مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1848|ئىنكاس: 30

دىللارغا زوق ئاتۇش پەدىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40205
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1304 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-13 08:37:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دىللارغا زوق ئاتۇش پەدىسى


رۇستەم قاراسۇ

باش پەدىدە يايرايدۇ كۆڭۈل،

ئاڭلاپ-ئاڭلاپ قالمايدۇ كۆڭۈل،

پەدىلەرگە قانمايدۇ ئۆمۈر،

دىللارغا زوق ئاتۇش پەدىسى.


ئۇسۇل پەدە بىر-ئىككى پەدە،

ئىيتقان چولپان بەلبىغى بەلدە،

شۇندىن بۇيان ياڭرىدى ئەلدە،

دىللارغا زوق ئاتۇش پەدىسى.


ئاڭلىغانمۇ ئۈچ-تۆت پەدىنى؟

دەتمەنلەرنىڭ تېڭشاپ دەردىنى،

قايىل قىلدى مۇڭى ھەممىنى،

دىللارغا زوق ئاتۇش پەدىسى.


پەدىلەرمۇ بەش،ئالتە بولدى،

خەلقىم قەلبى شادلىققا تولدى،

بىزنى دىمەڭ پەدىگە تويدى،

دىللارغا زوق ئاتۇش پەدىسى.


رۇستەم قاراسۇ2014.12.11يېزىلدى


رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9092
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3416 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-13 08:57:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرەر ناخشىچى يەنە ئاھاڭغا سالسا بولىدىكەن جۇمۇ مانى ،،شوخ پەدىگە......

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10457
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 11:26:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيساجان   بىر پەدىگە  سالىدىغان بولدى دە  بۇ  تىكىستنى


قارا سۇ   بۇرەدەرنىڭ  شىئىرلىرى  كۆپىنچە   ناخشا بوپ  چىقىۋاتىدىغۇ



يازغان  شىئىرلىرىمۇ  خىلى يارايدۇ  ماڭا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   axek13999649893 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-14 11:27 AM  


شاھزاد

جەيلان .

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102546
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 168
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 12:29:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېڭىزنىڭ ئاستىدىن يىڭنىنى قازغان ،
ئاتۇشنىڭ نامىنى تارىخقا يازغان .
لاچىن ھەم شۇڭقارمۇ ئارقىدا قالغان ،
پالۋاندىنمۇ جىگەرلىك ئاتۇش يىگىتى .

چېلىشلاردا يېڭىلمەس بولمىغان پاخشى ،
تىجارەتكە ئېپى بار ياخشىدىن ياخشى .
ئەل - ۋەتەن غېمىدا يازۇ ھەم قىشى ،
يۇرت ئىشقىدا باغرى گۈلخان ئاتۇش يىگىتى .

ئىلىم - ئېرفان بازارىدا قايناق يۈرىكى ،
ئېشىپ كەلگەن ئەمەلگە ئارزۇ - تىلىكى .
جەڭگاھلاردا بۇ ، جاننىڭ نىمە كىرىكى ،
ئىتىقادلىق ئىمانلىق ئاتۇش يىگىتى .

جەيلان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109573
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1655
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 782 سائەت
تىزىم: 2014-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 01:31:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناخشىمۇ ياخشى چىقىپتۇ،

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1996
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12019
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8729 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 05:46:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىجادىيەتلىرڭىزگە تېخمۇ ياخشى نەتجىلەرىنى تىلەيمەن

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40205
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1304 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 04:12:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


نورۇز ناۋاسى

رۇستەم قاراسۇ
نورۇز بىلەن ئۇزلۇق كىلىدۇ،
خېرىدارى قىزلار ئوسمىنىڭ.
باشلىرىدا گۈل چىمەن دوپپا،
ۋاقتى ئۆتتى دىمەك پوسمىنىڭ.

نورۇز كىلىپ ئىشچان يىگىتلەر،
ئېتىز-قىردا قولىدا كەتمەن.
دۇتتار بىلەن ھاردۇقى چىقار،
پەدىسىنىڭ ئىسمىدۇر دەرتمەن.

ھەر بىل دىلنى مەسخۇش قىلىدۇ،
ساپلىقىدىن نورۇز ھاۋاسى.
ئەلنى چىللار نورۇز بەزمىگە،
ياڭرىغان شوخ نورۇز ناۋاسى.

رۇستەم قاراسۇ




رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40205
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1304 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 03:43:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گىرىمسىز ئانام


رۇستەم قاراسۇ

كۆيۈمچان مىھرىبان پەرىشتە ئانام،

گىرىمسىز يۈزىڭدىن خاپىدۇر شەيتان.

چاچلىرى ئاقارغان بولسىمۇ ئانام،

مەن ئۈچۈن گۈزەللىك تەختىدە سۇلتان.


يىغلىسام بەزلىگەن ئانام ئەللىيى،

ئەللەيسىز چوڭ بولغان ئادەم زات بارمۇ؟

قەرىزدار ئانىنىڭ ئەجرى ئالدىدا ،

مەن ئەر دەپ مەيدىگە مۇشلىغان ئەرمۇ.


سەھرادەك باغرى كەڭ ئالەم سىغقۇدەك،

ئاپتىپى مېھرىنىڭ قۇياشتىن ئىللىق.

تېپىلماس ئىزدىسەڭ دۇنيادىن دوستلار،

ئانىدىن تېپىلغان مۇھاببەت چىنلىق.


رۇستەم قاراسۇ 2015.يىل1.ئاينىڭ 1. كۈنى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 03:43 PM  


رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100225
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 668
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 10:59:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى شىئىرلارنى يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن.

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40205
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1304 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 03:31:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئابدۇسەمى دامۇللامغا مىڭ ئالقىش

رۇستەم قاراسۇ
ئازغان بىرلە ئاتۇش يۇرتنى ئاختۇرۇپ،
قالدى تەقۋا  ئىلىملىكنى ياختۇرۇپ.
قەدىرلىدى ئالقىش چاۋاك ياغدۇرۇپ،
ئابدۇسەمى دامۇللامغا مىڭ ئالقىش.

بۇغرا مەسچىت مۇنبەرىدە سۆزلەيدۇ،
ئىخلاس بىلەن ھەقىقەتنى كۆزلەيدۇ،
يارالغىنىڭ بىر مۆجىزە كۆر دەيدۇ،
ئابدۇسەمى دامۇللامغا مىڭ ئالقىش.

ئەزىزلەندى ئەل تۆرىگە ئېلىنىپ،
ئەزىز قىلدى ئەزىزلىكنى ئەل بىرىپ،
بۇ ھەقىقەت كۆپتۈرمىدىم يەل بىرىپ،
ئابدۇسەمى دامۇللامغا مىڭ ئالقىش.

يېقىملىقتۇر مۇڭغا تولغان ئاۋازى،
قايىل قىلدى بۇلبۇل كەبى ناۋاسى،
بىر مەن ئەمەس جىمى ئەلنىڭ باھاسى،
ئابدۇسەمى دامۇللامغا مىڭ ئالقىش.
2015.يىلى 1.ئاينىڭ 5.كۈنى تاماملاندى

قاراسۇ دوختۇرخانسى ئېچىلغانلىقىغا

رۇستەم قاراسۇ
قۇت ئۈچۈن بېسىلغان قەدەم مەرھابا،
ئىزىڭدىن گۈل ئۈنەر ئەل دوئاسىدا.
باققان يۇرت ئەجرىگە قايتۇردىڭ جاۋاپ،
ھۆرمىتىڭ ئاشقۇسى ئەل ئاراسىدا.

ئېڭرىغان ئاۋازغا شىپا تاپاي دەپ،
ئانا يۇرت باغرىغا سالدىڭ ئىمارەت.
پەرزەنتلىك بۇرچۇڭنى قالمىساڭ ئۇنتۇپ،
شۇمۇ بىر ياخشىلىق شۇمۇ ئىبادەت.

ئاق خالات كەيگەنگە لەقەم پەرىشتە،
بۈيۈكلىك ئولتۇرماق لوقمان تەختىگە.
ئاۋامنىڭ ساقلىقى دەپ جان كۆيدۈرگەن،
ئامان بول ئامانجان ئەلنىڭ بەختىگە.

رۇستەم قاراسۇ 2015.يىلى 1.ئاينىڭ 3.كۈنى

قەدىردانلىرىم

رۇستەم قاراسۇ
ئانامنىڭ بەللىرى مۆكىچىپ كەتتى،
دۆمچەيگەن دەرەخدەك دۆمچىيىپ كەتتى.
دادامنىڭ پۇت-قولى قاداققا تولغان،
بالام دەپ تاغ بەستى شۆمشىيىپ كەتتى.

تۇرمۇشنىڭ غەۋغاسى يەنە بېشىدا،
سېغىنىش ئاقىدۇ ئاچچىق يېشىدا.
ئىچىگە يۈتىدۇ ئازاپ ئەلەمنى،
تەبەسسۇم قىلغىنى بىلەن تېشىدا.

شۇلارنىڭ ئىخلاسى مۇشتەك بەش ئەتنى،
چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشتى پەرزەنىتنى.
غەنېىمەت يوقلايلى قەدىردانلارنى،
دائىما يار قىلماس تەغدىر پۇرسەتنى.

رۇستەم قاراسۇ 2015.يىلى1.ئاينىڭ 5.كۈ
ن




ى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 03:39 PM  


رۇستەم قارسۇ ئاتۇش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش