ئويلىماي دېسەممۇ كاللامغا كىرىپلىۋالدى كۆڭۈلسىز ئىشلار،قەدەملىرىمنى بەكلا تەستە يۆتكىمەكتىمەن، پۇتۇمغا خۇددى بىرسى تاش ئېسىپ قويغاندەك بەكلا ئېغىر ئىدى. ھەر ۋاقىت كۆڭلۈم بىئارام بولسا مۇڭلۇق ناخشىلارنى قويۇپ ئاڭلىسام،كۆڭۈل يېرىمچىلىقىم يوقاپ ، غەم-قايغۇلار ئازراق بولسىمۇ يېنىكلەپ، روھىم كۆتۈرۈلۈپ كەيپىياتىم خېلى تەڭشىلىپ قالاتتى.بىراق بۈگۈن مۇڭ ناخششىلارمۇ ،مۇنبەردىكى تېمىلارمۇ مەيلىمنى تارتالمىدى.
مۇشۇ كۈنلەردە كېچىسى ئۇيقۇم كەلمىگەنسېرى تولا خىيال سۈرىدىغان بولۇپ قالدىم. ئەمەلگە ئاشمايدىغان گۈزەل خىياللارنى تولا قىلىۋېرىپ، رىئاللىقتىكى رەزىللىكلەر كۆڭۈل كۆزۈمدىن ئۇچۇپ كەتكەندەك ئىدى،بىراق تۇرمۇش ئەمەلىيىتى رىئاللىقتنىڭ خىياللاردىكىدەك گۈزەل بولمايدىغانلىقىنى قايتا –قايتا ئىسپاتلاپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ جىمجىت ئولتۇرۇپ رىئاللىقتىكى پەسكەشلىكلەرنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇپ، خىيال دۇنياسىدا ھوزۇر سۈرۈش مېنىڭ ئەڭ ئەرمەك ئىشىمغا ئايلىنپ قالدى ھازىر.
رېئال تۇرمۇشتىكى كۆزۈم كۆرىۋاتقان ،قۇلىقىم ئاڭلاۋاتقان ناھەقچىلىكلەر،ئۆچ ئېلىشلار مېنى بەكلا چارچىتىپ قويدىمۇ قانداق، يەلكەمنى ئېغىر بىر تاش بېسىپ تۇرغاندەكلا،ئەسلى ئۇلارنى ئويلىماي ،ئالدىمغا قاراپ ماڭاي دەپ ئويلىغان ، بۇ ئېغىر تاشنى يەلكەمدىن تاشلىۋەتكۇم بار ئىدى، لېكىن قانداق ئۇسۇلدا ،قانداق ھالدا تاشلىۋېتىشنى بىلەلمەي قايمۇقۇپ قېلىۋاتىمەن…!
ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىم كۈنسايىن كۈچىيىۋاتىدۇ،ئەسلى بىر ئادەمگە بەك ئۆچمەنلىك قىلىشنى اللاھمۇ راۋا كۆرمەيتتى، بىراق ئۇنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قىلىقلىرى،ئۆچ ئېلىشلىرى مېنى شۇنداق ئويلاشقا مەجبۇرلاپ قويدى....!
باشقىلارنىڭ دەيدەيگە سېلىشى بويىچە ،بارىدىغان يەرگە بارسامغۇ ،چاۋىسى ئوبدان چىتقا يېيىلاتتى،بىراق كۆڭلۈمنى ئەقلىمگە ئەمەس ،ئەقلىمنى كۆڭلۈمنى باشقۇرۇشقا قويۇپ ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدىم.ئۇنداق قىلسام يېقىن ئۆتكەن ئىككەيلەننى رەنجىتىپ قويىدىكەنمەن،باشقىلارنى رەنجىتىش ھېسابىغا كەلگەن خۇشاللىقلاردىن قانداقمۇ لەززەت تاپسۇن بۇ كۆڭلۈم...!
بەلكىم كۆڭلىدە ‹‹قانداق قىلالايتتىڭ؟›،دەپ كۆرەڭلەپ كېتىۋاتىدىغاندۇ؟ بوپتۇ ،قولىدىن كەلگەننى قىلۋالسۇن،ھېسابلىق جاھان بۇ...! ‹‹سەن قىلغاننى مەن قىلماي››دەپ ئويلۇدۇم كۆڭلۈمدە...!جىق ئادەمنى نارازا قىلىپ قاخشىتىۋەتتى ،كۆز يېشىغا سەۋەپچى بولدى،لېكىن ھېچنىمە كۆرمىگەندەك خىرامان يۈرىيدۇ.
ئۆزۈمنى –ئۆزۈم بەزلەپ ،تەسەللىي بېرىپ ئولتۇرۇپ كۆڭۈل يېرىمچىلىقىمنى پۈتۈپ چىقتىم بۇ قۇرلارغا.
بۇ جاھان ئۇزۇن جاھان...!
ئەل بىزاردىن خۇدا بىزار...!
ئەل قىساسى مىنەلھەق...!
بۇ دۆلەت سەندە تۇرماس،بۇ مەينەت مەندە...!
بۇ ئالەمنىڭ ئۆتنە ئالەم ئىكەنلىكنى بىلمەمدىكىنە ئۇ؟‹‹كىشىگە قىلغان كىشىدە قالماس››دەپتىكەن.بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم...!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 J+ b4 C: ^" T: I0 T8 v7 T/ j4 d
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: m8 u, o5 m7 h2 b
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% d) h& j6 e- d' K& ?مەنبە : يېرىم بولغان كۆڭلۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-12 07:41 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ c2 J3 B: R: _
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ y( a8 [9 \ A: K5 h3 ]. M