ئۆزۈڭنى بازارغا سالمىغىن قىزچاق
(رەسىملىرىنى تورغا چىقىرىپ باھالىتىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىغا ۋە شۇ سورۇن بىلەن تەمىنلەۋاتقانلار سەمىگە )
ئۆزۈڭنى بازارغا سالمىغىن قىزچاق ،
غورۇر ھەم نۇمۇسنى يوقاتما پەقەت.
ۋىجدانلىق ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادىدۇرسەن،
سۆزۈمنى ئاڭلىغىن قىلاي نەسىھەت.
سالونلار بوپ كەتتى بىر - بىرىدىن نەس،
شىنجاڭ ھەم ئۈرۈمچى لىنىيەلىرىمىش.
پايدىنى كۆزلەپلا يۈرگەن نامەرتلەر ،
قىزلارنى چولپان قىپ كۆككە ئاتارمىش.
ئۈندىدار كيۇكيۇدا قاينايدۇ ئېلان ،
دوستۇمغا بىر بىلەت تاشلاپ قويۇڭ دەپ ،
ماقۇل مەن تاشلىسام تاشلاي بىرەرنى ،
بىراق سىز شۇنىڭدىن ئالۇرسىز نە نەپ؟
دەللاللار كۆپەيدى خۇددى چىۋىندەك ،
قىزلارنى بازارغا سېلىپ بەسمۇ- بەس.
بۇ يولدىن يېنىۋال ئەي ئازغان ئىنسان،
ھەددىڭدىن ئېشىپ سەن ، بولما بۇنچە پەس.
ئۇيغۇرنىڭ قىزلىرى ئەزەلدىن گۈزەل ،
قاپقارا كۆزىدىن كەتمەيدۇ كۈلكە .
نۇمۇس ھەم غۇرۇرى بولغاچقا ھەمراھ ،
بارچە ئەل ئوخشىتار بىغۇبار گۈلگە.
يىگىتلەر غۇرۇرى بولماقتا پايخان ،
مىللەتكە ئۈمىدلەر بىرەلمەس بۇ ھال .
شۇڭا مەن ئۆتۈنەي ئۇيغۇر قىزىدىن ،
《ئۆزۈڭنى بازارغا سالمىغىن زىنھار!》.
ئۇيغۇر ياشلار كۇلۇبىدىن باتۇرجان ئابلەت
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
(شەندۇڭ)