مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 476|ئىنكاس: 8

رۇبائىيلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1026
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 01:58:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رۇبائىيلار

باشتۇغ

1

سەن مەيلى ئالىم بول ياجاھان شاھى ،
ئىچەرسەن بىر كۈنى ئەجەل شارابى .
ئىلىمنىڭ ئىزلىرى ئۆچمەس مەڭگۈگە ،
گۇۋاھتۇر بۇنىڭغا مەھمۇد ، فارابى .

2

ھۆرمەتكە سازاۋەر ھەقنى-ھەق دىگەن ،
رىسقىنى ئەجىردىن ھالاللاپ يېگەن .
تەشنالىق ئىچىدە ئۆلىدۇ بىر كۈن ،
سۈيىنى ئىچىپلا قۇدۇققا سىيگەن .

3

قۇياش ئۇ زىمىنغا تۆككەچكە زەرنۇر ،
جىمىكى كائىنات ئالىدۇ ھۇزۇر .
شۇنداقمۇ ئادەملەر باردۇر ئارىدا ،
ھەتتاكى قۇياشتىن ئىزدەيدۇ قۇسۇر .

4

بولمىغاچ ناداننىڭ مەيدانى ، ئېپى ،
خۇشياقارنىڭ دۈشمەننىڭ نەغمىسى دېپى .
بۇنداقلار بۇلۇشقا يارايدۇ پەقەت -
يىلتىزنى چانىغان پالتىنىڭ سېپى .

5

بار بولسا قەلىپتە ئۇلۇغ ئىرادە ،
ئەمەلگە ئاشقۇسى ھەر قانداق غايە .
غايىسىز، نىشانسىز ياشاپ يۈرگەندىن ،
مىڭ ياخشى چۆللەردە چالسا ساپايە .

2014-يىل12-ئاي ئاۋات

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 11:41 AM  


مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

كورلا ئايشەم سادىر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109491
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2014-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 12:06:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتۇغ، شېئىرىڭىز بەك ياخشى يىزىلىپتۇ، مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.

مەن دۇنيادىكى  ھەممە ئادەمنىڭ خوشال _ خورام ئۈتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.چۈنكى ئادەم دۇنياغا بىرلا قېتىم كىلىدۇ.بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ۋاقتىمىزنى ئىسىراپ قىلماي،ئۇرۇنسىز ئىشلارغا ئارلاشماي،ئازغانلارنى ئېيىپلىمەي ئۇلارنى يىتەكلەپ،بىلىم ئېىلىش،پەلىسەپە ئۆگۈنۈش، كۈندە بى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13049
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 1112 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 02:15:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3- رۇبائىينى بىر ژۇرنالدا ئوقۇغاندەك قىلىمەن. سىز بۇ رۇبائىيلارنى مەتبۇئاتلارغا بەرگەنمىتىڭىز؟ ياكى بىرەر مىسراسى ئوخشىشىپ قالدىمۇ- قەيەردە كۆرگىنىمنى ئەسكە ئالالمىدىم.

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1026
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 03:09:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Janbar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 02:15 PM
3- رۇبائىينى بىر ژۇرنالدا ئوقۇغاندەك قىلىمەن. سىز بۇ رۇ ...


بۇلار مېنىڭ ئىجادىيىتىم . بەلكى 3-رۇبائىي ناھايتى ياخشى چىققان ئوخشايدۇ .

بىر ھەۋەسكار قەلەمكەش بۇلۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنداق (مۆجىمەل) ئىنكاسنى ئالدىراپ يېزىشىڭىز توغرا ئەمەسقۇ دەيمەن ؟.
ژۇرنالغا يەنىمۇ تەپسىلى قاراپ باققايسىز ، راستىنلا بار بولسا ئاندىن يازسىڭىزمۇ كېچىكىپ قالمايسىز؟.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باشتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 05:10 PM  


مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10398
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 03:14:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتييدۇ

