|
|
|
|
ھەممىمىزگە مەلۇم گوگۇل شىركىتى6-ئايدىكى چوڭ يىغىنىدا يىڭى نەشىردىكى Android Lنى ئىلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمەلىيەتتە بۇ Lollipop يەنى Android5.0 بولۇپ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى رەسمىي ھالدا ئابونتلارنىڭ قاچىلىشىغا تەمىنلەندى. شۇنىڭ بىلەن گوگۇل مەھسۇلاتلىرىدىن nexus4,nexus5,nexus7 ۋاھاكازالار تۇنجى بولۇپ يىڭى سىستىمىدىن بەھىرلىنەلەيدىغان بولدى.
بەلكىم رايونىمىزدا گوگۇل تورلىرى ياخشى ئىچىلمىغاچقا نۇرغۇن ئابونتلار يىڭى نەشىر ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالالمىغان بولۇشى مۇمكىن،ۋە يەنە root ئەپ قويغان تىلغۇنلارمۇ يىڭىلاش ئۇچۇرىغا تايىنىپ بىۋاستە سىستىما يىڭىيالمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. شۇڭا كەمىنە كۆپچىلىككە Nexus4 يانفونىنىڭ 5.0 سىستىمىسىنى ئەپ كەلدىم ،قىزىققۇچىلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەيسىلەر.
ئۆزگەرتىلگەن ئالاھىدىلىكلەر : سىستىما خىزمەت قىلىش ھالىتى ئۆزگەرگەندىن باشقا يەنە كۆرۈنمە يۈزىدە زور دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولغان ، مەسىلەن ئارقا سۇپىدا خىزمەت قىلىۋاتقان دىتاللارنى باشقۇرۇش ئۆچۈرۈش دىگەندەكلەر 3D ئۈنۈمدە كۆرۈلىدىكەن ، يەنە كومپىيوتىرغا ئوخشاشلا ئابونت قوشۇش ئىختىدارى قىتىلىپتۇ ، ئۈستىدىكى ھالەت ېامكىسى يىڭى تۈسكە كىرىپتۇ ۋاھاكازالار. قالغىنىنى ئۆزۈڭلار ئالدىرىماي ھىس قىلىۋىلىڭلار.
بۇ پەقەتلا nexus4 نىڭ رومى ،باشقا Nexus ئۈسكۈنىلىرىنىڭ رومىنى ئورگان تورىدىن چۈشۈرۈڭ.
ئورگان تورىدىن نورمال چۈشۈرەلەيدىغانلار ئىختىيار ،چۈشۈرەلمىگەنلەرگە دەپ qq微云
گە چىقىرىپ قويدۇم .
تەستىق نۇمۇر :WXME
ئادىرىس:
http://url.cn/UxcBej
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kaxkarlek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-13 06:36 PM
|
|
|
|
|
|