مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 516|ئىنكاس: 5

مەن- شېئىر ئىپادە تاپقان فورمۇلا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2902
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16670
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2565 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 10:55:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن- شېئىر ئىپادە تاپقان فورمۇلا

يارمۇھەممەت تۇرسۇن قاراخان

كۈيلىدىم ۋەتەننىڭ تاغ-دەرياسىنى،
كۈيلىدىم زېمىننىڭ گۈل -گىياسىنى،
كۈيلىدىم سۈبھىنىڭ نۇر -زىياسىنى،
مەن- شېئىر ئىپادە تاپقان فورمۇلا.

بەختىمنىڭ كېمىسى ئۈزدى يەردە ھەم،
ئەقلىمنىڭ مىۋىسى ئالدى نۇردىن تەم،
ۋەسلىمنىڭ توققۇزى تەلدۇر ئەمەس كەم،
مەن- شېئىر ئىپادە تاپقان فورمۇلا.

بىر بۇردا نېنىمنىڭ تۇز تەم كۈچى بار،
بىر ئېغىز سۆزۈمنىڭ تىغدەك ئۇچى بار،
ھەر مەزمۇت قەدەمنىڭ نۇسرەت تۈسى بار،
مەن- شېئىر ئىپادە تاپقان فورمۇلا.

گاڭگىراپ قالمىدىم تۆت دوقمۇشتا مەن،
تۇرىمەن ھەق يولغا بولۇپ ھېرىسمەن.
تەپەككۇر ،تىلىمغا پىدا ئىخلاسمەن،
مەن- شېئىر ئىپادە تاپقان فورمۇلا.

پەش ،چېكىت ،تۇيغۇلار، شەرتلىك بەلگىلەر،
ئوي-پىكىر ،كەلىمە ،داستان- نەزمىلەر،
روھىمغا تۇتاشتۇر ئاتەش تەرمىلەر،
مەن- شېئىر ئىپادە تاپقان فورمۇلا.

2014-يىلى 12-دېكابىر


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 11:43 AM  


ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10455
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 12:11:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن
قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 648
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 12:39:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئسىل تېمىكەن ،رەھمەت .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102178
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1069
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2014-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 12:39:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل شىئ‍ ر

ھاياتىمدىكى نۆل كىلومىتىر 2014.يىل 31.دىكابىر

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13266
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 01:03:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شىېر

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2902
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16670
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2565 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 08:31:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باش سۈرئىتىمگە..

قاراخان

سىزگە ئوخشاش تورغا تۈنجى قەدەم بېسىپ كىرگەندە،
باش سۈرەتنى تاللىيالماي دىلىغۇل بوپ يۈرگەندە.
تالايلارنىڭ باش سۈرئىتى قىلدى مېنى مەھلىيا،
مەناغا باي باش سۈرەتلەر كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەندە.

كۆڭلى تۇيغۇن دوستلىرىم جىددى قاراپ بۇ ئىشقا ،
ئۇخلىماستىن كېچە-كۈندۈز قۇلاق سالدى تىۋىشقا.
چېچەن زېرەك بولغاچ ئۇلار سوراپ كۆردى ئۆزۈمدىن،
سىز ئۆزىڭىز ئامراق زادى قايسى كۇينى چېلىشقا؟

دىدىم شۈندا ئىككىلەنمەي ‹‹ئاتامان››دەك كۈي كېرەك،
‹‹ئۇيغۇر››چە كۈي تۇرسۇن دىدىم تەڭرى تاغدىن  يۈكسەكرەك ،
كۈيلىرىمدىن ،كىملىگىمدىن تاپسۇن رەقىب ھۇشىنى،
دىدىم ماڭا ئالىپلارچە نەرە كېرەك خۇي كېرەك .

خاھىشىمغا ،ئىرادەمگە قويسا تەلەپ مۇنبىرىم،
باش قاتۇراي باش سۈرئەتكە بىكار كەتمەس قان تەرىم.
گەر نادانلار  كۇسۇرلىشىپ كەتسە مەيلى  ئۆپكىلەپ،
مەندىن رازى بولسا بولدى مىللىتىم دوست جىگىرىم..

كۆك يۆتەللەر تىللىۋالسۇن  باش سۈرئەتكە قاراپلا،
ئۈسۈپ كىرىپ ئالدىمغا ھەم شالا چاچسۇن << قەللاپ>>لار.
ساختا نىقاپ،باش سۈرەتنى قالقان قىلىپ نىمە كۈن،
سۈرەت نىمە قىلغان ئىشىم كەتسە ئەلگە ياراپلا....

كىملىگىمنى يوشۇردۇم گاھ باشقىلارغا قېتىلىپ ،
<<قەھىرمان>>دەك قىياپەتكە كىرىۋالدىم پېتىنىپ.
<<ھازا >>تۇتتۇم ئانىلارغا ياشمۇ تۆكتۈم يىتىمغا،
بەزى ئىشقا ياندىن چىقىپ كەتتىم تالاي چېچىلىپ.

قېرىنداشلار مېنى ياتتەك ئۆگەيلىدى قانچە رەت ،
تىلى قايماق ،دىلى مايماق قىلدى جۆيلۈپ قىلدى لەت.
ئىرق،جىنىس،مىللەت ئۈچۈن ‹‹ئورتاق باش››نى تاپالماي
قالساڭ دىدىم سۈرىتىمنى يىرتىۋەت يا چەيلىۋەت.

ماڭا تاپا قىلىپ يۈرگەن قېرىنداشلار ئاز ئەمەس،
ھەر كاللىدا ھەر خىيالكەن مەندە كاللا ‹‹تاز›› ئەمەس.
‹‹تاش››قا،تېگىپ ئەقىل تاپقان، بۇ‹‹ بېشىم››غا، نە ئامال،
كەچۈرۈڭلار مەندە ئەگەر، بولسا ئەقىل ‹‹ساز›› ئەمەس!

گالىستۇكنىڭ توقسىنى سىيرىپ ئەتتىم بوغۇزغا،
تېشىم ئىسسىق ئىچىم ھەم ئىللىق ئاياز تومۇزدا.
ئېگىلگەنگە ئېگىلىپ ،غادايغانغا غادىيىپ،
چوڭ بىلمىسەم زۇخۇيلارنى دەڭلا ئالقىش<<ئوغۇز>>غا.

ئاسمىغان بىر قازاننىڭ يىسەم تەييار ئېشىنى،
ئۆز ئۆزۈمگە سوۋغا قىلسام ياراتقاننىڭ بېشىنى.
ئۇزاق ئۆتمەي بۇ بېشىمدا تەلەي قۇشى چۆرگىلەپ،
قالسا كىملەر دەرتكە ئوراپ چېكەر ھارام نېشىنى.

قالپىقىمغا يارىشا<< قىرغىز>> بولۇپ ئۆتەلمەي ،
ئاراڭلاردىن چۈشۈپ قالسام بىرەر قامۇس پۈتەلمەي.
<<قاراخان>>غا،بۇ بېشىدىن ۋاپا كەلمەس دەۋېرىڭ،
بىردە كۈلۈپ بىردە ئاچچىق كالتە كۈسەي <<يۆتەلمەي>>

2014-يىلى24-دېكابىر

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش