مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1126|ئىنكاس: 3

تاماق قاچىسى تالىشىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3574
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 01:06:24 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماق قاچىسى تالىشىش



- ھەي  ،   ھىلى  كۈنلىكىڭلار نەچچىدىن بولسۇن دىسە نىمە دەيمىز؟  
- 30 مىڭدىن  دەيمىز دە!  
- بۇرۇن ئايغا 30مىڭ بىرەتتى،  كۈنىگە بە دىسەك  ئۇنامدۇ؟  
- ئۇنماي  نىمە ھەددى،   ماشنىسى كادىن چىقتى،   مەھسۇلات  ئىشلەپ چىقىرىلمىسا  ۋاستىچىلەر  ئەرىز قىلدۇ ...   يەنە كىلىپ  بىزگە 30 مىڭدىن بەرسىمۇ بۇلارغا يەنىلا پايدا قالىدۇ.
- يامان ئەقىللىق جىما سەن!   
-  نىمىنى ئەقىللىق؟؟    بولسا مەڭگۈلۈك  ئىش تاپالىسام  ئەقىللىق بولمامتىم.   تۆت كۈندە  ماشنىسىنى ئوڭشىۋالسا  بىزنى  يەنە ھەيدەيدۇ.   خۇددى بۇرۇنقىدەك  ...   ئۇ چاغدا  ھاۋا تۇتۇۋ يەمدۇق؟   
-  ماشنىسىنى يەنە بۇزۇپ  قويمامدۇق؟   
- ماڭەۋا   ...  جىڭ  كالۋاكەنسە،   يەنە  بۇزۇپ  قويساق   بىزنىڭ قىلغىنىمىزنى  بىلۋالدۇ ،   تۈرمىدە ياتىمىز  ...  
- تۈرمىمۇ بىردە   ياخشى  باكاغا  تاماق بىردۇ جىمۇ!!
-  ماڭە ۋا! تۈرمىدە  قىزبالا باما؟ تاماكا باما؟   ھاراق باما؟    يوق  شۇ !!  بولسا ئاللا بۇرۇن كىرۋالاتتىم مەن  .   قۇرۇق گەپنى ئاز قىل...  ھىلى  ھەرگىز چاندۇما  بوممىسا  تۈرمىدە ياتىسە  ھە  ...    -     دىگىنچە  بۇ  ئىككى يىگىت « بىر قېتىم»  زاۋۇتى  خۇجايىنىنىڭ  ئۇزوووون   لىنكولىن  پىكاۋىغا چىقىپ   زاۋۇتقا  كىتىپ  قېلىشتى.    ئەسلى زاۋۇت  پۈتۈن ئاپتۇماتىك يۈرۈشلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى  بولۇپ    مەھسۇلات  زاۋۇتى  بولماي     بىر قۇتۇپلۇپ  پۇل تېپىش ماشنىسى بولۇپ  قالغان  ئىدى.   بۇ ئىككى يىگىت  تېخى بىر يىل ئىلگىرى  بۇ زاۋۇتنىڭ   ماشنا ئادەملىرىنى  كۈزتۈپ  ئىشقا بۇيرۇش بۇيرىقىنى بىردىغان تېخنىكلىرى ئىدى.   كىيىن  تېخنىكا يېڭلىنىپ  كاشلىنى ئۈزى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىش سەۋيەسىگە يەتتى.     شۇڭلاشقا بۇ ئىككى يىگىت  خىزمەتتىن شاللانغان ئىدى.    رىقابەتتە يېڭىلگەن بۇ يىگىتلەر  بىلىم ئاشۇر ماقچى بولۇشتى ،  ئەمما  بىلىم ئاشرۇپ  ئەڭ يۇقرى سەۋيەگە يىتىشكە كۈزى يەتمەي   بوششۇپ كىتىشتى.   شۇ ۋەجىدىن لاغايلاپ يۈرشۈپ  بىر كۈنى بولغاندا  پىششىق بىلدىغان زاۋۇتنىڭ بىخەتەرلىك سىستىمىسىنى پالەچ قىلىپ  باش ئاپراتنى  بۇزۋىتىپ  يىپ ئۇچىنى تۈگۈتۈپ  تىكۋىتىشتى.    ھەمدە  قارماققا بېلىقنىڭ ئىلنىشىتى ساقلاشتى  دىگەندەك بۈگۈن قارماققا  بېلىق ئېلىنغان ئىدى.   

-  خوش كەلدىڭلار يىگىتلەر ،  قېنى  ئولتۇرۇڭلار!  -  دەپ  ساختا تەكەللۇپ قىلدى  خۇجايىن.    يىگىتلەرمۇ  كاتتا  ئۇلۇغ مىھمانلاردەك   غادىيىپ  كىرىپ پۈتىنى مىنگەشتۈرۈپ  چوڭچىلىق  قىلىشتى  .  
-  مان داق ئىش يىگىتلەر،   زاۋۇتتىن ئازراق  چاتاق چىقىپ  سىلەرنىڭ  ياردىمىڭلار لازىم بوپقالدى،  كونا  باشقۇرۇش ـئاپتىڭلار تەييار ،   زاۋۇتنى ئوڭشىۋالغۇچە  نەچچىكۈن  ماڭدۇرۇپ  تۇرساڭلار  ...  باھادا  چاتاق  يوق!  
-  كۈنلىكى  40  مىڭ  -  دىدى   يىگىتتىن  بىرى   خوجايىننىڭ   دەرھۇ  ئاچچىقى مىڭ گەر ئۆرلىدىيۇ  ...  ئۈزنى بېسۋېلىپ-    چاتاق  يوق  -  دەپ   زورغا  كۈلدى  ۋە  -  قېنى يىگىتلەر  ئىشنى باشلاڭلار -  دىدى  .  ۋە  مۇشىنى قاتتىق تۈگدى.    يىگىتلەر  خۇشال  ھالدا   ئۇرۇنلىرىدىن  تۇرشۇپ  ئىشىغا ئاتلانماقچى بولۇشتى  .   بۇ چاغدا  سىرىتتىن  بىرى  كىردى  
- سىمەت  ئەپەندىم ،   زاۋۇتتىكى كاشلا  سىستىمىدىن چىقماپتۇ،   بىراۋلار  چېقىلغاندەك قىلىدۇ ...
-  ئۇنداقتا   ساخچىغا مەلۇم  قىلايلى   -     دىدى  خوجايىن    .   پەقەتلا  بىر  كۇنۇپكا ،   ئىش تامام  ساخچىغا مەلۇم قىلىندى  .    ساخچى  تورى  زاۋۇت ئاپتۇماتىك كونتىروللاش سۇپىسىنىڭ سىستىمىسىغا ئەركىن كىرىپ  سەۋەبىنى  سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى.  نەچچە دەقىقىلىق  ئانالىزدىن كىيىن        بۇ  دىلونى  قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش دەپ  قاراپ  تۆت گۇماندار  ئىھتىمالىنى  رەتلەپ  چىقىرىپ  بولدى.  بۇ  ئاپتۇماتىك ساقچىنىڭ دىلو پاش قىلىش  ئۈنۈمى  يۇقۇرى ئىدى،  توغرىلىق نىسبىتىمۇ  ناھايتى يۇقۇرى  .  ھەتتا  ھەر بىر ئىھتىماللىقنى  كۆزدىن  قاچۇر مايدۇ. ھەرقانداق رازۋىچچىكمۇ  بۇ  سىستىما  ئالدىدا  ھىچنىمىگە يارمايتى.   بۇ خۇددى شاھمات پىرنىڭ  ئىلىكتىرونلۇق شاھمات پىررى ئالدىغا مەڭگۈ مەغلۇبىيەتچى بولغىنىدەكلا ئىدى.  گىپىمىزگە كەلسەك ساخچا تورى  رازۋىچچىك سىستىمىسىنىڭ  ئىھتىماللىقى يۇقۇرى دەپ كۆرسەتكەن تۆت گۇماندارىنىڭ  ئالدىنقى ئىككىسى  ئالدىمىزدىكى  يىگىتلەر  ئىدى.   دەرھال   ساخچا تورى  ئاپتۇماتىك  تەكشۈرۈشكە ماسلىشىش ئۇچۇرى ئەۋەتتى.    ئىككى يىگىتنىڭ  يانجۇقلىرىدىكى  كىملىكلىرى  قىزىل سىگنال  چېلىپ  تەكشۈرۈشكە  ماسلىشىش ئۇچۇرىنى ئۇقۇشقا باشلىدى.      ئىش تەتۈرگە ئايلاندى  .  يىگىتلەر  ئىز قالدۇرمىغان بىلەن   زاۋۇتنى  ئۇلاردەك ئوبدان سۈشنىدىغانلار بولمىغاچقا  يەنىلا تورغا چۈشكەن ئىدى.    سەمەت  خوجايىن ( سەمەت لوبەن)  بۇ  ئىشلارنى ئاڭقىراممايلا  قالدى ،   ئەمىليەتتە بۇ يىگىتلەرنى تازا تىپىپ  تىللىغۇسى بار،  ئەمما  بۇلار  قىلمىغان بولۇپ  قالسا   زاۋۇت  سىستىمىسى ئەسلىگە كەلگۈچە بولغان نەچچە كۈندە زاۋۇتىنىڭ يەنى   پۇل ماشنىسىنىڭ   توختاپ  قېلشىنى  خالىمايدۇ.    خوجايىن ئىنكاس بىلدۈرمەي  چىكەتتى.     يىگىتلەرگە  يەنە ئۇچۇر كەلدى  «    زاۋۇت  ئىشكى  ئالدىدا  شوپۇرسىز ساخچى ئامتۇمبىلى سىزنى  ساقلاۋاتىدۇ ...  تەكشۈرشىمىزگە ماسلىشىڭ ، بەش مىنۇتقىچە  بەلگۈلەنگەن ئۇرۇنغا يىتىپ  بېرىڭ.   ماسلاشقىنىڭىزغا رەھمەت،  شەھەرنىڭ ئامانلىقى ھەممىمىزنىڭ بەختى ...2030 يىلىنى بەخىت يىلى قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى  »   

تۈگدى.  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2117
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 01:03:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2030يىلى ساخچىلارمۇ بىكا قالامدۇ نىمە ھەممە ماشىنىلىشىپ كەتسە

بۇ ئۆمۈرنىڭ خوشلىقى،چىن يۈرەكن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1243
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10290
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 917 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 01:40:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ، ئەمما سەل قىسقا چىقىپ قاپتۇ !

ئۆلۈمگە بىغەممەن،
كىسەلگە ھۇشيار.
قايغۇدىن بىزارمەن،
شادلىققا خۇشتار.

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10512
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 06:56:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2030 يىيل  نىمىشلا  بوپ  كىتىدۇ  اللە  بىلگۈچى

شاھزاد
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش