بايلار پۇلنى مۇنداق خەجلەيدۇ
بىر كۈنى بىل گايتىس بىر دوستى بىلەن «خىلتون» مېھمانخانىسىغا باردى، بۇ چاغدا مېھمانخانا ئالدىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى تولۇپ كەتكەنىدى، بىراق ياندىكى ئەزىز مېھمانلار ئاپتوموبىل توختىتش مەيدانىدا بوش ئورۇن خېلى كۆپ ئىدى، دوستى پىكاپنى شۇ يەرگە توختاتماقچى بولدى.
-ياق،-دېدى گايتىس كەسكىن تەلەپپۇزدا،-ئۇلار 12 دوللار ھەق ئالىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئەقىلگە سىغىدىغان باھا ئەمەس.
-بولدى، بۇھەقنى مەن تۆلەيمەن،-دېدى دوستى گېپىدە چىڭ تۇرۇپ.
-ياق، بۇمەسىلىنى ھەل قىلىدىغان چارە ئەمەس، ئۇلار باھادا چەكتىن بەك ئاشۇرۇۋېتكەن،-دېدى گايتىس گېپىدە چىڭ تۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئاخىر ئاددىي ئاپتوموبىل توختىتىش سۇپىسىدىن بوش ئورۇن تاپتى.
گايتىس ئەزەلدىن مۇنداق بىنورمال باھالاردىن بەك غەزەپلىنەتتى، بىراق ئۇ پۇلنى توغرا يەرگە خەجلەيدىغان چاغدا زادىلا بېخىللىق قىلمايتتى، بىز ئۇنىڭ مۇشۇ يىللاردا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتىغان پۇلغا قارىساقلا بۇ نۇقتىنى چۈشىنىمىز.
روكفېللىد ئەزەلدىن مېھمانخانىنىڭ ئادەتتىكى ياتاقلىرىدا ياتاتتى، بىر قېتىم مۇلازىم بۇ ئىشنى چۈشىنەلمەي سورىدى:
-جانابلىرى،ئوغۇللىرى ھەرقانداق چاغدا ياتاقنىڭ ئەڭ ئېسىلىنى ئاچقۇزىدۇ، بىراق سىلى بىرەر قېتىممۇ ئېسىل ياتاقتا يېتىپ باقمىدىلا، بۇ يەردە بىرەر سەۋەب بارمۇ قانداق؟
-بار،-دېدى روكفېللىد،-ئۇنىڭ مىليونېر ئاتىسى بار، لېكىن مېنىڭ يوق.
گەرچە گەپ شۇنداق ئېيتىلسىمۇ، بىراق روكفېللېدنىڭ مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىغا ئاتىغان پۇلى زادىلا توختاپ باقمىدى.
بىر قېتىم لى جىياچېڭ پىكاپقا چىقىشتىن بۇرۇن يانچۇقىدىن ياغلىقنى چىقىرىۋېدى، بىر يۈنلىك بىر تەڭگە ياغلىق بىلەن تەڭ چىقىپ يەرگە چۈشۈپ كەتتى. بۇ چاغدا يامغۇر يېغىۋاتاتتى، لى جياچېڭ پىكاپتىن چۈشۈپ بۇ تەڭگىنى ئېلىۋالماقچى بولدى. بىر ياردەمچىسى ئۇ تەڭگىنى ئېلىپ بەرگەندە، لى جىياچېڭ دەرھال يېنىدىن 100 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى چىقىرىپ تەڭگىنى ئېلىپ بەرگەن ياردەمچىسىنى مۇكاپاتلىدى ۋە مۇنداق دېدى:
-ئۇ بىر تەڭگىنى ئېلىۋالمىساق، يامغۇر سۈيى ئېقىتىپ كەتسە زىيان بولىدۇ، بىراق مەن بەرگەن100 يۈەن زىيان بولمىدى، بەلكى نەق جايىنى تاپتى. پۇل دېگەن جەمئىيەت ياراتقان بايلىق، ئۇنى زىيانغا ئۇچراتساق بولمايدۇ.
(ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-13 07:20 PM