بىز كۆپ قىسىم قاراشلىرىمىزنى ھەمىشە بەدىئى پەرەز بىلەنلا ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتۈپ كەتتۇق . بەلكىم لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىشقا ئېرىنگەن بۇلىشىمىز ياكى خاتا سۆز قىلىپ قۇيۇپ << ئىناۋەت >> نى تۆكۈۋېلىشنى بەكرەك نەزەردە تۇتقان بۇلىشىمىز مۇمكىن . ئەمما بۈگۈن مەن دەل مۇشۇ <<ئىناۋەت>> توغرۇلۇق سۆز قىلماقچى .
ھازىر جەمىيەت تەرەققى قىلدى ، ھەممىمىزنىڭ قوسۇقىمىز توق بولدى . ئەمما مۇشۇ توقلۇقمۇ كىشىنى بەك سەمىرتىپ ئەزەلدىن ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىزدە يوقلا يېڭىچە رەسمىيەتلىرىمىز كۆپىيىپ ، نۇرغۇنلىرىمىزنى قان بېسىمى ، قاندا ماي تەركىۋى ئېشىپ كېتىشتەك < زامانىۋى > كېسەل قىلىپ قويدى .
قارىسىڭىز يېشى 40 قا بارمايلا مېڭە نوكچىسى ، قەنىت كېسىلى دەپ ، ئاقساپ قېلىۋاتقان كىشىلىرىمىز دوختۇرخانىلارنىڭ تاپاۋېتىگە ھەسسە قوشماقتا .
ئۇنداقتا بۇ كېسەلنىڭ كېلىش مەنبەسى نېمە ؟
بۇ دەل بىزنىڭ تۈگۈمەس كەچلىك رېستۇرانلاردىكى يىيىش -ئىچىشتىن كىلىپ چىقىۋاتىدۇ .
كونىلارنىڭ بىر گېپى بۇلىدىغان ؛
< ئەتىگەندە بەگدەك ، چۈشتە پۇخرادەك ، كەچتە يوقسۇلدەك غىزالان > دەيدىغان . ئەمما بىزنىڭ تاماق يىيىش ئادىتىمىز ھازىرقى كۈندە ئۆزگىرەپ ، ئەتىگىنى بولسا بولدى بولمىسا يوق ، چۈشلۈكى مۇنداقلا ، كەچلىكى بولسا ئۇلتۇرۇش ، يىغىلىشلىرىمىز كاتتا رېستۇران ، ئاشپۇزۇللاردا . جوزىدىكى ئېسىل تائاملار ، تازا يەيمىز . سائەتنىڭ نەچچە بۇلۇپ كەتكىنى بىلەن ھېساپلاشمايمىز ، باللىرىمىز ئۆيدە ئاتا-ئانىلارنىڭ يولىغا قاراپ كېرىسلودا ئوخلاپ قېلىۋاتقان ... بىزدىكى نىمانچە تۈگىمەيدىغان يىغىلىش بۇ ؟! ئىلگىرى توي ، خەتمە توي دەپ رېستۇرانغا چاپاتتۇق ، نەچچە يىل بولدى قىزىمىزنىڭ گۈل چېيى ، قارىسىنى ئۇشتۇش چېيى ، ئۆي چېيى ۋە ھەر خىل چاي ... دەپ رېستۇراندىن كېلەلمەسلا بۇلۇپ قالغىنىمىزغا قارىماي ، ماۋۇ بۇ يىلقى بىر باغاق مېنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرۇپ قويدى . خوشنامنىڭ ئوغلى بۇ يىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ( ئىككىنچى تۈركۈمگە نۇمۇرى توشۇپ )ئىچكىردىكى بىر ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا ماڭىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ، خۇددى ئۆزەمنىڭ بالىسى ئىمتىھاندىن ئۆتكەندەكلا خوش بۇلۇپ ، ماڭغىچە ئازراق يوللۇق تۇتۇپ قۇيارمەن دەپ ئويلاپ ئولتۇرسام ، يولدۇشۇم بىر باغاقنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ . باغاققا ، شەنبە كەچتە مەلۇم رېستۇراندا خوشنىمىز ئوغلىنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتكەنلىك ئۇزۇتۇش چېيىنىڭ ئەزىز مېھمىنى بۇلۇپ بېرىشىمىز يېزىلغان ئىكەن . باغاقچىنى تۇتۇپ <توۋا> دەپ سالدىم . باللىرىمىزنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتكىنىغۇ تەبرىكلىگىدەك ياخشى ئىش ، ئەمما ئەمدى بۇنى خەققە باغاق تارقىتىپ رېستۇرانغا ئاپىرىپ ئۇزاتمىساقمۇ ئۇزۇتالماسمىزمۇ ؟!! ھازىرمۇ ئېسىمدە ، مەن ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن ۋاقتىمدا خوشنا -خۇلۇم ، ئۇرۇق -تۇققانلىرىم ماڭا يۈز سوپىنى ، لۈڭگە قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن مېنى ئۇزۇتۇپ قويغان ئېدى . شۇ چاغدىكى خوشاللىق ھسياتىمنى ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايمەن . شەنبە كۈنى بۇ باغاقتىن باشقىمۇ يەنە بىر نەزىر بىلەن خەتمە توينىڭ باغاقلىرىنى تاپشۇرۋالغان ئېدۇق ، يولدىشىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، مەن بۇ خوشنىمىزنىڭ ئوغلىنى ئۇزۇتۇش چېيىغا بارىدىغان ، يولدۇشۇم ئىككى يەرگە بېرىپ رەسمىيەتنى ئۆتەپ كىلىدىغان بۇلۇپ كېلىشتۇق .
باغاقتا دېيىلگەن ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ رېستۇرانغا باردىم ، ئەمما ئىشىكتىن كىرىپ <خاتا كىرىپ قالدىممۇ نېمە > دەپ ، تاسلا قالدىم كەينىمگە يانغىلى . چۈنكى رېستۇراننىڭ ئىچى ئادەم بىلەن لىق ئېدى . خوشناممۇ خۇددى تويى بولغان قىزدەك گېرىم قىلىپ ، مۇراسىم كىيىملىرىنى كىيىپ ، مەيدىلىرىگە قىزىل گۈل تاقاپ نەچچە يانداشلىرى بىلەن قاتىرسىگە تىزىلىپ تۇرۇپ كېتىپتۇ . ھەيرانلىقىمنى يۇشۇرۇشقا ئارانلا ئۈلگەردىم . مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇنى ئوغلىنىڭ ئۇزۇتۇش چېيى دېمەي ، تويى دېسىمۇ بولغۇدەك مەنزىرە كۆز ئالدىمدا مانا مەن دەپ تۇراتتى . خىيالىمدا بالىسىغا 100 سوم تۇتقۇزۇپ قۇيارمەن دېگەن پىلان بىلەن كىرگەن ئېدىم ، ئەمما مەخسۇس ئىككى ئايال پۇل تىزىملاپ ئولتۇرۇپتىكەن ، دەپتەردىكى 300، 500 دېگەن رەقەملەر مېنى خىجىل قىلىپ قويدى ، شۇڭا مەنمۇ 200 سومنى يازدۇرۇپ جوزىغا بېرىپ ئولتاردىم . جوزىدىكى نازۇ- نىممەتلەرنىڭ كۆپلىكىدىن جوزىنىڭ بوش يېرى قالمىغان ئېدى . بىرنەچچە سۆزلەنگۈر ئاياللارنىڭ < تىزغانلىرىنىڭ ھەممىسى تۈركىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىكەن ، مېھماننىڭ ھۆرمىتىنى مۇشۇنداق قىلمامدۇ دەيمەن > دېگىنىنى ئاڭلاپ ، ئىچىمدە بىزدىكى كېسەلنىڭ خېلى ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم . مۇشۇ يىقىندىن تۈركىيە مەھسۇلاتلىرى بىز ئۇيغۇرلار بازىرىدا خېلى بازار تېپىۋاتىدۇ . كىمنىڭ ئاغزىغا قارىسىڭىز تۈركىيەنىڭ دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قالىمىز . ئىقسادىي شارائىتىڭىز يار بەرسە سېتىۋېلىڭ . باشقىلارنىڭكىنى ئەسكى دېگەنلىك ئەمەس ، ئەمما مۇدا قىلىۋالماڭ . بىز ئۆزىمىزنىڭمۇ شۇنداق داڭلاپ ماختىغىدەك مەھسۇلاتلىرىمىز بار ،< قوينىڭدىن تۆكۈلسە ، قونچۇڭغا > دەپتىكەن . مەيلى بىز تۈركىيەنىڭكىنى كىيىۋالايلى ، ياكى ئامىرىكىنىڭكىنى ، يەنىلا بىزدۇرمىز قېرىندىشىم .
بىز ئۇيغۇرلار تولىمۇ مېھماندۇس خەلق ، ئەمما بۇ مېھماندۇستلۇقىمىزنى پۇلغا ، يەپ -ئىچىشكىلا باغلىۋالساق مېنىڭچە سەل قالماشماي قالدىغۇ دەيمەن . مۇشۇنداق تۈگۈمەس قايدا -يۇسۇنلىرىمىزنىڭ جىقلىغىدا ھەممىمىز دېگىدەك چارچاپ كېتىۋاتىمىز . روھىمىز ھارغىن ، تېتىكلىك يوق . مۇشۇنداق ئەھۋالدا خىزمەتتىمۇ ، ئائىلىدىمۇ يەلكىمىزنى خۇددى بىر ئېغىر تاش بېسىۋالغاندەك ، چىرايلىرىمىزدىن تەبەسسۇم ئۆچكەن ، كۆزلىرىمىزنىڭ نۇرى قاچقان ! يىغىنچاقلاپ كەلسەم يەنىلا شۇ ئابروي ، ئىناۋەت دەيدىكەن كىشىلىرىمىز . مۇشۇنىڭدەك باغاقلارسىزمۇ ئۆز ئابرويلىرىمىزنى ، ئىناۋەتلىرىمىزىنى تىكلىيەلەيتتۇق قېرىنداشلىرىم ! رېستۇراندىكى جوزىغا تىزغان پالانى يەرنىڭ تاتلىق -تۈرىمى ، كىيىملىرى بىلەن ئۆزىمىزگە ئىناۋەت تىكلىمىسەكمۇ ئۆزلۈك ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز ، بىلىم -ساپايىمىز ، ئاتا -ئانىلىق مەسئۇليەت ، ئاياللىق تەبىئى نازاكىتىمىز ، قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سەمىمى مېھرى -مۇھەببىتمىز بىلەنمۇ ئۇز قىممىتىمىزنى نامايەن قىلالايتتۇق .
مېھرىيە يازمىسى
|