يىـڭى ئــەزا
قۇمبۇلاق
(قوشاقچى) قۇمبۇلاق يۇرتۇمنىڭ شەربەت بۇلىقى ، ھەر تامچە سۈيىدە بەرىكەت خۇلقى . تۆت پەسل شىلدىرلاپ ئېقىشلىرىدا ، ئاياندۇر ئەجدادنىڭ نەپەس ، تىنىقى . قۇمبۇلاق يۇرتۇمنىڭ تارىخ قامۇسى ، ھەر تامچە سۈيىدە ئەجداد سىماسى . بىر ئاھاڭ ، بىر كۈيدە نامايەن ئۇندا ، مەردانە ئۇيغۇرنىڭ غەلبە نىداسى . قۇمبۇلاق سېھىرلىك ، مىھىرلىك بۇلاق ، باغرىدا مۇجەسسەم تارىخى پىراق . بوۋامنىڭ چاڭقىغان دىماقلىرىدا ، زەمزەمنىڭ تەمىدەك كەتمەيدۇ يىراق . بوۋامدىن ئاڭلىغان ھېكمەتلىرىڭنى ، بالامغا سۆزلەيمەن كەچمىشلىرىڭنى . يادلىنىپ ئۆتكۈسى نەۋرىلەر ئارا ، تارىختا قالدۇرغان چەشمىلىرىڭنى . قۇمبۇلاق ، قۇمبۇلاق مىھىرلىك بۇلاق ، كەچمىشىم مۇجەسسەم سىھىرلىك بۇلاق . ئۆتمۈشنى بۈگۈنگە ، ئەتىگە ئۇلاپ ، توختىماي ئېقىۋەر قەدىرلىك بۇلاق . مەنبە : ئىجادىيىتىم
پاش قىلىش
ئۇيقۇچى_uyquchi
ئادەتتىكى ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