مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 839|ئىنكاس: 10

ئېيتىلمىغان ناخشىلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61204
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11608
تۆھپە نۇمۇرى: 1990
توردا: 441 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 02:08:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


                    دەپسەن


مىنى باشلاپ ھۇزۇرۇڭغا.چايانغا چاقتۇراي دەپسەن،
ئۇتۇڭدا كۆيدۈرۈپ قانماي .سۈيۈڭدە ئاقتۇراي دەپسەن.

مەن كەلسەم  ھۇزۇڭغا . ياماننى ئىختىيار  قىلدىڭ،
ئىشقىڭدا ئىزىپ دىلنى. ئۆلسەم ياقتۇراي دەپسەن.

مىنى سۆيگەن يۈرەكىڭنى .يامانلارغا پىدا قىلدىڭ،
سۆيگۈنۈڭ سۈيۈپ قانسا. مىنىلا باقتۇراي دەپسەن.

دەردىڭدە كۆيۈپ يۈرسەم. خىياللار سۈرۈپ يۈرسەم،
سۆيگۈ باغىغا توپان . باشلاپ قاقتۇراي دەپسەن.

ھېيىقماي سىنىقىم دەيسەن.چاياننى بىلىقىم دەيسەن،
دەرت باسقان يۈرەكىمنى .ئۆزەڭچە ئاقتۇراي دەپسەن.



                        بىلسەڭ


گۇمان قىلما يۈرەكىمدىن ، ئۆمۈرلۈك كۈيىدۇ بىلسەڭ،
ئەزەلدىنلا ئاشىق ئەھلى ، يۈرەكتىن سۈيىدۇ بىلسەڭ.

كىتەرىڭگە ئامالسىز مەن ، تىترەپ توختىمايدۇ تەن،
كىتىپلا كەلمىسەڭ جانىم ، يۈرەكىم ئۆلىدۇ بىلسەڭ.

كەتكەندە كۆزۈم باغلاپ ، قالغانتىم سىنى ساقلاپ،
كەلمىسەڭ يۈرەكىم ئاھ ، دەرتكە كۆنىدۇ بىلسەڭ.

كۆزۈمنىڭ قارىسى يۈتتى ، دەردىڭدە كۈنۈم ئۆتتى،
يۇمۇلماس كۆزلۈرۈم گاھى، قاننى كۆرىدۇ بىلسەڭ.




             سىرلىق باقىسەن


قىيا كۆزدە تەلمۈرۈپ قاراپ،
يار كەينىمدىن سىرلىق باقىسەن.
سەن يېنىمدا مىسالى تارىم،
مەن دېڭىزغا يانداش ئاقىسەن.

ئۇچراپ قالساڭ چېغىر يوللاردا،
مىنى كۆرۈپ يىراق قاچىسەن.
ھېچ بىلمىدىم كۆڭۈل سىرىڭنى،
ماڭا قاچان قۇچاق ئاچىسەن.

مەندىن قاچما كەلگىن نىگارىم،
سەنمۇ ماڭا شۇنداق ياقىسەن.
مەن بىلىمەن كۆڭۈل سىرىڭنى،
بەلكىم مىنى ئويلاپ ياتىسەن.




                       دەپتۇ



دۈشمەن يامان كۆرسۈتۈپ سۆيمىگىن دەپتۇ،
سۆزلىرى چىن ئەمەستۇر كۆيمىگىن دەپتۇ.
  بايلىقى يوق مىنىڭدەك باقالماس دەپتۇ،
   سىنى بايلار سېپىگە قاتالماس دەپتۇ.

سۆيگۈنۈممۇ بوش كەلمەي سۈيىدۇ دەپتۇ،
مىنىڭ ئۈچۈن ئىشەنسەڭ ئۆلىدۇ  دەپتۇ.
بايلىق دىگەن شامالدەك ئاقىدۇ دەپتۇ،
ئىككىمىز تەڭ تىرىشساق تاپىدۇ دەپتۇ.

دۈشمەن پەيلى بۇزۇلۇپ كۆرىسەن دەپتۇ،
پۇل بولسىلا ھەممىگە كۆنىسەن دەپتۇ.
مۇھاببەتكە بىر تىيىن كەلمەيدۇ دەپتۇ،
قانچە قىلغىن كۆڭلىنى بەرمەيدۇ دەپتۇ.

سۆيگۈنۈم بىر غەزەپتە كىتىمەن دەپتۇ،
سەندەك كۆڭلى پەسلەردىن كىچىمەن دەپتۇ.
ئىككىمىزگە  بۇ  ئالەم  بايلىقتۇر  دەپتۇ،
سۆيگۈنى يوق بايلارغا سايلىقتۇر دەپتۇ.




          كەلگىنە


چۈشتىم سىنىڭ كۇيۇڭغا،
تۈندە كىردىم يۇلۇڭغا،
ئايلىناي مەن قۇلۇڭغا،
سۆيگەن يارىم كەلگىنە.

كەلگىنە يار كەلگىنە،
ماڭا كۆڭۈل بەرگىنە،
چىن سۆيگۈمنى سەزگىنە،
دىلدا بارىم كەلگىنە،

سەنسىز تەنھا ئۈتىمەن،
سىنى مەڭگۈ كۈتىمەن،
سەن كەلمىسەڭ ئۈچىمەن،
تىل تۇمارىم كەلگىنە.

كەلسەڭ مىنىڭ يېنىمغا،
جان قۇشۇلار جېنىمغا،
باشلاي سىنى بېغىمغا،
گۈل نىگارىم كەلگىنە.





         گۈلى تاشلىسا




دەرت ئۈستىگە دەرتلەر كىلىدۇ،
شۇم تىكەنلەر دىلنى تىلىدۇ،
ھەتتا ھەرخىل خىيال قىلىدۇ،
تۇنجى سۆيگەن گۈل تاشلىسا.

گۈل باغلارغا قالمايدۇ رايى،
ھەرخىل گۈلگە يوقتۇر پەرۋايى،
توختاپ قالماس مۇڭلىرى، زارى،
تۇنجى سۆيگەن گۈل تاشلىسا.

بوپ قالاركەن ھەممىدىن غېرىپ،
يۈرەر  ئىكەن  ئىچىگە تىنىپ،
ياش تۇرۇپلا كىتەركەن قېرىپ،
تۇنجى سۆيگەن گۈل تاشلىسا.

يۈرەر دائىم ئېقىننى بويلاپ،
ياش  تۆكىدۇ يارىنى  ئويلاپ،
ئۆتەر شۇنداق ئۈزىنى گوللاپ،
تۇنجى سۆيگەن گۈل تاشلىسا.



        ساقلىتىدۇ كىم



سېغىنمىساڭ مىنى بىر قېتىم،
بۇ دۇنيادا قالغايمەن يىتىم.
ئۆزەڭ سەرسان قىلغان يۈرەكنى،
سەن كەلمىسەڭ ياشنىتىدۇ كىم.

يار يۇلۇڭغا تىكىلدى كۆزۈم،
قان يېشىمدا يۇيۇلدى يۈزۈم.
ھىجرانىڭدا سۇلغان گۈلۈمنى،
سەن كەلمىسەڭ شاخلىتىدۇ كىم.

دەرتلىرىڭدە ساراڭ بۇ بېشىم،
تۇلا يىغلاپ قالمىدى يېشىم.
ئۇنتۇپ كەتسەڭ مىنى ئەگەردە،
مىنى سەندەك ساقلىتىدۇ كىم.




          تاپار بولدۇم



كىتىپ قالدىڭ كۈتەر بولدۇم،
سىنى ئويلاپ ئۈتەر بولدۇم.
تەنھا ياشاپ ، تۈندە يىغلاپ،
شامدەك كۆيۈپ ئۈچەر بولدۇم.

تۈندە  تەنھا  ياتار  بولدۇم،
يار  يولۇڭغا باقار بولدۇم.
گاھى كۆيسەم ئوتلارىڭدا،
گاھ سۈيۈڭدە ئاقار بولدۇم.

سىنى كۈيگە قاتار بولدۇم،
يۈرەك سىرىڭ ئاچار بولدۇم.
كەتكىن  قانچە  يىراقلارغا،
تەنھا ئىزدەپ تاپار بولدۇم.





مەنبە-ئابلىكىم قاراقاش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablikim.karkax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-14 02:09 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109573
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1591
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2014-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 06:29:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەپتۇ  ماركىلىق شىئىرىڭىز يامان پەيزىكەن جۇمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1324 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 07:19:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەپتۇ



دۈشمەن يامان كۆرسۈتۈپ سۆيمىگىن دەپتۇ،
سۆزلىرى چىن ئەمەستۇر كۆيمىگىن دەپتۇ.
   بايلىقى يوق مىنىڭدەك باقالماس دەپتۇ،
   سىنى بايلار سېپىگە قاتالماس دەپتۇ.

سۆيگۈنۈممۇ بوش كەلمەي سۈيىدۇ دەپتۇ،
مىنىڭ ئۈچۈن ئىشەنسەڭ ئۆلىدۇ  دەپتۇ.
بايلىق دىگەن شامالدەك ئاقىدۇ دەپتۇ،
ئىككىمىز تەڭ تىرىشساق تاپىدۇ دەپتۇ.

دۈشمەن پەيلى بۇزۇلۇپ كۆرىسەن دەپتۇ،
پۇل بولسىلا ھەممىگە كۆنىسەن دەپتۇ.
مۇھاببەتكە بىر تىيىن كەلمەيدۇ دەپتۇ،
قانچە قىلغىن كۆڭلىنى بەرمەيدۇ دەپتۇ.

سۆيگۈنۈم بىر غەزەپتە كىتىمەن دەپتۇ،
سەندەك كۆڭلى پەسلەردىن كىچىمەن دەپتۇ.
ئىككىمىزگە  بۇ  ئالەم  بايلىقتۇر  دەپتۇ،
سۆيگۈنى يوق بايلارغا سايلىقتۇر دەپتۇ.

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10417
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 07:29:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى قابىليتڭىز باكەن  جۇما   

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99858
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 903
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 10:25:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90741
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 588
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 03:43:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزگىچىلىكى يۇقۇرى،تىلغا يىقىشلىق شىئىرىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم...........«دەپتۇ»دىگەن شىئىرىڭىز ماڭا ھەم باشقا تورداشلارغىمۇ بەكلا ياقتى.  قەلەم تۇلپارىڭىزنىڭ ئىجادىيەت سەپەرلىرىدە ئۇتۇق قازىنىشنى تىلەيمەن

دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنداقلا ئىبرەت ئامىغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13082
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 1127 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 02:11:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەزەللەرنى قايتىدىن ئىشلەپ باققايسىز. ئىككىلى غەزەلنىڭ بىرىنچى بېيىتى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ. ئىككىنچى بىيىتىدىن باشلاپ رىلىستىن چىقىپ كېتىپتۇ. شېئىرلارنى ياقتۇردۇم!

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 04:02:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپرىن . ياخشى يىزىپسىز.

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 09:52:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mastana888 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 04:02 PM
ئاپرىن . ياخشى يىزىپسىز.


ئەگەشتىم!...

ھەر كاللىدا ھەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18253
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7067
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 1393 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2014-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 09:23:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت جۇمۇ

گۈزەللىك ئىزدىمە ، ئۇ قەلبىڭدە .......................
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش