ھەسرەتتىن تولغىنىپ ياتتىم ھەر كېچە،
مېھىرلىك كۆزۈڭنى ئويلىغان چېغىم.
نېمىشقا قەلبىڭدىن ئورۇن بەرمېدىڭ
جۇت كەلدى قۇرۇدى بۇ ياشلىق بېغىم.
ـ
ئەسلەشتىن نەچچە رەت تارىتتىم ئۆزۈمنى،
رەسىمىڭدىن قاچۇردۇم ئاسىي كۆزۈمنى.
يۈرەكتىن ئۆتكەندە ئاچچىق گەپلېرىڭ
ئەلەمدىن ئىچىمگە يۇتتۇم سۆزۈمنى.
ـ
مەلەڭدە دات باسقان قۇلۇپقا قاراپ،
قانچە رەت خىياللار قىلغانتى ئەسىر.
بىلىمەن، قەلبىڭدە ئورۇن يوق ماڭا
سەن گويا مەلىكە،تاملېرىڭ قەسىر.
ـ
رام قىلغان ئۆزۈڭمۇ، ئايدەك يۈزۈڭمۇ،
بىلمىدىم ۋە ياكى ئويچان كۆزۈڭمۇ.
ھەر كېچە ئۇيقۇدىن باتناپ قاچۇرغان
شۇ تاتلىك كۈلكەڭمۇ،ياكى سۆزۈڭمۇ.
ـ
ئاجىزمەن قەلبىمنى ئايان قىلىشقا،
ئەلەملىك سۆيگۈمنى بايان قىلىشقا.
ۋەلېكىن قەھىرلىك سۆزلېىڭ بېلەن
قادىرسەن سۆيگۈمنى پايمان قىلىشقا.
ـ
گۇناھمۇ كۆيگىنىم،گۇناھمۇ سۆيگۈ،
نېمىشقا قەلبىمدە ئازابلىق تۇيغۇ.
تۈنلەرنى كۈنلەرگە ئۇلايمەن نېچۈن
نېمىشقا كۆزۈمدىن تۆكۈلەر قايغۇ.
ـ
ئۈمۈدلۈك كۆزلەرىم چېھرىڭنى ئىزلەپ،
رەسمىڭنى قولۇمغا ئالدىم ئامالسىز.
بىلسەڭكىن قەلبىمنىڭ نېدالېرىنى
سەن ئۈچۈن ياش تۆككەن كۈنلەر ساناقسىز.
ـ
لەيلىگەن تۈمانلار قەلبىمدىن تاراپ،
كېلەمسىن بىر كۈنى كۆزۈمگە قاراپ.
يوق قىلىپ خىيالنى،تارتقان دەردىمنى
كىرەمسەن بىر كۈنى قەلبىمگە ماراپ.
ـ
مەمەترېھىم ئۆچمەس
ـ
2014-10-29
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-14 11:48 AM