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13049
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 1112 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 05:14:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقارقى ئىنكاسىمدىن خىجىلمەن. مەن ئېنىق تەكشۈرۈپ كۆرمەيلا يېزىلغان بۇ ئىنكاسىم ھەقىقەتەن توغرا بولماپتۇ. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن قېرىندىشىم باشتۇغدىن ۋە مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلاردىن ئەپۇ سورايمەن.
يالقۇن روزى: «پاكىت ۋە ئاساسسىز گەپ قىلىدىغان ئوبزۇرچى قۇرۇق گەپ قىلىدىغان ئوبزۇرچى» (مۇشۇنداقراق ئېسىمدە قاپتىكەن) دېگەن ئىدى. مەن بۇ تېمىدا پاكىتسىزلا گەپ قىلىپ قۇرۇق گەپ قىلغانلىقىمدىن ھەممەيلەندىن ئۆزرىلىك سورايمەن. ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ئىشلاردا پاكىتسىز ھالدا سۆزلەشتىن ئۆزۈمنى تارتىمەن. باشتۇغدىن يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈم سورايمەن. ئىجادىيەتلىرىڭىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Janbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 05:15 PM  


ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 896 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 06:35:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Janbar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 05:14 PM
يۇقارقى ئىنكاسىمدىن خىجىلمەن. مەن ئېنىق تەكشۈرۈپ كۆرم ...




         قۇسۇر ۋە ئۇچۇر

   ئۇ مۇنداقكەن، بۇ ئۇنداقكەن دەپ،
   قۇياشتىنمۇ ئىزدەيمىز قۇسۇر.
   قۇسۇر ئىزدەش بىلەن ھەلەك بىز،
   ئۆتۈپ كېتەر پۇرسەت ۋە ئۇچۇر.


    بۇ «بۇلاققا سىرداش خىياللار» (2000- يىلى نەشىر قىلىنغان) ناملىق شېئىرلار توپلامىمنىڭ 144- بېتىدىكى بىر پارچە. بۇ پارچە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ئىشلىگەن «رۇبائىيلىق كالېندار» ناملىق كالېندارغىمۇ بېسىلغان. ئالىمجاننىڭ دېگەن گېپىنىڭ ئاساسى مۇشۇ بولسا كېرەك!
    ئىككىنچى مىسرا ئاساسەن ئوخشايدىكەن، ئىزنا بار. ئەمما مەن مېنىڭ شېئىرىمنى كۆچۈرگەن دېمەيمەن، ئوخشاپ قالغان بولىشى مۇمكىن. دېمەكچى بولغىنىم: ئالىمجاننى ئەيىپلەشكىمۇ بولمايدۇ. مۇشۇنى تۇتقا قىلىپ، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەشكە ۋە سوقۇشۇشقا بولمايدۇ. ھەممىڭلەرگە رەھمەت!  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 06:42:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقتۇردۇم، داۋاملىق يېزىپ تۇرغايسىز!

قايتىلانماس ھېچكىم ھېچنېمە، قالار پەقەت شېرىن ئەسلىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1026
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 08:08:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەستايىدىل چۈشەنچە بەرگەنلىرىگە رەھمەت ئۇستاز .

مەن سىلىنىڭ ئۇ شېئىرلىرىنى كۆرمىگىنىم راست ، مەن سىلىنىمۇ يېقىندىلا تۇنۇدۇم . توردا سىلىنىڭ شېئىرلىرى بىلەن تۇنۇشۇش ئارقىلىق سىلىنىڭ شېئىرلىرىدا بىر خىل تەشنالىققا مەلھەم بولغىدەك ھىسياتنىڭ بارلىغىنى ھىس قىلدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئايدەك بولدى ماتىرياللاردىن سىلىنىڭ شېئىرلىرىنى ئىزدەپ كۆرىدىغان بولدۇم . ئەگەر بۇ رۇبائىينى(رۇبائىي دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ)يېزىشتىن بۇرۇن سىلىنىڭ ئۇ شېئىرلىرىنى كۆرگەن بولسام بۇ مىسرانى بەلكىم باشقىچە ئېلىشىممۇ مۈمكىنتۇلا .
لېكىن :
قۇياش ئۇ زىمىنغا تۆككەچكە زەرنۇر ،
جىمىكى كائىنات ئالىدۇ ھۇزۇر ،
شۇنداقمۇ ئادەملەر باردۇر ئارىدا ،

دىگەنلەرنى يازغان ھەرقانداق قەلەمكەشنىڭ كاللىسىغا :

‹‹ھەتتاكى قۇياشتىن ئىزدەيدۇ قۇسۇر ››
دىگەندىن ياخشىراق مىسرا كەلمىسە كېرەك .

سىلىگە ئۇتۇق يار بولسۇن .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باشتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 11:22 PM  


مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش