مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 634|ئىنكاس: 9

ئۇلۇغ قانال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 904
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9112
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7002 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 09:52:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇلۇغ قانال
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# D. j% `# p" \- C


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ ?( ~- e( H. k! `" ?

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 h9 K% p3 U. I' p9 \

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* r5 J5 N. z$ B6 D- q4 ?0 Q; q

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& _( m: C  D9 d4 A) y8 }* m
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ b* {0 ^, z1 C. K# K' ^   تارماق ئېقىنلاردىن دەريالار، دەريا- دېڭىزلاردىن زىمىن سەتىھىنى قورشاپ ياتقان بەھەيۋەت ئوكيانلار ھاسىل بولغاندەك، ھازىرقى زامان رەسمىي ئىبارىسىدا « يىپەك يولى » دەپ ئاتالغان ئۇلۇغ قانالغا شىمالدىن مۇز دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن خەلىقلەرنىڭ « ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» لاتقىلىرى، جەنوبتىن تروپىك مۇھىتتا ياشاپ كەلگەن قۇۋملەرنىڭ « تېرىم مەدەنىيىتى » يالدامىلىرى قويۇلغان. مۇز ۋە ئوت ئاستىدىن ئاپىرىدە بولغان شىمال- جەنوب قەدىمقى مەدەنىيىتى شەرق- غەرپ بويلاپ ئاللاھەزەل پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەڭدىن تولىسى ھەسسە قوشقان جاۋاھىراتلارنى بۇ قانالغا تاشلاپ، ئۇنى مەدەنىيەتنىڭ ئۇلۇغ ئوكيانىغا ئايلاندۇرغان. بىز ئۇنىڭدىن سۇمېر ۋە پىرئەۋىن زامانى ئىزنالىرىنى، ئارىيەت ۋە كىرىت دەۋرى شامالىرىنى، سۇفرات ۋە كۇڭفۇزى نەسىھەتلىرىنى، مېتىرا ۋە ئاپۇللا ئەپسانىلىرىنى، داۋ ۋە زوروئاستېر قەسىدىلىرىنى، مانى ۋە ساكيامۇنى دەستۇرلىرىنى، ئىسكەندەر ۋە دارا جەڭنامىلىرىنى، ئارستوتېل ۋە بۇقرات (ھېپوكرات) تەلىماتلىرىنى، كالامىيەت ۋە تەسەۋۋۇپ تەرغىباتلىرىنى، رابىيە، جۈنەيدىل باغداتى، مەنسۇر ھەللاجى، پەرىدىددىن ئەتتار، جالالىدىن رومى گۇمانىزىم ترگېدىيىلىرىنى، شەيخ سەئدى، ھافىز شىرازى، ئۆمەر ھەييام، ئابدىراخمان جامى ۋە نەۋائى لىرىكلىرىنى، ھازىرقى زامان ئازادلىق ۋە «ئۆزلۈك» تەپەككۇرىنىڭ يېڭى نوتىلىرىنى ھېس قىلالايمىز. ئۇ، ئۆز ساھىللىرىدا ئۆلگەن تىرىكلەرنى بېقىش بىلەن بىلە، يەنە ئەبەدىلئەبەد ئۆلمەس روھىيەت پەھلىۋانلىرىنىڭ مۇبارەك تۇپرىقىنى قۇچۇپ ياتماقتا. ئۇ ھەقىقەتەن مىسلىسىز قامۇس ۋە قىياسىز غەزىنە ! ھېلىغىچە ھېچ قايسى مۇقەددەس كىتابلار ياكى ئىنسىكلوپېدىك ھېكمەت مۇجەسسەملىرىمۇ بۇ قامۇس ۋە غەزىنىنىڭ ناھايىتى كىچىك بىرەر پارچىسىغا تەڭلىشەلىگەن ئەمەس. ئويلاپ كۆرۈڭ: ئەگەر بۇ قانالدا ئاققان، چايقالغان، قوشۇلغان ۋە چۆكمە ھاسىل قىلغان مەدەنىيەت دۇردانىلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلساق، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت جۇغلانمىسىدا يەنە قانچىلىك جاۋاھىرات قالغان بولاتتى- ھە؟!  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 ]  p' T7 ?* C. x8 D: qھايات دانىشمەن  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 I2 t) h& p2 g. w; L, p
   ئىنسانىيەت ئومۇمىي ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويۇش ھارپىسىدا روھىيەتتىكى مىسلىسىز بوھرانغا دۇچ كەلمەكتە.ئىنسانىيەت تەبىئەتنى تېزگىنلەشتە ئېينىشتېيننىڭ « نىسپىلىك نەزەرىيەسى» ئۇتۇقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. ئۇ، ماھىر ئېلېكتر ماتېماتىك، كائىناتتىكى ئۇچقۇر رېتسار، يادرو مۇشتلۇق بوكسچى بولىۋالغان. ئۇ يەنە شېكىسپر تراگېدىيىلىرىدىكى رەشىكچى، ئاچكۆز- خەسىس، سۈيىقەستچى ۋە نەسەب كۈشەندىگۈيلۈق تىپلىرىنى يېڭى نەسىل بىلەن كېڭەيتتى. بۇلغانغان كائىنات ۋە يەر- سۇ، بۇلغانغان تەن ۋە روھىيەت، بۇلغانغان ماددىي ۋە مەنىۋى ئوزۇق ئىنسانىيەتنى ساختا مۇھەببەت ۋە ھەقىقىي نەپرەت ماتېرىياللىرىدىن بارغانسېرى ئېنكوباتۇردىن ئاغزىنى ئېچىپ، تىرناقلىرىنى چىڭىتىپ چىقىۋاتقان چۆجىلەردەك كۆپەيتىپ چىقارماقتا. ئىنسانىيەت جەمئىيەتنى ۋە ئۆز-ئۆزىنى تېزگىنلەيدىغان « نىسبىيلىك نەزەرىيىسى كىشىلىك تەلىماتى» نى ياراتقىنى يوق! قەدىمكى ئەپسانىلار، كاھىن ۋە شامان ئەپسۇنلىرى، ئۈچ ئۇلۇغ دىننىڭ ئەھكاملىرى، روھىيەتچىل ئىزگۈ تەسەۋۋۇپ تەشەببۇسلىرى، موننىسكيونىڭ لىبرالىزىملىق مەسلەكلىرى، ماكىسنىڭ ئىجتىمائىي باراۋەرلىك غايىلىرى ھازىرقى مىسلىسىز روھىيەت بوھرانىنىڭ غايىسىزلىق كەلكۈنلىرىنى توسىيالماي تەمتىرىمەكتە. باشقا كىيگەن تۇماق- تەلپەكتەك ئىدىيلەر لەززىگە كېلىپ قالماستىن، يەنە باشتىن ئۈنۈپ چىققان ۋە كېلىشتۈرۈپ تۈگۈلگەن چاچتەك مەپكورىلارمۇ تىترەككە تولماقتا.  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) l% V3 i) G/ z0 P
غايىسىزلىق ئورنىغا بىر قاتار « پوتېنسىئال ئاڭ» ياكى « ئالدىنقى ئاڭ» قوڭغۇراقلىرىدىن تارقالغان سىگناللار تۇرمۇش ئۈستىگە ئاشكارا سىڭدى. ئۇ، يىلتىزى تىرەن، ھەتتا ئىنساننىڭ ئىنسىتىنكىتلىق ( تۇغما) فىزىئولوگىيىسىگە ۋە پىسخىكىلىق تۈزۈلمىسىگە تۇتاشقان، دىنىي ھېسىيات ۋە مىللىي ھېسىيات بىلەن زەرەتلىنىپ تۇرغان تەسىرى تېز سىگناللار بولۇپ چىقتى.  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 j! J. `: c: b0 V! V
   يوقىرى ماركىلىق ئىستېمال بويۇملىرى قىزغىنلىقى، تۇرمۇشنىڭ ئىسراپ ۋە سۆلەت، ھەشەمخورلۇق ۋە بېزەمچىلىك (ماننېرىزم) كەيپىياتىغا توختاۋسىز سېيرىلىپ كېتىۋېرىشى، ساقتا ۋە يەڭگىلتەك مەدەنىيەت بىلەن بەزلىنىش، سىياسەت ۋە مەمۇرىيەتچىلىكتە بۇ يول بىلەن كىشىلەر قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش، ھەتتا بۇنداق سېيرىلىشنى ماددىي تۇرمۇشتىكى دۇنياغا يۈزلىنىش ۋە نورمال ماددىي پارۋانلىق يولىدىن كۆرە تولاراق « پوتېنسىئال ئاڭ» بىلەن « ئالدىنقى ئاڭ» نى غىدىقلىغۇچى بۇ يۈزلىنىش، غايە- ئەقىدە بوھرانىدىكى چوڭ بوھران ئالامەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىدە گۇمان يوق. ئۇ، ھەقىقىي سىۋىلىزاتسىيىنى پۈچەكلەشتۈرىدۇ ۋە كىشىلەر قەلبىنى كامالەتتىن يىراقلاشتۇرىدۇ.  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 K5 }! t; i9 m8 x4 n1 ~, \جىنسىي ئەركىنلىك، نىكاھسىز تۇرمۇش، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە يۇقۇملىنىش غايە- ئەقىدە بوھرانىنىڭ يەنە بىر ئېقىمى. داڭلىق ماركىلىق ئىستېمال بۇيۇملىرى قىزغىنلىقى بىلەن جخنسىي ئەركىنلىك ئېقىمى بىر- بىرىگە مەنپىي- مۇسپەت تەقاززالىقى تۈزۈپ، ئېلان ۋە سەنئەتنىڭ قۇياش ئىلاھى-ئاپوللا ئىبادەتخانىسىنى جىنايەتخانىغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىش مۇمكىنمۇ؟!  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# s1 J  T. s0 i8 l! }  R
زامانىمىزنىڭ يوقىرىقى ئىككى كومېدىيىسىگە مۇناسىپ يەنە ئىككى تراگېدىيە كۆز ئالدىمىزدا قانلىق تارخ ياراتماقتا.  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" B0 _/ t! b4 w8 k2 K7 O* T! u; z2 Dدىنىي مەزھەپ كۆرەشلىرى بىلەن مىللىي- ئىرقىي ئۇرۇشلار شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۇنى ھەممە قىتئە ۋە مەملىكەتلەردىن تېپىش مۇمكىن. بىر قوشۇندىكى ئىككى دىنىي مەزھەپ، بىر كوچىدىكى ئىككى مىللىي- ئىرقىي تۈركۈم پۈتۈن ۋاسىتىلەر بىلەن شۇنداق ئۇرۇشتىكى، ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشقا پوپلار، پاپالار، ئۆلىمانلار، سىياسىيئونلار، سەركەردىلەر، ناتىقلارمۇ پايلىمىدى. مانا ئالدىڭىزدا تۇرغان تېلېۋىزورنى ئېچىڭچۇ، ئۇنىڭ رەڭدار ئېكرانىدا بۇ « تۆت دائىمىي » دىن باشقا تېماتېك مەزمۇنلار تولىمۇ زەئىپ ۋە ۋىجىك ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈسىز.  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. c# {7 X1 y' x) G+ j6 w   تارىخ تەلىماتلارنى زىددىيەتلىك نوقتىدىنلا ئەمەس، بىرلىك نوقتىدىن- «ۋەھدەت» نوقتىسىدىن ئىشدەش لازىملىقىنى، باشقىچە ئېيتقاندا، ئىنسانىيەتنى دىن، ئىرق، مىللەت، رايون، مەدەنىيەت تىپلىرى بويىچە سۈنئىي يوسۇندا پارچىلىۋېتىدىغان ئۆلچەم- قائىدىلەرنى بۇزغان «مۇجەسسەم تەپەككۇر» ئېگىزلىكىدە تۇرۇپ ئىزدەش لازىملىقىنى كۆرسەتتى.  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  S: n* z. `- a, s5 C! }7 N
   تارىخ تەلىماتلارنى قانداقتۇ ھەقىقىي ئادەمنىڭ ھەقىقىي ماھىيەتلىرىدىن تاشقىرى، جانلىق ئادەمگە سىرتتىن تېڭىلىدىغان جانسىز نەرسە شەكلىدە ئەمەس، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە كىشىلىكنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئالەمنىڭ سىر قانونىيەتلىرى گارمونىيىسى ئاساسىدا ئىزدەش لازىملىقىنى، ئۇنى ئادەمنىڭ ئۆزىدىن ئۆسۈپ چىققان ۋە ئادەمنىڭ پىكىر- ھېسياتلىرىنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا يىلتىز تارتقان ئادەم ھەققىدىكى تەلىمات سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىش لازىملىقىنى كۆرسەتتى. ئويلاپ كۆرۈڭچۇ، ئالەم ۋە ئادەم ھەققىدىكى تەلىماتتىن تاشقىرى تارخ يەنە نېمىنى تەن ئېلىشى مۇمكىم؟!  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ y# ^1 |9 ^1 v1 b9 a. r
ئىنسان ئۈچۈن بۇنداق « ئۆز»، « ئۆزىدە» تۇرغان ئامىللار بارمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇلار مەۋجۇد. بىز ئۇلارنى ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەس غايە ۋە ئۈمىدلىرى، ئۆلچەم ۋە رىجە ھېسىياتلىرى ئىچىدىن تاپالايمىز. ئۇ خۇددى مىڭ يىللاپ قۇدۇققا قامالغان، ساقاللىرى ئاپئاق دانىشمەنگە ئوخشاش ھېلىمۇ ھايات. ئۇنى زىنداندىن ئازاد قىلىشتىن باشقا نىجادىيەت يوق. ئۇ، يىپەك يولى مەرىپەتپەرۋەر ئىدىيىلىرى غەزىنىسىدە. ئۇنىڭ تىنىقىدا يۈزلىگەن مۇتەپەككۇر، مىڭلىغان ئىنسانپەرۋەر ئۆلىما، مىليونلىغان ھەقىقەت قۇربانلىرىنىڭ روھى ھايات!  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 J5 z. A% n( \7 cئىنسان تۇپراقتىن ئۈنگەن گىياھ، گىياھتىن قەد كۆتۈرگەن ھايۋان، ھايۋاندا نوتۇق يىپى بىلەن پىكىر كەشتىلىرىنى تۈزگەن كارامەت مۆجىزە، پۈتكۈل كائىنات سىرلىرىدىن تۈزۈلگەن ئۇلۇغ ئەۋرىشكە. ئىنساندا كائىنات مۇمكىنلىكلىرىنىڭ ھەممە قاتلاملىرى بىلەن كۆرۈنمىلىك سۈرەت ۋە يوشۇرۇن تىلسىمات نەمۇنىلىرى ساقلانغان.  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 [# }/ u% w+ `" W8 E   ئىنساننىڭ سۈرىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئاددىي كۆز كۇپايە، ئۆز خۇجىسىنى ئىتمۇ، مۈشۈكمۇ كۆرىدۇ. ئىنساننىڭ ماھىيەتلىرىنى ۋە بۇ ماھىيەتلىرىنىڭ كامالەت دەرىجە- ماقاملىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەينەك كېرەك. بۇ، « ئۆزلۈك ئەينىكى» دۇر.  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, _, M+ k1 s) c$ ?; \- ?# i   ئۆزلۈك- ئۆزىنى بىلمەكلىك! ئىنساننىڭ ئۇلۇغ تەبىئەت ئالىمى سۈپىتىدە تۇرغان ھازىرقى ھالىتى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ساۋاتسىزلىقتىن ئىبارەت، خالاس. ئىنسان ئۆزىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىدىن باشقا تەسۋىرىي ئالەم ھەقىقەتلىرىگە شۇنچىلىك ئىجىللىق بىلەن ئىچكىرىلەپ كىردىكى، ئۇ، يىپەك غوزىسىغا قامالغان جانىۋار- پىلە قۇرتىغا ئوخشاپ قالدى! روھىي زېمىندا ئىپتىدائىي ئىنساندىن تاكى تەقۋادار كاھىنلار ياكى ھازىرقى زامان مۇتەخەسسىسلىرى ۋەزخانلىق قىلىپ كەلگەن زامانلارغىچە نەچچە تۈمەن يىلدىن بېرى، ئىنسان تۈركۈملىرى خۇددى ئۆلگەن بۇغا بەدىنىدە قىمىلداپ يۈرگەن ئاچ چۆمۈلىلەردەك ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد تىنىم تېپىشمىدى. بۇنداق بۇغا جەسىتىدىن نەپ ئېلىش پەن ۋە ماھارەت تارماقلىرىغا ئايرىلىپ، زىمىننى بارغانسېرى مۇرەككەپ ۋە ئىنچىكىلەشكەن قۇرۇلمىلار قاپلىۋالدى. ھەسرەتلىنەرلىكى شۇكى، ئىنسانىيەت تېخى ئۆزى ھەققىدە، ئۆزىنىڭ كائىناتتىكى ماھىيىتى، ئورنى ھەققىدە، بولۇپمۇ ئۆز ماھىيەتلىرىنىڭ ئۆز پائالىيەت ھادىسىلىرىدىكى قىممىتى ھەققىدە ھېچقانچە ئىزدەنگىنى يوق. ئۇ ھېلىمۇ بۇغا بەدىنىدىن ئايرىلىپ، ئۆزلۈك غەزىنىسىگە دادىل قەدەم قويۇپ، «مەن كىم؟» دېگىنى يوق! مەئىشەت ئىجىللىقى خېروئىن خۇمارىدەك ئۇنى دۇمىلىتىپ، ئاللاقاچان ئۆزىنى ئۇنتۇغان مەجنۇن- دەلدۈشكە ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئېسىل بىنالار، ھەر خىل شەكىلدىكى ئايروپىلانلار، ئالتۇن قەلەملەر، ئوتلۇق قۇراللار تۇتقان قايسى ئادىمىزات ئۆزىنى ئۆ قۇلىدىكى يالتىراق « نام- ئەمەل كارتوچكىسى» دىكى مەن ئەمەسمەن، مەن بۇنىڭدىكى ئىبارىلەر ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بىر پۈتۈن روھىيەت دۇنياسىمەن، دەپ بۇ كارتوچكىنى مەسخىرە قىلالايدۇ؟!  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ V0 T; |6 Y6 O5 I   ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك شۇكى، ئۇ ئۆز ئەھۋالىنىڭ نىچۈكلىكى توغرىسىدىكى ھەقىقەتلەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. ئۇ، ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىپ، نەپسانىيەتتە مايمۇنلۇقتىن ئالۋاستىغا يۈزلەنگەن؛ ئەخلاقلىق، ساداقەتمەن كىشىلەرنى ئويۇنچۇق بىلىپ، بازار تىلسىملىرىدىكى شەيتان ئويۇنىنىڭ رولچىلىرى قىلىۋالغان؛ ئۇ بۇ يولدىكى ئەسەبىيلىكلىرىنى كىشىلەردىن ھالقىغان قابىللىق دەپ بىلىپ، ئۆز- ئۆزىنى ھالاك قىلىشنىڭ ئۈنۈملىك تەدبىرىنى تېپىشنى ئىجادىيەت دەپ قارىغان. قىسقىسى، ئۇنىڭ كەسپى ۋە ئىش- ئەمەلى زىمىن ۋە مۇھىت، پىكىر ۋە قەلبنى بۇلغاپ، ئۆز- ئۆزىگە گور كولاشتۇر.  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. i, J5 S+ R" R7 v5 o
دەرھەقىقەت، « ئۆزلۈك» بىر سۈزۈك ئەينەكتىن ئىبارەت. ئۆزلۈك ئەينىكى- ئىنسانىڭ ئۆز- ئۆزىنى بىلىش ۋە ئۆزىنى ئىنسانلىق ماھىيەتلىرى بويىچە كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش يولىدىكى « كۆرۈنمەي كۆرسەتكۈچى» ئەينەك. ئۇنىڭ قىرلىرىدىن مۇقەددەس نۇر جىلۋە قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ مۇقەددەس نۇرىدا « ئۆزۈڭنى تونۇ!» دېگەن قۇتلۇق سادا جاراڭلايدۇ. ئۇ، ئىنسانلىق ھەققىدىكى ھەقىقىي ئۇچۇر بۇلىقى!  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! s1 d2 I! e6 |* _' ~1 E
ئىنساننىڭ ئىجادىيەت يۇلتۇزى- « ئۆزلۈك ئەينىكى» دە ئۆزۈڭنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزگىلەرنى كۆرۈش ئىشقىغا، ئىنسانى بىر بىرى بىلەن قوشۇش مۇھەببىتىگە، ئىنساننى ئىنسانىي كامالەتكە كۆتۈرۈش تەلپۈنىشىگە مۇيەسسەر بولىسەن. ئۆزىنى كۆرۈپ بىلمەسلىك- ئىنسان سۈرىتىدىكى، ئەمما ھايۋانلىق زىندانىغا قالمالغان مەخبۇسنىڭ غەپلەت ئۇيقىسىغا تەمسىلدۇر. بۇ ئۇيقۇ غاپىللىق ئۇيقىسى، مەغرۇرلۇق ۋە تەنتەكلىكنى « سەگەكلىك» دەپ ھوزۇرلىنىدىغان جاھىلنىڭ غەپلەت ئۇيقىسىدىن ئىبارەت.  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 p; W" T; N. ?; s; `ئىنسان ئۆزلۈك ئەينىكىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنى تېزگىنلەش ئارقىلىق، تارىخنىڭ ۋە كەلگۈسىنىڭ ئۆلمەس سادالىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق، رەقىپ- كۈشەندە بىلەن بولغان مۈشكۈل ئېلىشىشلارنىڭ روھىيەتنى تاۋلىشى ئارقىلىق، ئۆلۈم تەھدىتى ۋە كەرەملىك ئۈمىدى ئارقىلىق ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىرادە- قۇدرەت زەررىلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ھېكمەت ئىلھامى ئاستىدا ئۆزلۈك ئەينىكى بولۇپ يېتىلىشى كېرەك!  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; b# L3 @# o4 l" c2 k3 f, D# Q' g/ H
ئۆزلۈك ئەينىكى كامالەتلىك ئىنسان قەلبىدىكى قۇياش ۋە ئەقىل كۆزىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا ئىلگىرىكى مەخسەتلىرىنىڭ پەقەت ۋاستە ئىكەنلىكىنى، ھەتتاكى مەئىشەت، روزىغار، ئىلىم- سەنئەت، ئىش ۋە شېئىرىيەتنىڭ پەقەتكىنە ۋاستە ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي مەخسەت ئۇنتۇلغان ۋە ياتلاشقان بىرلا نەرسە-ئىنسان ۋە ئۇنىڭ كامالىتى، ئىجتىمائىي- مەنىۋى بەختى ئىكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئۇ چاغدا سەن ئۇلۇغ بىلگەن قۇل ئىگىلىرىنىڭ لاي قونچاق، خار كۆرگەن قۇللارنىڭ نۇرانە مالائىكە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىڭ مۇمكىن.  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* _, \$ f0 m/ l, `+ W/ @1 w
ئۆزىنى چۈشەنگەن كامىل، ئۆزۈمچىلىكنى ئۇنتۇغان يېتۈك كىشىدۇر. ئۇ ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ ۋە بارلىق ئىنسانىيەت ئالىمى بىلەن قوشۇلىدۇ. بۇ ئارىدا ھەقىقەتنى يوشۇرغان پەردىلەر، چېگرلار، سېپىللار، تېرە ۋە ئىرق پەرقلىرى بىلەن ئەپسۇنكار رىسالىلەر ھېلىقى لاي قونچاقلارنىڭ كىشىلەرنى ئۆزىگە سەجدە قىلدۇرۇش كويىدا ياراتقان سېھىرلىق مەنزىرىسى بولۇپ چىقىدۇ. سەن تەڭرىلىك ماقامىدا تۇرۇپ ئۆز- ئۆزۈڭگە- ئىنسانغا سەجدە قىلىمەن. بۇ، ئېغىر ياتلىشىشتىن ئۆزلۈككە قايتىش ۋە پارچىلانغان ئالەمدىن ئۇلۇغ ۋەھدەت- بىرلىكنى قايتا تېپىشتۇر. سەن شۇ چاغدا ئىستىغپار ئوقۇيسەن: ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلمىگەن، ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ تاشقى ئالامەتلىرىنىلا تەن ئېلىپ، كامالەت تەرەپلىرىگە ئەقلىڭ يەتمىگەن ياكى ئۇنى تەن ئېلىشنى خالىمىغان، ھەتتا ئۇلارغا تۆھمەت ئوقۇپ، چەتتىن پېشىۋا ئىزدەپ يۈرگىنىڭگە پۇشايمان قىلىسەن. ئۇ چاغدا سەن ئۆز ئۇلۇغلىرىڭنى ئىغۋا كوھىقاپنىڭ تاش بورانلىرىدا يىقىتىپ، ئۇنى ئىيسادەك كرېست تاختىسىغا مىخلاپ، شەمسىددىن تەبرىزىينىڭ رەقىبلىرىدەك ئۇنى ئۆزگىلەر قۇلىدا قۇدۇققا تاشلاپ قەست قىلىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى بۇرمىلاپ، يەنە ھېچنىمىنى كۆرمىگەندەك ئۆپكىگە ئۇن سۈيى تولدۇرۇش بىلەن ئەرمەك بولۇپ يۈرىۋەرمەيسەن !  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 ~' r5 f% d( W
ئۆزلۈك ئەينىكى- مېھراجى ئەلاكى، ئۇنىڭدا تەڭرىنى كۆرىسەن. ئۇ سەن، سېنىڭ ئاشىقىڭ، مەخپۇبەڭ ۋە مەخسىتىڭ. جالالىدىن رومى مۇنداق يازغانىدى:  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' r. Z! l' r' j; r% i9 `3 o
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ B8 r0 Q! e3 m" f. [7 f
ھېچنىمە يوقكى سېنىڭدىن ئۆزگە ئالەمدە پەقەت،  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" `4 d# M9 O( u5 f3 `; r$ l1 B8 Mھەرنە ئىستەرسەن ئۆزۈڭدە جەم ئېرۇر بىلسەڭ ئەبەد.  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& K9 ^3 b4 m% o
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 e1 t! Z3 h1 v: Kئۆزلىك ئەينىكى- كامىل ئىنسان قەلبىدىكى يېشىلگەن ۋەھدەتتۇر.  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 11:14 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* h( z: h7 u7 `! b8 @2 {# R
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ F# x; X' I4 J+ g5 w9 F1 |

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 11:11:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن

ئۇلۇغ خۇداغا قويدۇم!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9692
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 09:03:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alhumar137 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 11:11 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 g& j, h1 R0 p- ~) H: v% ~ياخشىكەن

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 e# V6 h; K3 W4 nسىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىزنى ھەممە يەردە كۆرۇپ تۇرىمەن . تىمىنى ئوقۇمايلا ئىنكاس يازامسىز ياكى سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىز ئاجىزمۇ ؟ ۋە ياكى سىز خەت بېسىشتا قىينىلامسىز ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 A3 O: d0 a$ c8 r5 L1 Gئىنكاسنى جانلىق يېزىڭ يازمىسىڭىز تىما ئىگىسىنىڭ كۆڭلىگە كەلمەيدۇ.

بۇ دۇنيانىڭ بەختى ياخشى ئەمەس ئۇ دۇنيالىقنىڭ بەختى ئۇچۇن خۇداغا قاتتىق يالۋۇرۇپ سېغىنغىن ئەي ئىنسان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 09:10:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىتىم ئوقۇپلا چۈشۈنۈش تەس ئىكەن  .  بىرنەچچە قىتىم قايتىلاپ ئوقۇسا ئاندىن چۈشەنچە ھاسىل قىلالايدىكەن ئادەم .     ئالىمنىڭ خىلى كۆپ يازمىللىرىنى ئوقۇدۇم ، يازمىللىرىدىن  تەۋھىد چۈشەنچىسى ناھايىتى چوڭقۇرلاشقان زات ئىكەنلىكى مەلۇم.  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 @* X. o; ?/ |+ |& h) k8 hئالىمىمزنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن .   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-13 11:31:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
intizar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 09:03 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 @* F# N% [- f, g" j; Z
سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىزنى ھەممە يەردە كۆرۇپ تۇرىمەن . تى ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. O7 I; a. S& N6 w- D- k. Xنىم دەپ يازسام بولتى  تىما ئىگىسىنىڭ تىمىسىنى  كۆچۇرۇپ  چىقايمۇ يا  گەپ قىسا  قارىممۇ يا  خىنىممۇ بۇلمىدۇق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 534
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1659
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-13 08:28:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ئۇلۇغ قانال-قەدىمقى يىپەك يۇلى توغرىلىق كۆپلىگەن ئەسەرنى يازغان. «يىپەك يۇلىدىكى توققۇز ھىكمەت» ۋە باشقا ئەسەرلىرى مۇشۇ قەدىمقى يىپەك يۇلىنى چورىدەپ يېزىلغان. قەدىمقى يىپەك يۇلى، باشقىلار دەۋاتقان يىپەك يۇلى ۋە نۆۋەتتە دىيىلىۋاتقان زامانىۋى يىپەك يوللىرى بىلەن بەك ئوخشاپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108621
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 327
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 04:51:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
intizar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 09:03 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 h. o7 P! |9 E# R: o0 xسىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىزنى ھەممە يەردە كۆرۇپ تۇرىمەن . تى ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 X/ s9 w. F* D1 ^قىزىق باشقىلار قانداق ئىنكاس يازسا سىز بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى

ئۇلۇغ خۇداغا قويدۇم!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9692
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 07:24:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
padiqi1400 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 04:51 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 s/ V) I0 g4 y6 @( B- D5 Q
قىزىق باشقىلار قانداق ئىنكاس يازسا سىز بىلەن نېمە مۇن ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 H1 P1 u4 r' mنەگىلا قارىسام ئەخلەت ئىنكاس  

بۇ دۇنيانىڭ بەختى ياخشى ئەمەس ئۇ دۇنيالىقنىڭ بەختى ئۇچۇن خۇداغا قاتتىق يالۋۇرۇپ سېغىنغىن ئەي ئىنسان!

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2556
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10398
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 07:48:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننڭ  ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن مەن

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108621
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 327
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 02:05:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
intizar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-15 07:24 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- _" @- l8 J! x. j; i3 B$ L
نەگىلا قارىسام ئەخلەت ئىنكاس

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ M- Y8 h& u  U7 n4 Jسەھر قىلىڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش