمىلىك چۈشلەر مېنى ساقلاپتۇرغاندۇ؟ ئۇخلىسام بىلىمەن! ئەمسە بىردەم ئۇخلىۋالاي.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-15 10:31 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 `4 N: w8 u z1 F8 w
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 d6 m% h: @- n. a9 V8 c" |' {& t
|