مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4211|ئىنكاس: 26

رەخمەت سىزگە ئابلەت ئابدۇللا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107710
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 363
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2014-6-14
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 12:46:25 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە ئابلەت ئابدۇللا (ئىنتىل)

ئالتە ياش چاغلىرىم ئىدى . ھەدەم بىلەن ئىككىمىز ھويلىدا ئويناپ تۇراتتۇق تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ ، بالام - دەپ  چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ دەرھال قارىدىم . ئالدىمدا رەتلىك كىيىنگەن ، چىرايى سارغۇچ كەلگەن بىر مۇلايىم ئايال ماڭا قاراپ تۇراتتى .  ئوغلۇم ، سىز مەكتەپ يېشىغا توشۇپسىز شۇڭا سىزنى مەكتەپكە ئاپىراي دەپ كەلدىم ، مەن سىزنىڭ مۇئەللىمىڭىز بولىمەن ، ئىسمىم گۈلقەلەم  . ئۆيدە چوڭلار بامۇ ؟ دەپ سورىدى . مەن ئۆيدىكىلەرنى چاقىردىم . مۇئەللىم ئۇلار بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن مىنى كىيىملىرىمنى كىيىپ تەييار بولۇشۇمنى ئېيىتتى.  تۈزۈكرەك كىيىمىم بولمىغاچقا ، ئانام ئاكامنىڭ كىچىك چېغىدا كېيگەن كونا كىيىملىرىنى تېپىپ ماڭا كىيگۈزۈپ بىر قاتار تۈزەشتۈرۈپ قويدى دە ، مۇئەللىم بىلەن مەكتەپكە يۈرۈپ كەتتۇق . شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىم باشلاندى . مەكتىپىمىز كونا بولسىمۇ يەنىلا شۇنچىلىك مىھرى ئىسسىق ، ئوقۇغۇچىلارمۇ بەك ئىناق ئۆتەتتۇق . بىر - بىرىمىزگە ھەر قايسى جەھەتلەردىن ياردەم قىلاتتۇق . قىش پەسلى كەلگەن ۋاقىتلاردا ساۋاقداشلار ھەممىمىز سىنىپتىكى كونا مەشنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ قوشاق ئېيتىشىپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرغاچ ، ئاتا ئانىمىز سومكىمىزغا سېلىپ قويغان ياڭاق ، قۇرۇق ئۈزۈم ، گۈلە ، نان دىگەندەك نەرسىلەرنى تەڭ بۆلۈشۈپ يەيتتۇق . سىنىپىمىزدىكى بەزى قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا ئۆزىمىز خەجلەيدىغان شۇ بىر مولۇق، ئىككى مولۇق پۇللارنى يېغىپ ئۇلارنىڭ پۇتىنىڭ ئۇچى چىقىپ تۇرىدىغان شۇ كونا ئاياقلىرىنى ، نەچچە يەردىن يىرتىلىپ كەتكەن ئاشۇ كونا چاپانلىرىنى يىڭىغا ئالماشتۇرۇپ قوياتتۇق . ئۆزىمىز قىلغان ئاشۇ كىچىككىنە ئىشتىن شۇنچىلىك خۇش بوپ كىتەتتۇق . شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن مەكتەپكە بەك ئامراق ئىدىم . ھەش - پەش دىگۈچە تولۇقسىزغىمۇ چىقتىم ئۇ ۋاقىتلاردا قوشتىل سىنىپى يىڭى قۇرۇلغان بولۇپ بىر مەكتەپتە ئاران ئىككى سىنىپ بار ئىدى .  دەرىسلەردە خېلى ياخشى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلىرىم مىنى قوشتىل سىنىپىدا ئوقۇپ ئىچكىرگە ئىمتاھان بىرىشىمنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ خالىماسلىقى بىلەن ئادەتتىكى سىنىپتا ئوقۇشنى قارار قىلغان ئىدىم . بىر كۈنى مۇئەللىم ئۆيگە ئىزدەپ كېلىپ دادامغا يەنە شۇ ئىشنى ئېيىتتى . لىكىن دادام ؛  خاپا بولمىسىلا مۇئەللىم ، مىنىڭ باشقا بىر ئارزۇيۇم با . شۇڭا ئوغلۇمنى مەكتەپتە ئوقۇتالمايمەن دىگەن جاۋاپ بىلەن مۇئەللىمنى ئۇزىتىپ قويدى . تولۇقسىزنى ئادەتتىكى سىنىپتا ئوقۇپ پۈتتۈردۈم ئاندىن دادامنىڭ شۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشتىم . بەش يىل بوپتۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئارزۇسىمۇ ئەمەلگە ئاشتى ئۇلار مەندىن رازى بولۇشتى . داداممۇ ۋاپات بوپ كەتتى . شۇنچە يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ مىنىڭ مەكتەپكە ، ئوقۇغۇچىلىققا بولغان ئىشتىياقىم قىلچە سۇسلاشمىدى.  ئىمكانىيەت بولسا شەخسى مەكتەپلەردە بولسىمۇ ئوقۇشنى ئويلايتتىم ھەم شۇنداق مەكتەپلەرنى ئىزدەپ كۆرەتتىم . شۇ كۈنلەردە تۇيۇقسىز ئىنتىل مەكتىپى  دېقىتتىمنى تارتتى  «ئۈنۈمدىن باشقىسى قۇرۇق گەپ» دىگەن شۇئارى مىنى تېخىمۇ قىزىقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىكا قالساملا توردىن ، تېلىۋىزورلاردىن شۇ مەكتەپكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئالاھىدە دېققەت قىلىدىغان بوپ كەتتىم . مەكتەپ قۇرغۇچىسى ئابلەت مۇئەللىمنىڭ ھەر بىر سۆزلىرىگە ، قىلغان ئىشلىرىغا تېخىمۇ قايىل بولاتتىم .  لىكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا غەمكىن ئىدى . چۈنكى ئۆيدىكى ياشىنىپ قالغان ئانامنى تاشلاپ قويۇپ مەكتەپتە بېرىپ ئوقۇيالمايتتىم ھەم ئانام قوشۇلمايتتى . كۆزۈمنىڭ ئوچۇق چېغىدا سېنى ئۆيلەپ قويۇۋالاي بالام دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۋالاتتى . بەك تەڭلىكتە قالدىم بىر تەرەپتە ئانام تۇرۇپتۇ يەنە بىر تەرەپتە ئارزۇ - ھەۋەسلىرىم .  قايسىنى تاللاشنى بىلەلمەيتتىم . بەلكىم بۇ مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىكى چوڭ تاللاش بولسا كىرەك .
بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئىنتىل مەكتىپىنىڭ تارمىقى خوتەنگە ئېچىلدى دىگەن خەۋەرنى كۆرۈپ ، بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم . بۇرۇنمۇ تارماق مەكتەپ قۇرىلىدىكەن دىگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان لىكىن بەك ئۇزاق ۋاقىت كىتىدۇ دەپ قارايتتىم . سۈرۈشتۈرۈپ باقسام خەۋەر راس چىقتى  شۇ خەۋەرنى كۆرۈپ بىر كىچە ئۇيان - بۇيان ئۆرلۈپ يېتىپ تۈزۈكمۇ ئۇخلىماپتىمەن . توختىماي خىيال سۈرەتتىم ئەگەر ئوقۇش پۇرسىتى كەلسە چوقۇم بەك قەدىرلەيمەن دەپ ئويلايتتىم . ئانامغا دەپ باقتىم لىكىن ئالغان جاۋابىم بۇرۇنقىغا ئوخشاش . بۈگۈنمۇ ئۇيقۇم كەلمەي توردىن ئىنتىل مەكتىۋىنىڭ يازلىق لاگىر پائالىيتىنى كۆرۈپ ئۇلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن .
ئەتتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىر قاتار ئىشلىرمنى تۈگىتىپ بولۇپ ئۆيدىكىلەر بىلەن ناشتا قىلىپ ئولتۇراتتىم دەرۋازا قېقىلدى . تىز بېرىپ ئىشىكنى ئاچقان ئىدىم كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم ، كۆز ئالدىمدا ئابلەت مۇئەللىم بىلەن ھەمرااھلىرى تۇراتتى . قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم . ئۇلارنى كۆرپە ئۈستىگە باشلاپ ، ئەھۋال سورىشىپ بولغاندىن كىيىن مۇئەللىم ئۆزىنى ئانامغا تونۇشتۇردى ھەم نىمە سەۋەپتىن كەلگەنلىكىنى ئېيىتتى . مىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغۇم بارلىقىنى ، مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىنى ، بىلىم ئېلىشنىڭ پايدىسىنى سۆزلىگەندىن كىيىن ئانام بىردەم جىم ئولتۇرۇپ قالدى . بىر سۈكۈتتىن كىيىن ماڭا قاراپ ، بوپتۇ  - بارغىن بالام ، سەن مىنىڭ يۈرەك پارەم دەپ بېشىنى لىڭشىتتى . يۈگۈرۈپ بېرىپ ئانامغا ئېسىلىپ يىغلاپ تاشلىدىم . تۇيۇقسىز ، بالام تۇرە ئورنۇڭدىن بامدات ۋاقتى بولدى دىگەن ئاۋاز مىنى چۆچىتىۋەتتى . قارىسام چۈشۈمكەن ئۆينىڭ تورۇسقا قاراپ بىردەم خىيال سۈرگەندىن كىيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ چۆگۈننى ئېلىپ سىرتقا ماڭدىم .  ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى ماڭا قايتا نىسىپ بولارمۇ بىلمەيمەن لىكىن ماڭا ئوخشاش خوتەندىكى بىلىمگە تەشنا يۈرەكلەرنىڭ بۇ پۇرسەتكە نىسىپ بولغىنىدىن مەنمۇ بەك خۇش.

بىر ئەلنىڭ ئىچىدىن ھەر ساھەدىكى ئابرويلۇق كىشىلەر چىقىپ تۇرىدۇ . لىكىن ئەلنىڭ غېمىنى يەپ ، ئەل ئۈچۈن ، مىللىتى ئۈچۈن ياشايدىغان مەرت ئوغلانلارنى خەلقىمىز مەڭگۈ ئۇلۇغلايدۇ . ئابلەت مۇئەللىمنىڭ خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىدىكى باشلامچىلىق رولى ، خەلقىمىز ئۈچۈن  ھەقسىز مەكتەپ قۇرۇشى ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ياخشى تەرەپلىرى بىزنىڭ تەرىپلىشىمىزگە ۋە ھۆرمەتلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ . رەخمەت سىزگە ئابلەت ئابدۇللا !  سىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقان «ئابدۇللا» غا ياراتقۇچى ئىگىمىزنىڭ رەخمىتى بولسۇن ! سىز خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھۆرمەت ساھىبى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-12 09:45 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1602
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 03:16:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابلەت ئابدۇللانى بىۋاستە تۇمىنىساممۇئاندا ساندا ئىستىقبال سەھنىسىدىن كۇرۇپ قالىمەن، گەپ سۇزلىرى تۇلمۇ ئۇرۇنلۇق يىراقنى كۇرەر  قابىلىيەتلىك ياشكەن، ھەقىقى زىيالى ئاتىلىشقا ھەقلىق ئۇيغۇر يىگىتى، ئۇتكەندە ئىنتىل مەكتىپىنى 4-5يىل ئىچىدە ئىنستىتۇت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى دىگەندەك قىلدى، مۇشۇنداق ياشلىرىمىزنىڭ كۇپلەپ مەيدانغا كىلىشىنى تىلەيمىز، ئىنتىل ئىنىستىتۇتىنىڭ تىزرەك بەرپا بۇلۇشىنى تىلەيمىز

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11446
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1686 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 05:19:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈندە يېرىم كۇن مىسرانىمغا قاراپ ئولتۇرماي تىرىشسا بىر گەپ بولىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قۇرۇق گەپ ۋە قۇرۇق خىيالدىن ئەمەس ئەمەلىيى ھەرىكەتتىن كېلىدۇ .

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87585
يازما سانى: 806
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 394 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 06:12:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بالا قارمايدا لىكسىيە سۆزلىدى بەلەت باھاسى 100 كوي كەن.ئاڭلىغانلار قالتسى دەپ ماختاپ كەتتى.
مەنمۇ ئىستىقبال سەھنىسىدە كۆردۈم بۇ بالىنى.گەپلىرى ئورۇنلۇقكەن دىمىسىمۇ،25 ياشكەن.مۇشۇنچىلىك ياشتا بىر ئىشنى قىلىش تەس.بۇ بالىغا قايىلمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111604
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-12-9
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 06:14:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىستىقبال سەھىنىسىدە ئىشقىلىپ خېلى ياشلارغا ئىلھام بېرىدىغان گەپلەرنى قىلىدۇ،بەزىلەردەك قاملاشمىسمۇ تەكەببۇرلۇق قىلىپ سوغوق گەپ قىلمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 635 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 06:45:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ مۇئەللىمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلاپ بەك تەسىرلەندىم . بۇ ئاكىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10432
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 06:45:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپ سۆزلىرى  بەك  ئۇرۇنلۇق  بۇ  برادىرىمىزنىڭ  

شاھزاد

غۇرۇر ،ۋىجدانىڭنى يۇقاتما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 431
يازما سانى: 967
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12810
تۆھپە نۇمۇرى: 427
توردا: 879 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 07:06:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ranjimayman يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 06:12 PM
بۇ بالا قارمايدا لىكسىيە سۆزلىدى بەلەت باھاسى 100 كوي كە ...

ئابلەت مۇئەللىم 30غا كىرىپ قالدىغۇ دەيمەن

سىنى سۆيگىنىم خاتا ئەمەس ،ئۇچراتقىنىم خاتا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10551
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9629
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1756 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-13 12:12:40 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابلەت مۇئەللىم ئۆزىمۇ بەك ئورۇنلۇق گەپ قىلىدىغان، ئىقتىدارلىق ئادەمكەن، بۇ ئاكىمىزغا مەنمۇ قايىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111417
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 385 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-13 08:24:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2015 يىلى 1ئاينىڭ 1كۇنى ئىتىل تارماق مەكتىۋى خوتەندە ئوقوش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۇزەمىش  بەك خوش بولدۇم  ئۇتۇقلار يار بولسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش