ھاياتىمدا ئارمانىم سەنلا
مول ھاياتنىڭ ئەركىن غايىسى،
ھەرنەپەستە ئۇرغۇيدۇ دىلدا.
مېھرى كۆيدە تىزىمەن مىسرا،
سۈيۈنگەچكە قەلبىمدىن ساڭا.
ھەربىر تۇيغۇم ئارمانلار تۇغۇپ،
ئەقىيدىستە سۇنىدۇ مېھىر.
گاھى كۈلسە گاھىدا يىغلاپ،
قەلبىم بۇلىدۇ بەزىدە پېقىر.
سەبرىلەردە يىڭىپ ھەممىنى،
ئارمانلاردا باقىمەن ساڭا.
بەرگەن نىممەت ئۇنتۇلماس كىتاپ،
دىلغا ئۆڭمەس يىزىلىدۇ ئاڭا.
كۈلكە -شادلىق سەندۇرسەن ئەركەم،
ھەرسۈزۈڭنى يامغۇردەك سەپكەن.
گاھى سالقىن گاھىدا ئىسسىق،
مېھرى بولقۇڭنى ئېچىپ ئەتكەن.
يامغۇر بولساڭ سالقىنكەن دەيمەن،
قۇياش تەپتى مېھرىڭنى ئويلاپ.
ھەرسىناقتىن ئۆتىمەن مەزمۇت.
ئەقىدەمدە رىشتىمنى باغلاپ.
ھاياتىمدا ئارمانىم سەنلا،
ئۆزگىلەرگە ئەسلا رايىم يوق.
سەنلا بولساڭ مەڭگۈ يىنىمدا،
ئاچ يۈرسەممۇ مەڭگۈ قۇسقۇم تۇق.
مېھرى بولقىم ئوخچىيدۇ ساڭا.
ھەرنەپەستە ئارمانلار تۇغۇپ.
مېھرى-ۋاپا ئەقىدەم بىلەن،
ھەردەقىقە ئۆتىمەن كۈتۈپ.
تالاشمىغىن مەندىن گۈزەللىك
تالاشمىغىن مەندىن گۈزەللىك،
ئىككىمىزنىڭ قەلبى ئوخشىماس.
چىراي گۈزەل بولغىنى بىلەن،
قەلبى گۈزەل بولمىسا بولماس.
گۈزەل قەلىب يىقىملىق شۇنچە،
ھەرئىنسانغا بىرىدۇ مەدەت.
گۈزەللەردىن بولمىسىمۇ گەر،
دىلى گۈزەل مېھرىدىن ئەبەت.
سىنىڭ چېھرىڭ گۈزەلدۇر-گۈزەل،
قار تىرەڭگە كۆزۈڭ قاملاشقان.
ھاكاۋۇرلا بېقىشلىرىڭ با،
قاراشلىرىڭغا بەك ياراشقان.
تالاشمىدىم سەندىن گۈزەللىك،
قەلبىم ئۆڭمەس مېھىرلىك قىزمەن.
ماختاپ قويسا ئۇچۇپ كەتمىگىن،
ئۇنىڭ سۆيگۈنى يەنىلا مەن.
قەلبىڭ پۈتۈن بولسۇن سىنىڭمۇ،
گۈزەللىكىڭ چاقناپ دىلىڭدا.
ھەرقەدەمدە كۆرىسەن بەركەت،
بەخىت تىپىپ ھايات يۇلىڭدا.
گۈزەل قەلىب يارشار چېھرىڭغا،
مېھرى ئىسسىق كۆرسىتىپ سېنى.
تالاشمىغىن مەندىن گۈزەللىك،
ئوي-ئويلارغا چۆكتۈرۈپ مىنى.
مەنبە قەلىمىم
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى
شېئىرلىرىمنى رۇخسەتسىز كۈچۈرمەڭ.بەزى ھېكايە شېئىرلىرىم ئۈندىدار سالۇنلىرىدا چىكىت-پەشمۇ ئۆزگەرمىگەن ھالدا خەقنىڭ نامىدا يۈرۈيدۇ،شۇڭا ئەسكەرتىپ قويدۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-12 07:51 PM