مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1960|ئىنكاس: 15

چۈشۈمدە يەنە ئىككى ئەرۋاھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 808
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10023
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3585 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 11:15:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

QQ截图20141214231056.jpg

گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى


   ئەتتىگەندە قۇياش چىقىشتىن بۇرۇن، ئىبادىتىمنى قىلىپ بولۇپلا، يەنە شۇ لىق ئاۋازلىق رومان قاچىلانغان MP3نى ئېلىپ، قۇلىقىمغا تىڭشىغۇچنى سالغاچ بوسۇغىدىن ئاتلىدىم. مەن ئامراق قىشنىڭ سوغۇقى يۈزۈمنى ئېچىشتۇرسىمۇ يەنە يۈگرۈپ كېتىۋاتىمەن. بۈگۈن ھاۋا خېلى ئوچۇقتەك قىلىدۇ، ئەمدى كۆتۈرۈلگەن سۈبھى ئاپئاق قارلارنى چاقنىتىپ، قىشنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلماقتا. مۇشۇ ئاقلىقنى كۆرۈپلا خىياللىرىم قاناتلاندى. قەلبىمنى ۋەھىمە چۇلغىۋالغانىدى.
خىيالىمدا يەنە شۇ چۈش. روماننىڭ بىر قىسمىنى ئاڭلاپ بولۇپ، ئويلىسام ۋەقەلىكى پەقەت ئېسىمدە يوق، يەنە قايتىلاپ ئاڭلىدىم. يەنىلا ئوخشاش، كاللامدا پەقەت شۇ چۈشنىڭ ئاسارىتى.
دەي دېسەم تېخى، دېمەي دېسەم سىلەرنىڭ ئىچىڭلار سىقىلىپ قالىدۇ، بوپتۇلا قورقساڭلارمۇ دەۋېتەي. چۈشۈمدە ئاچامنىڭ ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان قىزىنى كۆتۈرۈپ، ئەركىلىتىپ تۇرۇپتىكەنمەن. ئۇ يېنىمىزدا تۇرغان ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ماڭا شۇنداق دەپتۇ:
-ئاچا، قاراڭ، ئەينەكتىن سىزگە ئىككى ئەرۋاھ قاراۋاتىدۇ. قاراڭ ئىككى ئەرۋاھ قاراۋاتىدۇ...-بۇ جۈملىلەر تەكرارلانماقتا، تېخى قوش ئاۋازلىق ئاڭلانماقتا...
مەن ماشىنىنىڭ ئەينىكىگە قارىدىم. دېگەنكىدەك، ئاسمان بوشلۇقىدا لەيلەپ تۇرغان ئىككى سىما كۆرۈندى. ئۇلار يېقىن تۇرغان بولۇپ، ئەمما بىر بىرىگە ھەم تېگىشمىگەن، بەدىنى ھەم ھېچيەرگە تەگمەي لەيلەپلا تۇرغانىدى. قاپقارا ئۇزۇن كىيىم كىيگەن بۇ ئىككى گەۋدە ماڭا قاراپلا تۇراتتى. ئەمما چىرايى ئېسىمدە يوق. پەقەت ئېگىز ئورۇقراق كەلگەن قارا كىيىملىك گەۋدە يۈرىكىمنى قارت قىلىپ قويغانىدى. مەن شۇ ھامان كاللامدا ئويلاپ ئۈلگۈرگىنىم شۇ بولدىكى:«توۋا، يەنە ئەرۋاھلار كۆزۈمگە كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدىغۇ؟!»
ئۇ ئىككى گەۋدە مەن تەرەپكە سۈرۈلدى. كۆزۈمنى لاپپىدە ئاچتىم. ئىشىك يەنە ئوچۇق، ھاجەتخانا ئىشىكى يېنىدا، دەل ئاشخانا ئىشىكى ئۇدۇلىدا تورۇسقا تاقاشقۇدەك ئىككى قارا گەۋدە لەيلەپ تۇراتتى. تېلېفوننى قولۇمغا ئېلىپ، ئېكراننى ياندۇردۇم. ئەمدى ھېچنېمە يوق ئدىى. ئەمەلىيەتتە ئىشىكمۇ ئاخشام مەن ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاقاپ قويغىنىم بويىچە تۇرۇپتۇ. بايا ئاشخانا ئۆي ئىشىكىنىڭ ئۇدۇلىدا كۆرگىنىم قانداق ئىش؟ ئىشىك تاقاق تۇرسا سىرتنى قانداق كۆرگەندىمەن؟ بۇلارنى ئويلىغاچ سائەتكە قارىدىم. يەنە شۇ 3:45 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىت ئىدى.   
قىش پەسلىدە بۇ ۋاقىت ئەلۋەتتە ئەل تاتلىق ئۇيقۇغا غەرق بولغان ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، مەن بۇ چوڭ ئۆيدە يالغۇز بولغاچقا، شۇ چۈشتىن ئويغىنىپ كېتىپ، قورققىنىمدىن قەتئىي ئۇخلىيالمىدىم.
چوڭ يولدا بىر قېتىم ئايلىنىپ چېنىققانمۇ بولدۇم. قوروغا كىرىشىمگە بىزنىڭ كورپۇس بىلەن قوشنا بىر كورپۇس ئالدىغا تىزىلغان گۈلچەمبىرەكلەرگە ھەيرانلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى قورقۇنچ ۋەھىمە بىلەن قاراپ داڭ قېتىپلا قالدىم. چۈنكى كورپۇسنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىككى ئادەمگە ئاتاپ گۈلچەمبىرەك تىزىلغانىدى. دېمەك، قوشنا كورپۇستىكى مەلۇم ئۆيدە ئىككى ئادەم قازا قىپتۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 11:39 AM  


نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى

خۇدايىمنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇن، بۈگ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60479
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4716
تۆھپە نۇمۇرى: 685
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 12:43:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرڭىز ئىنتايىن ياخشى چىقپتۇ ، بىراق مەن سەل چۈشۈنەلمىدىم .ئاخىرى بامۇ  تۈگىدىمۇ ؟

گەر يۈرەك بولسىمۇ بىر پارچىلا گۆش،
نى ئوتتا كۈيۈپ بولمايدۇ  خازان.
گە ئۇندا بولسىدى بىر پارچە پولات،
مەۋجۈتلىكىگە بولماستى  ئمكان.

تەڭىرتاغ غونچىللىرى بىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106846
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 397
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-5-17
ئاخىرقى: 2014-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 04:24:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىرىن خىيال  ھەقسىز كىنو

چىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە،ئۇلار تۇننىڭ زىننىتى بوۋىلارنىڭ سۆزىچە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111007
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 245
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2014-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 05:17:17 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Kaza kilgan ikki yoldaxnig rohimu sizga amrak bop kaptu da.    hahaha.  

قەدېرلىك ئۆزۈم:ئۆزۈڭنى سۆي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109295
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4885
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 441 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 05:01:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بامۇ ئاخىرى

http://user.qzone.qq.com/2091389224/main

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110995
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 431
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2014-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 05:10:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىچۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83379
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3382
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-8-3
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 08:44:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر ئۆزڭىزنىڭ ئەسرىمۇيا كۆچرۈپ يوللاتامسىز ؟

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 808
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10023
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3585 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 09:14:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇتيا يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 08:44 PM
بۇ ئەسەر ئۆزڭىزنىڭ ئەسرىمۇيا كۆچرۈپ يوللاتامسىز ؟

ئۆزۈمنىڭ ئەسىرى.

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83379
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3382
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-8-3
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 09:33:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ab8ob8 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 09:14 PM
ئۆزۈمنىڭ ئەسىرى.

لىكىن نۇر تورغا بۇ ئەسەرنڭ ئاخىرى يوللىنىپتۇغۇ مىسرانىمدا خەۋەر يوقيا سىزنىڭ ئەسرىڭىز بولسا بۇ

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 808
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10023
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3585 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 09:53:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇتيا يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 09:33 PM
لىكىن نۇر تورغا بۇ ئەسەرنڭ ئاخىرى يوللىنىپتۇغۇ مىسرا ...

باغۇ مىسرانىمدىمۇ، چۈشۈمدىكى مۈشۈك دەپ چىققان. نۇرغا يوللانغىنى مىسرانىمدىمۇ بار.

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش