مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9665|ئىنكاس: 49

ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90482
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2013-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 01:33:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى


ساداقەتجان ھاجى


بۇ ھەجۋى ئەمەستۇر. بۇ ئەمەس يۇمۇر.
بۇمۇ بىر قەسىدە. ئوقۇپ باق ئۇيغۇر.

ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى ئەجەپمۇ تاتلىق؟
ئۇيغۇرۇم ئۇيقۇدىن ئىزدەيدۇ شاتلىق؟
ئەمگەكچان، مىھماندوست ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن،
ئۇيقۇدۇر- ئەڭ گۈزەل شىرىن ھاياتلىق؟

ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى ئەجەپمۇ راھەت؟
ئۇيغۇرۇم ئۇيقۇدىن ئىزدەيدۇ ئامەت؟
ياخشىدۇر ئۇيغۇرنىڭ ھەممە نىمىسى؟
ئۇيغۇرنىڭ چۈشىگە كىرمەس قىيامەت؟

ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى كاتتا بىر سەنئەت؟
ئەللىيى- ناخشىدۇر. خورىكى- ناخشا؟
ئۇخلايدۇ ئويلىماي ئاقىۋىتىنى؟
ئاڭلىسا ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى ناخشا؟

ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى ئەجەپمۇ ئۇزۇن؟
ئۇخلايدۇ ناخشىنى ئاڭلىغانسىرى؟
ئۇيغۇردا بار شۇنداق بىر ئادەت-يوسۇن؟
ئۇخلايدۇ ئۇيغۇرنى داڭلىغانسىرى؟

ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى ئەجەپمۇ داڭلىق؟
ئۇيغۇرنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوقتۇر؟
ئۇيغۇرۇم ئەزەلدىن ئۇخلايدۇ ئاڭلىق؟
ئۇيقۇسىز قالغۇدەك تەشۋىشى يوقتۇر؟

ئاسماندا ئۇچۇش ھەم دېڭىزدا ئۈزۈش...
ئۇيغۇرنىڭ ئىشى ئەمەس؟ ئويغاقنىڭ ئىشى؟
ئىجاد دەرياسىدىن جاۋاھىر سۈزۈش...
ئۇيغۇرنىڭ ئىشى ئەمەس؟ ئويغاقنىڭ ئىشى؟

كارى يوق ئۇيغۇرنىڭ ئاي، يۇلتۇز بىلەن؟
كارى يوق ئۇيغۇرنىڭ تىرىلسە جەسەت؟
كارى يوق ئۇيغۇرنىڭ ئويغاقلار بىلەن؟
ئۇيغۇرۇم ھىچكىمگە قىلمايدۇ ھەسەت؟

ئۇخلايدۇ ئۇيغۇرۇم پولو، كاۋاپ يەپ؟
ئۇخلايدۇ ئۇيغۇرۇم مۇقامنى ئاڭلاپ؟
ئۇخلايدۇ ئۇيغۇرۇم «ئۇخلاش- ساۋاب» دەپ؟
ئۇخلايدۇ ئۇيغۇرۇم ئۆزىنى داڭلاپ؟

ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى ئۇلۇغ ئۇيقۇدۇر؟
ئويغانما؟ ئويلانما؟ ئۇخلا ئۇيغۇرۇم؟
ئۆزگىلەر ئويغانسا ئۆزىنىڭ ئىشى؟
سەن ھەرگىز ئويغانما؟ ئۇخلا ئۇيغۇرۇم؟

ئوڭۇڭدا يوقىنى ئۇيقۇڭ بېرىدۇ؟
قالىسەن چۈشۈڭدە بولۇپ قاناتلىق؟
ئۇيغۇرۇم ئەيلىمە ئىشقىڭنى بىدار؟
ئۇيغۇرۇم! سەن ئۈچۈن ئۇيقۇ-ھاياتلىق؟؟؟



ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nafisa11 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
saliha24 + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
axik884 + 39 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 239   باھا خاتىرىسى

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ،
ئۇلۇغ ئاللا ساڭا ئۇنىڭ ئون ھەسسىسىنى ئاتا قىلسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5029
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 12:25:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىشقا تېگىشلىك !

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6714
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1841 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 12:31:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارامەت ياخشى چىقىپتۇ بۇ شئېر .. ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالدىكەن ....      
مەزمۇنىمۇ ياخشىكەن . قىسىقسى  ياخشىكەن....

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111583
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2014-12-8
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 12:42:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ناخشا ئاڭلاپ مۇنبەر ئارلاۋاتاتتىم   ... بۇ تىمىدا  ناخشا مۇقام ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپتۇ ... قۇلۇقۇمدىن تىڭشىغۇچنى ئېلىۋەتتىم ... يا ئاللاھ  بۇ ناخشا ئاڭلاشنى قاچانمۇ تاشلامەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106985
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 202
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2014-5-21
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 12:45:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109573
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 704 سائەت
تىزىم: 2014-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 12:50:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولىدىكەن ھارمىغايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1969
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 01:05:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ  ئۇيقىسى ياخشى ھەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1868
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 935 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 01:11:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلىم دېڭىزىدا ئۇنچە مەرۋايىت سۇزىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس جۇمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 01:18:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى ئانىلار ‹ئەللەي بالام...› دەپ ناخشا ئىيتىپ ،ئۇيقۇ بىلەن ئويغاقلىق ،چۈش بىلەن رىئاللىق ئارىسىدا گاراڭلىق بىلەن مۈگدەپ يۈرىيدىغان پەرزەنت بىقىشتىن توختاپ  ، ئۈنلۈك ئاۋازدا ‹ئويغان بالام ،ئويغان....› دەپ چۈقان سىلىپ ، جۇشقۇن ، كاللىسى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرۇدىغان ئۈمۈدۋار ئەۋلاتلارنى تەربىيلەپ چىقىشى لازىم بولۇپ قالدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1211
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 01:20:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uygur.jpg

ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ. بۇ ئۆزىڭىزنىڭ يازمىسىمۇ؟ بەزى جايلىرى بۇ رەسىمدىكى شېئىر بىلەن ئوخشاشكەن. ئۇنداقتا بۇمۇ سىزنىڭ ئەسىرىڭىزمۇ؟
قايتىلانماس ھېچكىم ھېچنېمە، قالار پەقەت شېرىن ئەسلىمە!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش