مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3528|ئىنكاس: 29

كەلپىنلىك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1044
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 37214
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5742 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 02:12:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كەلپىنىلىك
ئاپتۇرى: ئۆمەر توختى

يەر-جاھانغا تارالغان بىز كەلپىنلىك،
ئەقىللىق بوپ يارالغان بىز كەلپىنلىك،
تىرىشچان دەپ سانالغان بىز كەلپىنلىك،
ھەتتا «جىن»دەپ ئاتالغان بىز كەلپىنلىك،
شان-شەرەپلەر قازانغان بىز كەلپىنلىك.
**
ئۇدۇم قالغان لەقەملەردىن قورقمايمىز،
كىم قويغان دەپ تېرىكىپمۇ كەتمەيمىز،
«ئېزىتقۇ»بىز ئازدۇرمايمىز،ئازمايمىز،
تىنىم تاپماي مىدىرلايمىز،ياتمايمىز،
ھامبالغا لوقما سالغان بىز كەلپىنلىك.
**
يۇرت دىگەندە بەرھەق ياخشى-يامان بار،
خاماندىمۇ بۇغدىيى بار،سامان بار،
ياۋاشلارنىڭ يانلىرىدا چايان بار،
سۆزلەپ كەلسەم ئۆتمۈشلەردىن بايان بار،
قەدەمدە بىر تورالغان بىز كەلپىنلىك.
**
ئۆچ-ئىللەتتىن خالى ئىرۇر بىزنىڭ يۇرت،
يوق قەلەندەر،ئايال بەڭگى،ياۋا دۆت،
ئۆيسىز«قوشنا ئولتۇرماق»تىن خالى يۇرت،
ئىشەنمىسەڭ مەزلەش ئۇتتۇر ياكى ئۇت،
جان بېقىشچۈن تاۋلانغان بىز كەلپىنلىك.
**
چىقتى يۇرتتىن رەئىس،نازىر،زىيالىي،
پەرزەنتىنى ئوقۇتۇشتۇر خىيالىي،
ئوقۇمۇشلۇق بولماق ھەركىم مىزانى،
يۈكسەك شۇنچە ھەممىسىنىڭ پىلانى،
مەرىپەتكە ئاتلانغان بىز كەلپىنلىك.
**
يۇرتتىن چىقساق تۇنۇشتۇرار شىۋىمىز،
كى خاسلىقنىڭ بىشارىتى تىلىمىز،
ئەلمىساقتىن داڭلىق ئۈرۈك-قېقىمىز،
يۇرتمۇ-يۇرتقا تىجارەتكە چىقىمىز،
ئەقلىمىزگە تايانغان بىز كەلپىنلىك.
**
كىرمىگەنتى چۈشىمىزگە كۆمۈر قالاش،
ئوتۇن ئۈچۈن خوتۇن بىلەن كى دەتالاش،
كېيەلمىگەن ھېچكىم خىرۇم،مەسە-كالاچ،
تۇڭ ئورنىدا چارۋىچىدا باردى ساناچ،
ئۆملۈك شامى ياندۇرغان بىز كەلپىنلىك.
**
تۇشۇپ ئۇتۇن ئەجدادىمىز ئېشەك بىلەن،
سالغانتى ئۆي مىڭ جاپادا كېسەك بىلەن،
توسالمايمىز كۈن نۇرىنى ئېتەك بىلەن،
خامان تەپكەن تۈنۈگۈن ئېشەك بىلەن،
يۇرت-يۇرتلارغا تارالغان بىز كەلپىنلىك.
**
يالاڭ ئاياق چىقاتتۇق بىز بازارغا،
ئاسايىشلىق تىلەپ چىققان مازارغا،
ئۆلۈپ ئەۋلات قوشۇلماستىن قاتارغا،
نەدە دوختۇر كېسەل ئېلىپ بارارغا،
ئىسكەنجىگە قامالغان بىز كەلپىنلىك.
**
بۇ ۋەتەننىڭ تۇپرىقىدا بىخ ئۇرغان،
چەتئەللەردە پۇخرا بولۇپ چىڭ تۇرغان،
ئىچكىرىدە كاۋاپچىلىق ھەم قىلغان،
ئۈرۈمچىدە ھەرەمباغنى بىز قۇرغان،
مەنزىل تامان يول ئالغان بىز كەلپىنلىك.
**
مىسال ئالسام يەر ئۈستىدىن «باگاڭ»نى،
قىلىپ شاھىت يەرتىگىدىن «مى كاڭ»نى،
كەلپىنلىكلەر ئۇرغان پانا-بازغاننى،
مۇبالىغە بوپتۇ دىمەڭ يازغاننى،
بۇ جايلارغا توپلانغان بىز كەلپىنلىك.
**
سالدى گېلەم پەشايۋانغا كارىۋات،
دەستۇرخان مۆل،بۇغداي نېنى،قەن-ناۋات،
بازارى بار ھەپتىدە تۆت،يۇرت ئاۋات،
بۇ يېڭىلىق بولۇر بىزگە دەل جاۋاپ،
ئەمدى كۈلكە ياراشقان بىز كەلپىنلىك.
**
كىيىملىرى ئوخشاش ئەينى ئارتىسقا،
پۇل كىرىدۇ قېرىلارنىڭ كارتىسىغا،
پۇلى قايتار كېسەل كىرسە بالنېسقا،
«بىر يۈز ئون» بار گەر ئۇچرىسا ھادىسقا،
شەنجاڭلارنى تالاشقان بىز كەلپىنلىك.
**
كىيىدۇ ئاياللىرى غىس-غىس ئۆتەك،
ئەرلىرى توپلەي كىيەدۇر سېپ پېتەك،
داڭ چىقاردى قۇشۇق ياساپ قۇملۇق سېتەك*
ھولۇقمايدۇ باشلىققا بوپ پاي-پېتەك،
بۇ مېجەزنى ياراتقان بىز كەلپىنلىك.
**
ئېتىزلىرى سالالىشىپ رەتلەندى،
ئادەم تۈگۈل چارۋىلارمۇ ئەتلەندى،
«ئايدىڭ كۆل»گە* خۇجۇدىن پۇل خەشلەندى،
بەزەن ياشلار ئەسكەرلىككە خەتلەندى،
بۇ كۈنلەرگە ئۇلاشقان بىز كەلپىنلىك.
**
دېھقانچىلىق ماشىنىدا ئەپلەندى،
بۇغداي تەرسە تولۇقلىما سەپلەندى،
ئۆرە ياغاچ توك ھەرىدە كەسلەندى،
پەرزەنتلەر مائارىپقا بەتلەندى،
سىماپ مىسال ئۇيۇشقان بىز كەلپىنلىك.
**
مەگەرچەندە ئۆلۈپ كەتسە بىر كىشى،
كېلۇر ئۇنىڭ ماتىمىگە مىڭ كىشى،
ئۇدۇم-ئادەت يۇرتىمىزنىڭ بۇ ئىشى،
بۇ ئۆملۈكنىڭ بىشارىتى،كەچمىشى،
دەرتكە دەرمان بولۇشقان بىز كەلپىنلىك.
**
كۈن تەگمەس*كى ئۆتەڭقول*سۇ بېشى،
توغراقلىق باغ،قاراكۆل چۆلنىڭ بېشى،
قۇميار گۈللەپ ئۇنۇگ يەر بار شۇپېتى،
زاپاس كۆمۈر قۇدۇڭگەچنىڭ قات-قېتى،
كەلگۈسىگە قاراشقان بىز كەلپىنلىك.
**
يانا يازسام يۇرتنىڭ ئۇششاق-چۇڭىنى،
ئايرىمىسام بولماس پىششىق-تۇڭىنى،
ئوغلاق،چامغۇر،تىۋىت،تۆگە يۇڭىنى،
يىپەك يۇلى،چىلان تىمنىڭ دۈڭىنى،
رەنجىپ قالساق ياراشقان بىز كەلپىنلىك.
**
قالدى بېنا،باغچىلارمۇ ئۇچرەتتە،
«گۇڭگۇرت كان»مۇ مىنى ياز دەر ئەلبەتتە،
توقايدىكى نېفىتمۇ بار سۆھبەتتە،
سۇ باش*،سارەم*،تېرەك ئاۋات* بىرچەتتە،
قولنى قولغا تۇتاشقان بىز كەلپىنلىك.
**
مەركەز يۆلەپ قىلدى ياردەم شىنجاڭغا،
راست سۆزلىمەك ئەخلاق ھەر-بىر ئىنسانغا،
كۆز يۇممايلى كىرىۋېلىپ پىنھانغا،
كى تەشەككۇر ھازىرقى بۇ دەۋرانغا،
نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بىز كەلپىنلىك.
**
يىتەكلىدى بۇ سىياسەت بايلىققا،
بارچە تۈتۈن ئېغىز تەگدى ئايلىققا،
سەي مۆل بولدى تېرىپ يىدۇق فارنېكقا،
رەت-رەت بېنا ھۆسىن بەردى سايلىققا،
تەڭ كۈلۈپ تەڭ يىغلىغان بىز كەلپىنلىك.
**
شائىر دىسەڭ قېلىشمايمەن شائىردىن،
ئۆتمەك تەسكەن تەھرىر تۇتقان غەلۋىردىن،
سۆيىنىمەن ئەزىز دىيار كەلپىندىن،
ئېيتۇر ئۆمەر: پەخىرلەندىم خەلقىمدىن،
يۇرتقا مەشرەپ چىللىغان بىز كەلپىنلىك.
*****
ئىزاھلار: سېتەك*---كەلپىنلىك قوشۇق ياساش ئۇستىسى.
سۇباش،سارەم،ئۆتەڭ قول،تېرەك ئاۋات،ئايدىڭ كۆل، چىلان،تىم،دىگەنلەر يۇرت،مەھەللە ناملىرى.


كىشى ئاخىر ئۆلۈپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22
يازما سانى: 1127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15549
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 3128 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 02:56:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆمەرجان ئۆمەر توختى ،
زەپمۇ بەلەن شوختى .
تالا تۈزدە نىمىشقا ،
خوتۇن قوقماي ‹بىز› قوقتى ؟


ئۆسۈپ قالسىڭىز ماۋۇ ئىنكاسىم ئۈچۈن مېنى ئۇنتۇپ قالماڭ جۇمۇ . مەن سىزنى مەڭگۈ قوللايمەن .
ياخشى يېزىپسىز .
ئىزچىللىقىڭىزغا قائىلمەن
.

دائىم بىر ھەرپ چۈشۈپ قالىدۇ ھە....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5757
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 02:58:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلپىنلىك...   ياخشى يىزىلىپتۇ.  
« كەلپىنلىك » دىسە ئادەمگە يۇرتۋازلىق قىلغاندەك تەسىر بىرەمدۇ قانداق ؟

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10455
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 03:00:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى   چىقىپتۇ

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3298
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 03:08:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوخشاپتۇ

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111631
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2014-12-10
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 03:20:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1653
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 674 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 03:37:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم كەلپىنلىك ئىدى . باشلانغۇچتىكى ئوقۇتقۇچۇم كەلپىنىنى ئانچە تىلغا ئېلىپ كەتمەيتتى.  بىراق تولۇقسىزدىكىسى ھە دېگەندىلا كەلپىن ئانداق ياخشى، مانداق ياخشى دەپ خۇددى جاھاندا بىرلا كەلپىندىن باشقا ياخشى يۇرت يوقتەك داڭلاپ كېتەتتى.  سىزنىڭ بۇ شېئىرىڭىزنى ئاڭلاپ ھېلىقى كەلپىنلىك ئوقۇتقۇچۇم ئېسىمگە كېلىپ قالدى

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4602
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 806 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 04:22:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شىئېر ياخشى يېزىلىپتۇ، كەلپىنلىكلەرنىڭ ئوبرازى، خاراكتىرى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىلىپتۇ. دىمىسىمۇ كەلپىنلىكلەر ئېلىم-مەرىپەتكە يۈزلىنىدىغان، ئۈم-ئىناق ياشايدىغان بىر قەۋم. ئاچال يېزىسىنىڭ چامغۇرى پۈتۈن ئاپتونۇم رايونىمىزغا داڭ چىقاردى. كەلپىن گەرچە نامرات يۇرت دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نامراتلىقىنى بىلىندۈرمەي، ئېلىم-مەرىپەت جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن باشقا يۇرتلاردا تونۇلۇپ، تىگىشلىك تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 582 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 04:48:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turmux.net يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 02:58 PM
كەلپىنلىك...   ياخشى يىزىلىپتۇ.  
« كەلپىنلىك » دىسە ئادە ...

ياق، بەزى يۇرتۋازلاردەك باشقا يۇرنى چۆكۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يۇرتىنى ماختىماپتۇ. مېنىڭچە باشقا يۇرتنى چۈشۈرمىگەن ئەھۋالدا ئۆز يۇرتىنى ماختاش يۇتۋازلىق ھېسابلانمايدۇ.

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14102
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 525 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 04:52:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلپىن چامغۇرنى  بىزنىڭ ئۇيدىكىلەر ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدۇ .

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش