مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3561|ئىنكاس: 50

قاسىم سىدىق:ناباپ قورالنى تاللىۋىلىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

180

تېما

5457

يازما

5637

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 73321
يازما سانى:
5457
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
20086
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
7520 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-16
ئاخىرقى:
2016-3-11
ۋاقتى: 2014-12-11 21:43:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

ناباپ قورالنى تاللىۋىلىش

قاسىم سىدىق

مەن"مىسرانىم"دا"ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش"دىگەن يازمىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن بىلىمخۇمار ئەپەندى مىنىڭ بۇ يازمىدا ئىلگىرى سۆرگەن ئىدىيىلىرىمگە ۋە شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسىغا ناھايتى كەسكىن ئىبارىلەر بىلەن ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىدە بولدى.بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ بۇ يازمىسى ئۆزى مۇستەقىل تەپەككۆر قىلىشقا ئادەتلەنمىگەن،شەكىل نەزەريىسى ۋە 29-تىئورمىغا قارشى مەۋقەدە تۇرىۋاتقان بەزى كىشلەرنىڭ كۆچۆرۆپ چاپلايدىغان"ئەڭگۆشتەر"ىگە ئايلاندى.مانا مۇشۇنداق غەيرى ئىلمى بولغان پوزىتسىيە ۋە كەيپىيات مىنى بۇ تېمىنى يېزىشقا مەجبۇر قىلدى.
بىلىمخۇمار ئەپەندىم ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يىتىشىپ چىققان خەلىقئارادا ئورنى بار ئالى مۇتەخەسىس.مەن ئۇنى بىلىم ،تۆھپەۋە پەزىلەت جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى ۋەجىدىن ھۆرمەتلەيمەن.لىكىن بۇ ھۆرمەتنى بۇنداق كىشىلەرنىڭ خاتا قاراشلىرىغىمۇ سۆكۆت قىلىش شەكلىدە ئىپادىلىمەيمەن!.
ئۇنىڭ ئۆستىگە ،بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ خاتا قاراشلىرى شەكىل نەزەريىسى ۋە 29-تىئورمىنىڭ تەقدىرى ھەم ئوبرازى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ،مەن بۇ نەزەريىنىڭ پەلسەپە-لوگىكىلىق ئۇقۇم،ئىدىيە سىستىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ گەپ قىلىشقا ھەقلىقمەن.شەكىل نەزەريىسى ۋە 29-تىئورمىغا بولغان خاتا قاراشلارنىڭ بىر نوپۇزلۇق شەخىسنىڭ قەلىمىدىن روياپقا چىقىشى،بۇ تەتقىقاتقا قاتنىشىش خاھىشىغا ئىگە كەسىپ ئىگىلىرىنى ئىككىلەندۆرۆپ قويۇدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا مىنىڭ جىددى ئىنكاس قايتۇرۇشۇم تېخىمۇ زۆرۆر.بىلىمخۇمار ئەپەندى بىر مەسئوليەتچان ئىلمى خادىم بولۇش سالاھىيىتى بىلەن مەن يازغان بۇ قۇرلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
شەكىل نەزەريىسىنى ،29-تىئورمىنى تەنقىت قىلماقچى بولغانلارغا كارغا كىلىدىغان تەنقىت قورالىنى تاللىشىنى تەۋىسيە قىلىمەن.بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ يازمىسى بولسا سىلەرنى مۇددىئارىڭلارغا يەتكۆزمەيدىغان ناباپ قورال.يەنىلا بۇنداق ناباپ قوراللارنى تاللاپ "جەڭ"گە كىرسەڭلار مەغلوبىيەتكە يۆزلەنگىنىڭلار يۆزلەنگەن!.

تۇۋەندە، بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ 29-تىئورمىنى ئىنكار قىلىشتا كۆرسەتكەن ئاساسلىرىنى نەقىل ئالىمەن ۋە ئاستىدا قارشى ئاساسلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇمەن:


1.مەن سىزنىڭ چۈشەندۈرىشىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم.  سىز ئوتتۇرىغا قويغان ئۇ تىئورمىنىڭ مۇنداق 2 خاتالىقى بار:

(1)        تېزلىك كۈچكە ئايلىنالمايدۇ. شۇڭا ئۇ بىر ھەرىكەت ياكى تۇراقلىققا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.  نيۇتوننىڭ 2-قانۇنى مۇنداق:

كۈچ = (ماسسا) x (تېزلىنىش)

x = كۆپەيتىش بەلگىسى

بۇ يەردە «تېزلىنىش» كە ئىنتايىن قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك.  تېزلىنىش كۈچنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما تېزلىك ئۇنداق ئەمەس.

________________________
تىزلىك مۇئەييەن شەرىتلەر ئاستىدا بىسىم كۈچىنى كەلتۆرۆپ چىقىرىدۇ.بۇنىڭدىن باشقانىسبىلىك نەزەريىسىدە تىزلىك ئاشقانچە ماسسا ئاشىدۇ دەپ قارىلىدۇ.ماسسا بىلەن كۈچنىڭ مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ يۇقۇرقى تىزلىك بىلەن كۈچنىڭ مۇناسىۋىتى يوق دىگەن ھۆكۆمى خاتا!.تىز سۆرئەتتە زەرىپ بىلەن ئورۇلغان مۇشت بىلەن ئاستا سۆرئەتتە ئۇرۇلغان مۇشتنىڭ زەربە كۆچىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىغىنى ساۋاتسىز كوچا لۇكچەكلىرىمۇ بىلىدۇ.
" تېزلىك كۈچكە ئايلىنالمايدۇ. شۇڭا ئۇ بىر ھەرىكەت ياكى تۇراقلىققا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. "دىگەن بۇگەپ تەنقىتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ!."شامال كۈچى"ئۇقۇملىرى بۇنداق قاراشنى رەت قىلىدۇ.توقسۇنلۇق ھەر بىر دىھقان،لەگلەك ئويناپ باققان ھەر بىر بالا بۇ نۇقتىنى بىلسە كېرەك.
كونكىرىت ئەھۋالنى كونكىرىت تەھلىل قىلىش كېرەك.بۇ شاردا(بىكھامچە توپتا)ئىزچىل ھالداسىزىقلىق ھەركەت مىقدارى بىلەن بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسۋەتتە مىقدار ئۆزگىرىش(تىزلىنىش)ھالىتى يۆز بېرىدۇ.مۇبادا بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ يۇقۇرقى گەپلىرى توغرا بولسا،ئۇ ھالدا،نىيوتۇننىڭ تۆۋەندىكى گەپلىرى خاتا بولىدۇ:
تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.
ــــــــــ ئىسائاك نىيوتۇن« «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن.

ماگنوس ئىففىكىتىنىڭ سۆرەتلىك چۈشەندۆرىلىشى:


2.بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ ئۆز ئىدىيىسىنىڭ رەسىملىك چۈشەندۆرىلىشى:


(2)        تۆۋەندىكى رەسىمدە بىر سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىدە ئايلىنىپ، ھەمدە پەستىن يۇقىرىغا مېڭىۋاتقان شار كۆرسىتىلگەن.  مەزكۇر رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، شارنىڭ سول تەرىپىدىكى ھەر بىر نۇقتىغا، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى بىر نۇقتا توغرا كېلىدۇ.  بۇ ئىككى نۇقتىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۈز سىزىق شارنىڭ مەركىزىدىن ئۆتىدۇ.  ھەر بىر «كۆك تېزلىك» نى ئۆز-ئارا تىك بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدىغان ئىككى تارماق تېزلىككە بۆلۈش مۇمكىن.  شۇنداق قىلساق، ئىككى «يېشىل تېزلىك» ئۆز-ئارا يىيىشىپ كېتىدۇ.  ئىككى «قىزىل تېزلىك» مۇ ئۆز-ئارا يىيىشىپ كېتىدۇ.  شۇ سەۋەبتىن، بۇ شار ھەرگىزمۇ بىر تەرەپكە ئاغمايدۇ.

بىلىمخۇمار ئەپەندى"ئىككى «يېشىل تېزلىك» ئۆز-ئارا يىيىشىپ كېتىدۇ.  ئىككى «قىزىل تېزلىك» مۇ ئۆز-ئارا يىيىشىپ كېتىدۇ.  شۇ سەۋەبتىن، بۇ شار ھەرگىزمۇ بىر تەرەپكە ئاغمايدۇ."دەپ يېزىش ئارقىلىق ماگنوس ئىففىكىتىنىمۇ،يۇقۇرقى سۆرەتتە قەيىت قىلىنغان بىكھامچە توپنىڭ مەۋجۆتلىگىنىمۇ ئىنكار قىلىۋەتتى.ھالبۇكى "ئېغىش"خەلقى ئالەمگە ئاشكارە پاكىت ئىدى.


(3) ئۇ شارنى كۆتۈرۈپ تۇرغان تەكشىلىكمۇ قاتتىق جىسىمدىن ياسالغان بولۇپ، شار ئۇنىڭ ئۈستىدە ماڭغاندا، بۇ تەكشىلىكنىڭ يۈزىدە ھېچ قانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدۇ.  بۇ تەكشىلىك ئىنتايىن سىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ يۈزى xy-تەكشىلىكىگە پاراللېل قويۇلغاندا، ئۇنىڭ يۈزىدىكى ئەڭ ئىگىز نۇقتا بىلەن ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنىڭ پەرقى نۆل بولىدۇ. (ئەگەر بۇ پەرق بىر نانو-مېتىر كەلسىمۇ، ئۇ شار بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتىدۇ.  شۇڭا بۇ شەرت ئىنتايىن مۇھىم. )

ئەپەندىم رەسىملىك چۈشەندۆرۆشلىرىدە پەقەت  پەقەت بۇلۇڭلۇق تىزلىكنى توغرا تەسۋىرلىگەن ،ھالبۇكى شار جىسمنىڭ ئوڭ،سول تەرەپلىرىنىڭ سىزىقلىق تىزلىك پەرقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان.29-تىئورمىنىڭ شەرتى بولسا ،بۇلۇڭلۇق ۋە سىزىقلىق تىزلىكتىن ئىبارەت ھەرئىككى تىزلىك.
"(ئەگەر بۇ پەرق بىر نانو-مېتىر كەلسىمۇ، ئۇ شار بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتىدۇ.  شۇڭا بۇ شەرت ئىنتايىن مۇھىم. ) "
دەرۋەقە بۇ پەرىق ئىنتايىن موھىم.بىلىمخۇمار ئەپەندى سىزىقلىق تىزلىكنىمۇ نەزەر دائىرىسى ئىچىگە كىرگۆزسىلا بۇ پەرىقنى كۆرۆپ ئالغان بولاتتى.


ئەپەندىمنىڭ خۇلاسىسى:
ئەگەر ھاۋا ئېقىمى ياكى شامال مەۋجۇت ئەمەس بولسا، F3 = 0  بولۇپ،  F1بىلەن F2نىڭ تەسىرىدە، بۇ شار سىزىقلىق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بارغانسېرى ئاستىلاپ، مەلۇم بىر نۇقتىغا كەلگەندە توختاپ قالىدۇ.  لېكىن، ئۇنى سولغا ياكى ئوڭغا قايدۇرىدىغان ھېچ قانداق كۈچ مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، بۇ شار ھەرگىزمۇ سولغا ياكى ئوڭغا ئېغىپ كەتمەيدۇ.

بۇ "خۇلاسە "خارەكتىرلىك باياندا ئالاقىدار بەزى"كۈچ"لەرچۈشۆرۆپ قويۇلغان.ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىغى نۇقتىسىدىن قارىغاندابىلىمخۇمارئەپەندىم NASAنىڭ ئالى مۇتەخەسىسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ھېچبولمىغانداكائىناتتا ھېچقانداق "كۈچ"بولمىغان شارائىتنىڭ مەۋجۆت ئەمەسلىگىنى بىلىدۇ ۋە بىلىشى كېرەك ئىدى.بۇنىڭدىن باشقا "بىكھامچە تېپىك"نىڭ "تاشقى كۈچ"سوپىتىدە رول ئۇينايدىغانلىغىنى،بىكھامنىڭ پۇتىدىن ئايرىلغان توپنىڭ ئىنىرىتسىيە قانۇنىغا بوي سۇنۇپ "يېڭى ھالىتى"نى باشقا "كۈچ"ئۆزگەرتكىچەئۆزگەرتمەي ساقلايدىغانلىغىنى بىلىشى كېرەك ئىدى.ئەپسۇس ئەپەندىم بۇ نۇقتىلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان.
يەنى،ئەپەندىم بۇ نۇقتىدا "ئەسلىدىكى ھالەت"ۋە "ئىنىرىتسىيىلىك كۈچ"نى نەزەرگە ئالمىغان.چەكلىمىلىككەئىگەماتىماتىكىلىق ئىدىيە فىزىكىلىق رىياللىقنى بىلىش ۋە تەسۋىرلەشتە ئەپەندىمنى خاتالاشتۇرغان.مىسالدىكى ئىككى تەرەپنىڭ تىزلىك پەرقى يوققا چىقىرىلغان.ئەپەندىم بۇ نۇقتىدا ھەتتا ماگنوس ئىففىكىتىدە قەيىت قىلىنغان تىزلىك پەرىقلىرىنىمۇ ئىنكار قىلغان.تەجىربە ،كۆزۆتۈش نەتىجىلىرىنىڭ  بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ قارىشىنى ئىنكار قىلىشىغۇ بايامقىلا گەپ!.

29-تېئورىمىنىڭ ئىسپاتلىنىش تەجرىبىسى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ ئەركىن چۈشكەن جىسىملار ئۆز ئوقىدائايلانماي ئەركىن چۈشكەن جىسىملارغا قارىغاندا ئاستىراق چۈشىدىغانلىقىنى ۋەتۆۋەنگە چۈشۈش ھەرىكەت تېرايىكتورىيسىنىڭ ئەگرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. (ئەلۋەتتە،بۇ ھاۋا بولمىغان شارائىتتىمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ.) شەكىل نەزەرىيسچە بولغاندا، ئۆزئوقىدا ئايلانغان جىسىم ئەركىن چۈشۈش جەريانىدا، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئوقى ۋەسىزىقلىق ھەرىكەت يۆنىلىشى بىلەن ئوڭ قول مۇناسىۋىتىنى تۈزىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ ئاغىدۇ. ئۆز ئوقىدا ئايلانغان جىسىمنىڭ ئېغىشى ئۇنىڭ ئەركىن چۈشۈش تېرايىكتورىيسىنىڭ ئەگرى سىزىق بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

_ئالىمجان ئوبۇلقاسىم:-"مەشھۇر ئۈچ تەجرىبەۋە 29-تېئورىما تەجرىبىسى ئۈستېدە سىلىشتۇرما تەتقىقات"دىن.

مېنىڭ بارلىق تورداشلارغا تەكلىپىم، يۇقىرىقىدەك پەرەزلەرنى ھەرگىزمۇ باشقا تىلغا تەرجىمە قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقماڭلار.  ئۇنداق قىلىش ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان بىر نادانلىقتىن باشقا نەرسە بولالمايدۇ.  

قىسقىسى، مېنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، مىللەتكە ئىگە چىقايلى.  ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئاياق ئاستى قىلمايلى.

مەن تەبىئەت پەنلىرى ئۆستىدە ئېلىپ بىرىلىدىغان تەتقىقاتقا ھەرقانداق شەكىلدىكى سىياسى،مىللى،دىنى بوياقلارنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىنى خالىمايمەن؛بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ "مىللەتكە ئىگە چىقىش"دىن ئىبارەت تېما بىلەن ئەسلا مۇناسىۋىتى بولمىغان تەشەببۆسى ،ھەرقانداق تەبىئى پەن تەتقىقاتىنى خەۋىپ-خەتەرگە،ئوربىتىدىن چەتلەشكە گىرىپتار قىلىشى مۆمكىن.تەبىئەت پەنلىرىدە بىز ئىنسانىيەت مەۋقەسىدە تۇرۇپ تەپەككۆر قىلىشىمىز كېرەك.بىر شەخىسىنىڭ ئىدىيىۋى خاسلىغى ،ئۇ تەۋە بولغان بىر پۆتۆن مىللەتنىڭ ئوبرازىنى بولغىۋىتىشى ناتايىن.بىلىمخۇمار ئەپەندىچە بۇنداق تەپەككۆر قىلىش يولى ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەركىن ئىدىيە ۋە ئىجادچانلىقنى ھالاك قىلىشى مۆمكىن.چۈنكى بۇھالدا بىر مىللەتنىڭ ئوبرازىنى "قوغداشقا "مەسئۇل ناھايتىمۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر بىكىتكەن رامكىغا بىر پۆتۆن مىللەت "قامىلىشى"كېرەك.ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا نىسبەتەن ئىتقاندادۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ زۆلمەتلىك مەنزىرە تېپىلماس!.

ماڭا ئوخشاش ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ گەپ -سۆزلىرىنىڭ چاقىرىق كۆچى ۋە ئېزىقتۇروش كۈچى تايىنلىقلا بولىدۇ.لىكىن ،يوقۇرى نوپۇزغا ئىگە كىشىلەر نىڭ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ.شۇڭا بۇنداق كىشىلەر بەكمۇ ئىھتىياتچان بولغىنى تۆزۆك.

ئامېرىكا پەنلەر ئاكادىيمىسىنىڭ ئاكادىيمىكى شۇي جىڭ خۇا ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:
«ئىلىم-پەندە جەزمەن ئىنقىلاب ئىلىپ بىرىلىشى، مۇتەخەسىسلەر باھالاش تۈزۈمى جەزمەن ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك. ھازىرقى ئىلىم دۇنياسى گالىلىي دەۋرىدىكىدەك تولىمۇ كونسىرۋاتىپ، قاتمال، چىرىك. ئىلىم-پەن ساھەسى جەزمەن ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك، ئالىملار قالايمىقان گەپ قىلماسلىقى، پەقەت مۇكاپات ئۈچۈنلا ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللانماسلىقى لازىم، ئىلىم-پەن پۇقرالار بىلەلەيدىغان نەرسىگە ئايلاندۈرۇلۇشى، ھەقىقى، چىن مەنىدىكى ياخشى بولغان ئىلىم-پەننىڭ جەزمەن ئىجدىمائىي رولى بولۇشى كېرەك، ئىلىم-پەندە ھەتتا نوبىل مۇكاپاتىغا چوقۇنۇشمۇ خاتالىقتۇر».

بىلىمخۇمار ئەپەندى شۇنداق يازىدۇ:
بۈگۈنكى كۈندە فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە ساھەسىدە بىر يېڭى نەزەرىيە، قانۇن، ياكى تىئورمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن بىر ئادەم كەم دېگەندە تۆۋەندىكى ئىككى شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك:

1.ئاساسىي ۋە ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇش
2.پۈتۈن دۇنيادىكى باشقا ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر بايقاپ، ئىسپاتلاپ، ۋە خەلقئارادا ئېلان قىلىپ ئېتىراپ قىلدۇرۇپ بولغان نەزەرىيە، قانۇن ۋە تىئورمىلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇش

بۇ يەردىكى 1-شەرتنى ھازىرلاشنىڭ ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان ئۇسۇلى فىزىكا ياكى ئاسترونومىيە كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىش بولۇپ، مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان نەچچە 10 مىڭ ئالىم-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار.  ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنىڭ بولسا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بار.

سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىز يۇقىرىقى ئىككى شەرتلەرنىڭ ھېچ قايسىسىنى قانائەتلەندۈرمەيدۇ.  شۇڭلاشقا مەن سىزنىڭ فىزىكا ياكى ئاسترونومىيە ساھەسىدە بىرەر يېڭىلىق يارىتالىشىڭىزغا قەتئىي ئىشەنمەيمەن.


دەرۋەقە،پەن تەتقىقاتى ئەتراپلىق كەسپى بىلىم،تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدۇ.لىكىن بۇ ھەرگىز ئىلىم-پەننىڭ سىرلىقلىغىدىن ،ئۇنىڭ بىلەن پەقەت چەتئەل تىللىرىنى بىلگەن،چەتئەللەردە كەسپى مەكتەپلەردەئۇقىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭلا شوغۇللۇنۇش سالاھىيىتى ۋە ئىقتىدارى بارلىغىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.تارىختا بۇنداق خاتا تەشەببۇسلارنى ئىنكار قىلىدىغان پاكىتلار ئاز ئەمەس.ئۇنىڭ ئۆستىگە ئىلىم-پەن ھەر بىر كونكىرىتلىقتا كۆپ قاتلاملىق ساھە.ھەر بىر ئادەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان قاتلام بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك.ئىلمى ھەمكارلىق ۋە ئۆز ئارا تولۇقلاش ئەڭ مۇۋاپىق تاللاش.مىنىڭ قىلغىنىم ۋە قىلىۋاتقىنىم ،قىلالايدىغىنىم بىر نەزەريەنىڭ ئۇقۇم،ئىدىيە سىستىمىسىنى روياپقا چىقىرىش.مەن ماتىماتىك ۋە كەسپى تەجىربە فىزىكىچىسى ئەمەس.مەن قىلالمىغاننى خالىغانلار قىلسا بولىدۇ.لىكىن،نۇرغۇنلىرىمىز فىزىكىنىڭ ئۇقۇم ،ئىدىيە سىستىمىسىنىڭ موھىم ئەھمىيىتىنى تونۇپ يىتەلمەيدىكەنمىز.ماھىيەتتە تەبىئى پەن تەجىربىلىرى،ماتىماتىكىلىق قوراللار پەقەت ۋاستە بولۇپ ئۇقۇم،ئىدىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.ئىدىيىگە ئىگە بولمىغان فىزىكا مەۋجۆت ئەمەس.دىمەك ،ھەممىسى ئۆز ئورنىنى تىپىشى ،نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك.

ھېزىنبىرىگ شۇنداق دەيدۇ:
فىزىكىنىڭ تارىخى يالغۇز بىريۇرۇش تەجىرىبە ۋە بايقاشلارلا ئەمەس،ئۇ يەنە ماتىماتىكىلىق ئىپادىلەش تەرتىۋى،شۇنداقلايەنە بىر تۇركۇم ئۇقۇملار تارىخىدىن ئىبارەت.ھادىسىلەرنى چۇشۇنۇشتىكى بىرىنجى شەرىت،مۇۋاپىق ئۇقۇملارنى كىرگۇزۇشتۇر.

سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىز يۇقىرىقى ئىككى شەرتلەرنىڭ ھېچ قايسىسىنى قانائەتلەندۈرمەيدۇ.  شۇڭلاشقا مەن سىزنىڭ فىزىكا ياكى ئاسترونومىيە ساھەسىدە بىرەر يېڭىلىق يارىتالىشىڭىزغا قەتئىي ئىشەنمەيمەن.

"شەكىل نەزەريىسى"نىسبى مەنىدە تەبىئەت دۇنياسىنى شەكىل نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ئىلمى تەۋەككۆلچىلىكتىن ئىبارەت.ئۇ مۇئەييەن خاسلىققا ،يېڭى ئىدىيىلەرگە ئىگە نەزەريە.كۇنا ئىدىيە ھەرگىز يېڭى ئىدىيەنىڭ ئادىل باھالىغۇچىسى بولالمايدۇ.تەبىئەت پەنلىرىدە بىردىنبىر ئادىل ۋە ھېسياتقا ئەسىر بولمايدىغان قازى بار.ئۇ بولسىمۇ پاكىت.ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى بىرقىسىم كەسىپ ئىگىلىرى،نوپۇزلۇقلارشەكىل نەزەريىسىنىڭ ئالدىن قىلغان بەزى پەرەزلىرىنى "مۆمكىن ئەمەس"دەپ قانچە جار سىلىشىدىن قەتئى نەزەر ،ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى پاكىت تەرىپىدىن رەت قىلىنماقتا.مەن بۇلارنى "شەكىل نەزەريىسى بىزگە نىمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟"دىگەن تېمىغا يىغىنچاقلاپ قويدۇم.كىلاسسىك ئىدىيەلەر بۆشۆكىگە قاتتىق بۆلۆنۆپ،غەرىپ تەبىئى پەن ئىدىيىسىنىڭ رامكىسى ئېچىدە "دوكتۇر"لۇق مۇقامىغا يەتكەن ياكى دوكتۇرلۇق تاماسىدا كۆيۆپ- پىشىۋاتقان ناھايتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم زامانىۋى قارىلار شەكىل نەزەريىسنى ،جۆملىدىن 29-تىئورمىنى مۇمكىن ئەمەس دەپ قانچە مەسخىرە قىلىشىدىن قەتئى نەزەرپاكىت ئۇلارنى رەت قىلماقتا.پىچانلىق ئابلىمىت مىنىڭچە"دوكتۇر"مۇ ئەمەس،چەتئەلدە ئوقۇغان،ئىنگىلىزچە بىلىدىغان ئادەممۇ ئەمەس.لىكىن ئۇ قول سىلىپ ئىشلەپ29-تىئورمىنىڭ مۇمكىنلىگىنى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۆپ يەتتى ۋە ئىسپاتلىدى.مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى جاۋاپ!.يەنى ،ئادەتتىكى بىر كىشىلەر كۆرۆپ يىتەلىگەن ئىلمى ھەقىقەتنى ياكى ھادىسىنى چەتئەللەردە ئوقۇغان،ئىنگىلىزچىنى ئىنگىلىزلاردەكلا بىلىدىغان،ئىلمى سالاھىيىتى كاتتا كىشىلەر كۆرۆپ يىتەلمىدى.مانا بۇ پاكىت!.ئالدىنقى يىلىلا جۇڭگۇنىڭ ئىلىم -پەن ساھەسى "ئۈچتە يوق خىنىم"دەپ كەمسىتىلگەن تويۇۋيۇ ھادىسىسىدىن قاتتىق ئىبرەت ئالدى،بىزبۇ پاكىتلارغا سەل قارىماسلىغىمىز كېرەك!.ئېينىشتېيىن"  مەن شۇنداق قارايمەن، ئورۇن ۋە بايلىق ئېلىپ كەلگەن ئىمتىياز ئادالەتسىز ۋە چىرىكتۇر، شەخسكە بولغان زىيادە چوقۇنۇشمۇ ھەم شۇنداق."دىگەن ئىدى.
قايسىمىزنىڭ بولمىسۇن كۆرەڭلەپ كەتكىدەك ھېچنەرسىمىز يوق.ئىلمى ھەمكارلىق،ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش،كەمچىلىكلەرنى ئۆز ئارا تولۇقلاش، رىقابەت ۋە خىرىسقا تولغان بۇ دۇنيادا بىز ئۈچۈن ئەڭ توغرا تاللاش.پىچانلىق ئابلىمىت دەسلەپتە 29-تىئورمىغا ئوخشاشلا سالقىن مۇئامىلە قىلغان،لىكىن سىناپ كۆرگەندىن كىيىن قارارىنى ئۆزگەرىتتى.مانا بۆ ئىلمى پوزىتسىيەھەم بىر ياخشى ئۆلگە.بەزىلىرىمىزنىڭ شارائىتى شۆنچە ياخشى تورۇقلۇق كىلاسسىك قاراشلار،چەكلىمىلىككە ئېگە ماتىماتىكىلىق ئىدىيەلەرۋە مىتودلار،بىر تەرەپلىمىلىكلەرنىڭ پەنجىسىگە چۈشۈپ قالغاچقا، قول سېلىپ سىناپ كۆرۆشنى خالىمىدى.شىرە ئۆستىدە نۇر ئويناپ باققان بولسىلا بۇ ئىشتا ئۇنچىۋالا تالاش-تارتىش چىقارمىدى؟.

مىنىڭ قولۇمدىن ئىش كېلىش-كەلمەسلىكى ئۆستىدە تالىشىپ ئولتۇرغۇم يۇق.لىكىن،چەتئەلدە ئوقۇمىغانلار،"دوكتۇرلۇق"مەقامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كەسپى ساھەدە قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ دىيىش پاكىتقا خىلاپ بولۇپ،بۇنداق قاراش ئىلىم -پەن قىزغىنلىغىنى قوزغاشقا،پەن -تىخنىكىنى ئومۇمىلاشتۇرۇشقا پايدىسىز. بۇنداق قاراشلار ئىجادى تەپەككۆرگە باي ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ جاسارىتىگە سوغۇق سۆ سېپىدۇ.ئىلىم پەننى سىرلىقلاشتۇرۇشقائېلىپ بارىدۇ.سىرلىقلاشتۆرۆش بىلەن ئىلىم -پەن سىغىشالمايدۇ.ئىلىم -پەن بىلەن شۇغۇللۇنۇشنىڭ ئاداققى نىشانى ئاددىلاشتۆرۆشتۇر.

خاۋكىڭ شۇنداق دەيدۇ:
ئەگەر بىز بىر يۆرۆش مۇكەممەل نەزەريىنى بايقايدىغان بولساق،ئۇ ئادەتتىكى پىرىنسىپ جەھەتتە دەل ۋاقتىدا بارلىق كىشىلەر(پەقەت ئاز ساندىكى ئالىملارلا ئەمەس)تەرىپىدىن چۈشىنىۋىلىنىدىغان بولىشى لازىم.ئۆ چاغدا بارلىق كىشىلەر،جۆملىدىن پەيلاسۇپلار،ئالىملار ھەمدە ئاددى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ۋە ئالەمنىڭ مەۋجۈت بولىدىغانلىغى توغرىسىدىكى مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىشقا قاتنىشالايدىغان بولىشى لازىم.ئەگەر بىز بۇنىڭ جاۋابىنى تاپالىساق،ئۆھالدا بۇ ،ئىنسانلار ئەقلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلبىسى بولۇپ قالغۇسى ______ چۈنكى ئۆچاغدا بىز خۇدانىڭ روھىنى چۈشەنگەن بولىمىز.


يۇقۇرقىلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق، شەكىل نەزەريىسى ۋە 29-تىئورمىنى تەنقىت قىلمايلا قوبۇل قىلىڭلار دىمەكچى ئەمەسمەن.شەكىل نەزەريىسى تەنقىتكە مۇھتاج بولۇش بىلەن بىرگە ئادىللىققىمۇ مۇھتاج.ئىشلىتىلگەن تەنقىت قورالى ئىلمى پوزىتسىيە بىلەن يۇغۇرۇلغان ،كارغا يارايدىغان قورال بولىشى كېرەك."شەكىل نەزەريىسى"يېڭى ئۇقۇم،يېڭى ئىدىيە،يېڭى مىتوت ئۆستىدە قارار تاپقان نەزەريە.بۇنەزەريەنى تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۆزۆزۆشتە ئۇنىڭ ئۇقۇم،ئىدىيە ئاساسىدىن قول سىلىش كېرەك.رىيال فىزىكىلىق ئىدىيەلەر،ئەنئەنىۋى مىتوتلار شەكىل نەزەريىسى ئۈستىدىن ئىلمى تەنقىت ئېلىپ بىرىشتا ئۆنۆملۆك تەنقىت قورالى بولالمايدۇ.مەن بۇ ھەقتە ھەتتا"نەزەرىيىنى چۈشۈنۈش ۋە تەنقىد ئۆتكىلىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ئىككى قەدەم باسقۇچى"دىگەن تېما يېزىپ تورداشلارنى ئەسكەرىتكەن ئىدىم.

ئۇچۇرلاردىن مەلۆم بولدىكى ،ئوخشىشىپ كىتىدىغان ،تومۇرداش تەتقىقاتىنى جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى نەزەريە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدىن ئاكادىمىك لوجۆن،تەتقىقاتچى جاڭ يىۋەنجۇڭ قاتارلىقلار ئېلىپ بىرىپتۇ ۋە ئېلىپ بېرىۋىتىپتۇ.ئۇلار بۇ ھادىسىنىڭ تەڭ ئۆنۆم پىرىنسىپىغا بولغان تەسىرى ئۆستىدە نۇقتۇلۇق ئىزدىنىپتۇ.مەملىكەت ئىچى سىرتىدابۇنداق ئورتاق ئىلمى تېماتىكىنىڭ خاسلىققا ئىگە ۋارىيانىتلىرى ئىشلەنگەن ۋە ئىشلەنمەكتە.بىلىمخۇمار ئەپەندى خىزمەت قىلىدىغان NASAتەرىپىدىن ئىشلەنگەن GP-B تەجىربىسى،ئىتاليە پېسا ئونۋىرىستىتىنىڭ پىروپىسۇرى ئاننا نوبىلى خانىم(Anna M.Nobily) يىتەكچىلىگىدە ئىشلەنگەنگالىلېئو گالىلېي بوشلۇق تەجرىبىسى(GGG)  قاتارلىقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.
file:///C:%5CUsers%5CADMINI%7E1%5CAppData%5CLocal%5CTemp%5Cmsohtmlclip1%5C01%5Cclip_image002.jpg


گالىلېئو گالىلېي بوشلۇق تەجرىبىسى(GGG) نىڭ يىتەكچىسى پىروپىسور ئاننا نوبىلى خانىم


GP-B" تەجىربىسى" نىڭ رەسىملىك چۈشەندۆرۆلىشى

گەرچە بۆ ئىككى تەجىربە مەقسىتىگە يىتەلمىگەن بولسىمۇ .ھەر ئىككىسىدە ئوقىدا پىقىرايدىغان گىروسكۇپ(نۇر)ۋە موتۇرلارتەجىربە قورالى قىلىنغان.GP-B تەجىربىسى ئېينىشتىيننىڭ ماكان ئەگرى ئىدىيىسىنى ئىسپاتلاش مەقسىدىدە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ،مەقسىتىگە يىتەلمىگەن.لىكىن،29-تىئورمىنىڭ 2011-يىلىدىكى تۆنجى تەجىربىسىگە يېتەكچىلىك قىلغۇچى ۋە تەجىربە دوكىلاتى تەييارلىغۇچى ئالىمجان ئوبۇلقاسىم GP-B" تەجىربىسى"نىڭ نەتىجىسىنى   29-تىئورمىنىڭ بوشلۇقتىكى ئىسپاتلىنىشى دەپ قاراپ شۇنداق يازىدۇ:

ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزى(NASA)يەرشارى ئەتىراپىدىكى بوشلۇقنىڭ ئەگرىلىكىنى ئىسپاتلاش ۋە ئۆلچەپ بىكىتىش ئۈچۈن، 1967-يىلدىن باشلاپ يەرشارى سىرتىغا يەرشارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئوربىتىدىكى ئېغىشىنى كۈزەتكەن.تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى يەرشارى ئەتىراپىدىكى بوشلۇقنىڭ يەرشارى تېنىچ ماسسىسىلىق ماكان-زامان ئەگرىلىكىنىڭ ۋە يەرشارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش تۈپەيلى پەيدا بولىدىغان مەيدان سۆرەلمە تەسىرىنىڭ مەۋجۈتلىكىنى ئىسپاتلاش ۋەئەگرىلىكنىڭ قېممىتىنى ئۆلچەپ بېكىتىش. بۇ ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيسىنىڭ ئىككى ئاساسىي پەرىزى ھېسابلىنىدۇ.
  
8يىللىق ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىتا قايتا-قايتا ئانالىز ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق يەرشارى تارتىشىش كۈچى مەيدانىنىڭ ئەتىراپىدا راستىنلا ئېينىشتىيىن پەرەز قىلغاندەك ئىككى خىل ئېغىشنىڭ مەۋجۇتلىكىنى تەكشۈرۈپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلىندى. بىراق، تەجرىبە سانلىق مەلۇمات ئانالىزىغا قاتناشقان بىر قىسىم ئالىملار بۇ نەتېجىگە قارىتا يەنىلا گۇمانىي پوزىتسىدە تۇرغان. چۈنكى، تەجرىبىدە كۈزىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ قېممىتى ئېنتايىن كىچىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا مەسىلە بارلىقى ئىسپاتلاندى.

29- تېئورىمىنى ئىسپاتلاش تەجرىبىسى ماكان-زامان ئەگرىلىگىنى ئىنكار قىلىدۇ. b-Gpتەجرىبىسى مەقسەتلىك ھالدا ئېينىشتىيىننىڭ ئىككى چوڭ پەرىزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. مەن يەنىلا، b-Gpتەجرىبىسىنى 29-تېئورىمىنى ئىسپاتلاش تەجرىبىسىنىڭ بوشلۇقتا ئېشلىنىشى دەپ قارايمەن.

ئالىمجان ئوبۇلقاسىم:-"مەشھۇر ئۈچ تەجرىبەۋە 29-تېئورىما تەجرىبىسى ئۈستېدە سىلىشتۇرما تەتقىقات"دىن.


گالىلېئو گالىلېي بوشلۇق تەجرىبىسى(GGG) دە بولسا تەڭ ئۆنۆم پىرىنسىپىنىڭ كۈچىنى بىكىتىش مەقسەت قىلىنىپ غايىدىكىدەك ئۆنۆمگە ئىرىشەلمىگەن.بۇ ھەقتە ئالىمجان ئوبۇلقاسىم تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ:

تەجرىبىدە ئۆلچىنىدىغان ئوبىكىت تارتىشىش كۈچى مەيدانىدىكى ئوخشاش مەيدان كۈچىنىشلىكىگە ئىگە ئورۇندا ئۆز ئوقىدا ئايلانغان جىسىملارنىڭ ئوخشاش ئېغىرلىق كۈچ تېزلىنىشقا ئىگە بولمايدىغانلىقى. يەنى، ئۇلارنىڭ تارتىشىش كۈچى ماسسىسى بىلەن ئېنىرىتسىيلىك ماسسىسىنىڭ تەڭ بولمايدىغانلىقى دەلىللەنگەن...

دېمەك، تەجرىبە پاكىتى ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيسىدىكى تەڭ ئۈنۈم پرىنسىپنى ئۆزگەرتىشكە ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا تېگىشلىكلىگىنى دەلىللەيدۇ.


29-تېئورىمىنىڭ ئىسپاتلىنىش تەجرىبىسىدىكى ئاغقۇچى شارچىنىڭ ئېغىشى پەقەت شارچىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىگى ۋە سىزىقىلىق تېزلىگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاغقۇچى شارچىنىڭ ماسسىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.يەنى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ سىزىقلىق ھەرىكەت قىلغان جىسىمنىڭ ئۆز ئىنىرىتسىيسى بولسا، سىزىقلىق تېزلىگى ۋە ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش بۇلۇڭلۇق تېزلىگىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن ئوڭ قول مۇناسىۋىتىنى تۈزىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ ئېغىش. ئىنىرىتسىيلىك ئېغىش تارتىشىش كۈچى ماسسىسى بىلەن ئىنىرىتسىيلىك ماسسىسىنىڭ تەڭ ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

ئالىمجان ئوبۇلقاسىم:-"مەشھۇر ئۈچ تەجرىبەۋە 29-تېئورىما تەجرىبىسى ئۈستېدە سىلىشتۇرما تەتقىقات"دىن.

دىمەك،29-تىئورما ئورۇنلۇقلا بولغان تەقدىردە كەم دىگەندىمۇ تۆۋەندىكىدەك 4خىل يەكۆن كىلىپ چىقىدۇ:

1.شەكىل نەزەريىسىدە تەشەببۇس قىلىنغان ئىنىرىتسىيە قانونىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى كېڭەيتىش تەشەببۇسىنى ئويلۇشۇپ كۆرۆش.
2.ئېينىشتىيىن زامان -ماكان ئەگرىلىگى ئىدىيىسى ئۆستىدە قايتا ئويلۇشۇش.
3.تەڭ ئۆنۆم پىرىنسىپى ئۆستىدە قايتا ئويلۇشۇش.
4.ماگنوس ئىففىكىتىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسىنى ھەقىقى بوشلۇققا كېڭەيتىپ،بىكھامچە توپلارنىڭ سەۋەبىنى بىرنوللى قانۇنى ئارقىلىق چۈشەندۆرۆشتىن ۋاز كېچىش.

ھەممىمىزگە مەلۆمكى،گالىلى يانتۇ تەكشىلىك تەجىربىسى نىيوتۇن ئىنىرىتسىيە قانونىنىڭ ئاساسى.تەجىربە 2000يىلدىن ئارتۇق ھۆكۆمرانلىق قىلغان ئېغىر جىسىم يەڭگىل جىسىمغا قارىغاندا يەرگە بۇرۇن چۈشىدۇ،دەيدىغان ئارىستوتىل ئىدىيىسىنى ئاغدۆرۆپ تاشلاپ،ھازىرقى زامان فىزىكىسىنى باشلاپ بەردى.ھالبۇكى،گالىلى ئەينى ۋاقىتتا پەقەت ئۆز ئوقىدا ئايلاندۇرۇلمىغان شارلار ئارقىلىقلا تەجىربە ئىلىپ باردى.مەن بۇ ھەقتە ئۆزەمنىڭ"29-تىئورما تەجىربىسى ھەققىدە بەزى ئىزاھلار"سەرلەھەلىك يازمامدا تۆۋەندىكىلەرنى يازغان:
"گالىلى 29-تىئورما تەجىربىسىنىمۇ تەڭ ئىشلىگەن بولسا  يالغۇز نىيوتۇننىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرى باشقىچە يىزىلىپلا قالماي،مەلۇم مەنىدە ئېينىشتىيېنمۇ مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى ياكى ھىچ بولمىغاندا ھازىرقى شەكلىدە مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى.بۇ تەشەببۇسنىڭ ئاساسى شۇكى؛بۇ ھالدا ئېينىشتىيېن «زامان-ماكان ئەگىرى بولىدۇ»دەپ يازمىغان بولاتتى.چۆنكى «ئەگىرىلىك»نىڭ ھەركەت قىلغۇچى جىسىمنىڭ (توغرىسىنى ئىتقاندا ماددىنىڭ)خۇسۇسى خاراكتىرى ئىكەنلىگىنى گالىلى تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغاچقا ئېينىشتىيېن ئەلۋەتتە«زامان-ماكان ئەگىرى بولىدۇ» دىگەن بۇ ئىدىيىگە كەلمىگەن بولاتتى.يەنى بۇھالدا ئېينىشتىيېندەرىمان، مىنكۇۋىسكى قاتارلىقلاردىن نوقۇل ماتىماتىكىلىق ئىدىيەنى ئارىيەت ئىلىپ تەجىربە ئاساسىغا ئىگە(29-تىئورىما تەجىربىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گالىلى تەجىربىسى) ئىدىيىنى ئاغدۇرۇۋىتىش خىيالىنىڭ پەيدا بۇلۇپ قىلىشىنى تەساۋۋۇر قىلغىلى بولمايتى.مىنىڭچە دىققەت قىلىنمىغان كىچىككىنە بىر مەسىلىمۇ تارىخنى مىڭىشقا تىگىشلىك يۇنۇلىشىدىن باشقا ياققا يىتەكلەپ قويۇدۇ ۋە ئۇزگەرتىۋتىدۇ.بىز پەقەت ئەجداتلاربۇرۇنلا قىلىشقا تىگىشلىك بولغان بىر ئىشنى ئەمدى قىلغىلى تۇردۇق،خالاس!."

ئەمدى قوشۇپ قۇيىدىغىنىم،نۇۋەتتە جىددى قىلىدىغىنىمىز ،ھازىر بولسىمۇ بىزنىڭ 29-تىئورما تەجىربىسىنى يانتۇ تەكشىلىكتە ئىشلەپ كۆرمەسلىككە قانداق ئىلمى باھانىمىز بار؟دىگەن نۇقتىنى ئويلۇشۇشتىن ئىبارەت.مەن ئالاھىزەل ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان قاتتىق ئويلۇشۇپ ۋاكىئوم بولمىغان ئادەتتىكى شارائىتتا بۇنداق تەجىربىنى ئىشلەشكە بولمايدىغانلىغىنىڭ ھېچقانداق باھانىسىنى تاپالمىدىم.ئەكسىچە،29-تىئورما تەجىربىسىنى گالىلى تەجىربىسىگە تەقلىت قىلىپ يانتۇ تەكشىلىكتە ئىشلەش چۇڭقۇر مەنىگە ۋە تارىخى ئاساسقا ئىگە زۆرۆر خىزمەت دىگەن قاراشقا كەلدىم.2009-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۆنى29-تىئورما تەجىربىسىنى يانتۇ تەكشىلىكتە ئىشلەش ئارقىلىق تولىمۇ رۇشەن ئېغىشقا ئىرىشكەن ئىدۇق.بۇلارنى ئەمدى ئېلان قىلىپ ئولتۇرۇشۇمغا،ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان بۇنداق تەجىربىنى ئىتراپ قىلماسلىقنىڭ ئاساسىنى تاپالماسلىغىم سەۋەپ بولدى.

كۆرۆنۆپ تۇرۇپتىكى،پاكىت شۇنداق ئىنىق تۇرسىمۇبۇنداق ھادىسە يۆز بەرمەيدۇ،يۆز بېرىدۇ دەپ تالىشىۋاتقانلار دۇنيادا پەقەت بىز بولساق كېرەك.

بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ ئۆزىنىڭ تەنقىتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان  يۇقۇرقىدەك بايانلىرىنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن كۆچۆرۆپ چاپلاۋاتقانلارغا ئېچىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە شۇنداق خىتاپ قىلىمەن:
بۇنداق ناباپ"قورال"لارنى تاشلىۋىتىپ ،جانغا ئەسقاتىدىغان" قورال"لار ئارقىلىق "جەڭ"گە كىرىڭلار!.

بۇ ئىختىيارى توپتىن ھوزۇرلىنىڭلار!:


http://v.ku6.com/show/7WEvoRCKPAW5RHWWW9wOpA...html

1998年巴西对阵法国,卡洛斯的重炮任意球,轰出了这一道违反了物理4理论的弧线任意球
1998-يىلى بىرازىلىيە بىلەن فىرانسىيە ئوينىغان مۇسابىقىدا،كارلوس تەپكەن ئىختىيارى توپ،يۇقۇرقىدەك تىرايىكتورىيە شەكىللەندۆرۆپ،فىزىكىدىكى4 نەزەريىگە خىلاپلىق قىلغان ئىختىيارى توپ بولۇپ قالدى.


بۇ تۆت نەزەريە قايسى - قايسى بولغىيتى،ئەسلى مەنبەدىمۇ ئەسكەرتىلمەپتۇ،مىنىڭچە ئۇلار:
1.ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ ئەسلىدىكى بايانى؛
2.ئېينىشتېيىن زامان -ماكان ئەگرىلىگى؛
3.تەڭ ئۆنۆم پىرىنسىپى؛
4.ماگنوس ئىففىكىتىنىڭ بىكھامچە توپلارغا خاتا تەدبىقلىنىشى.

20123.7.5


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

180

تېما

5457

يازما

5637

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 73321
يازما سانى:
5457
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
20086
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
7520 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-16
ئاخىرقى:
2016-3-11
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-11 23:17:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىنى بۇرۇنلا يېزىپ قويغان بولساممۇ مۇنبەرلەرگە يوللىماي تۇراي دىگەنتىم.لىكىن ،بەزى مۇستەقىل قارىشى يوق ئەپەندىلەر “ھە”دېسىلا بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ بۇ قاراشلىرىنى قارا-قويۇق كۇچۈرۈپ چاپلاپ،ھەددىدىن بەك ئېشىپ كەتتى.
قاراشلىرىمدا سەھۋە-خاتالىقلار بولسا بىلىمخۇمار ئەپەندى ئۇزى تەلىم بەرگەي.

__________________

قاسىم سىدىق:پاكىت،مۇلاھېزە،بايانات
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-132384-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 11:26 PM  


4

تېما

255

يازما

259

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 34707
يازما سانى:
255
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4235
تۆھپە :
90
باھا :
95
توردا:
573 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-3-21
ئاخىرقى:
2016-3-10
ۋاقتى: 2014-12-11 23:59:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بۇ جەھەتتە بىلىمىم يوقكەن،قاسىم سىدىق ئەپەندىگە ئۇتۇق تىلەيمەن...

0

تېما

38

يازما

38

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108818
يازما سانى:
38
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
218
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
176 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-30
ئاخىرقى:
2015-1-30
ۋاقتى: 2014-12-12 09:03:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىمخۇمار ئەپەندىمنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىمماسلىقىنى ئىممىت قىلىمەن

0

تېما

38

يازما

38

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108818
يازما سانى:
38
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
218
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
176 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-30
ئاخىرقى:
2015-1-30
ۋاقتى: 2014-12-12 09:13:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ئوخشاش ئادەتتىكى ئادەمنىڭ چاقىرىق كۇچى
.................................
قاسىم   قەش بىلەن تۇشۇپ كەتكەن تىمىكەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sawir38 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-12 01:19 PM  


3

تېما

1701

يازما

1704

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 91880
يازما سانى:
1701
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
9805
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1040 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-2-18
ئاخىرقى:
2016-3-10
ۋاقتى: 2014-12-12 09:24:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  كۆپ بىلىمىمىز بولمىسىمۇ لىكىن كۆپ قىتىملىق كۆرسۈتۈلگەن ئەمەلىي تەجىربە ۋە كۈزۈتۈش ئاساسىدا سىزنىڭ قارشىڭىزنى قوللاش تەراپتارلىق قارشىمدا تۇرمەن .

   تېزلىك كۈچكە ئايلىنالمايدۇ دىگەن ماۋۇ قاراشنى تولۇقسىز مەلۇماتىغا ئىگە بولغان ئەقىللىقراق ئوقۇغىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ دەپ قارايمەن .

  ئەگەر تەركىبى ياغاچ ياكى قاتۇرۇلغان قۇم بولغان سىلىندىر تەخسىنى ئۆز ئوقۇدا سېكۇنىتىغا نەچچە مىڭ ياكى نەچچە يۈز مىڭ قىتىم ئايلاندرۇلسا سىلىندىر تەخسىنىڭ مەركىزىدىن قاچما ھەركىتىدىن ھاسىل بولغان كۈچتىن تەخسە ئۇۋلۇپ ياكى كۇكۇنغا ئايلىنىپ كىتىدۇ دەپ قارايمەن .
سىزنىڭ نەزىرىيە ئىتىراپ قىلىنمايدۇ يۇ بىراق كۆپلىگەن تېخنىكلىق ئىشلار مۇشۇ پىرىنسپىقا ئاساسلىنىپ ياساپ چىقىلىدۇ .

   بۇ يەردە سىرىتقا قارىتا قاچقان كۈچ دەل تەخسىنىڭ ئايلىنىش تېزلىكدىن ھاسىل بولغان كۈچمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىن ھاسىل بولغان كۈچمۇ توقماق ئاكا ؟

     

180

تېما

5457

يازما

5637

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 73321
يازما سانى:
5457
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
20086
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
7520 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-16
ئاخىرقى:
2016-3-11
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-12 09:59:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uzum-tal يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 09:24 AM
كۆپ بىلىمىمىز بولمىسىمۇ لىكىن كۆپ قىتىملىق كۆرسۈتۈل ...

قىزىلغا بوياپ قويۇلغانلىرى مىنىڭ گېپىم ئەمەس،ئەركىن سىدىقنىڭ گېپى.ئېيىتقانلىرىڭىز توغرا.مەنمۇ شۇنىڭغا قارشى چىقتىم تېمىدا.
ئاغدۇرىۋاتقىنى ئايلىنىش تېزلىكىدىن شەكىللەنگەن ئىنىرىتسىيىلىك كۈچ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-12 02:11 PM  


4

تېما

599

يازما

603

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 107858
يازما سانى:
599
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2166
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
121 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-6-19
ئاخىرقى:
2015-9-30
ۋاقتى: 2014-12-12 11:02:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناباپ قۇرال دىگەن نىمە

180

تېما

5457

يازما

5637

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 73321
يازما سانى:
5457
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
20086
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
7520 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-16
ئاخىرقى:
2016-3-11
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-12 14:13:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alhumar137 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 11:02 AM
ناباپ قۇرال دىگەن نىمە

كارغا يارىمايدىغان قورال.

0

تېما

38

يازما

38

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108818
يازما سانى:
38
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
218
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
176 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-30
ئاخىرقى:
2015-1-30
ۋاقتى: 2014-12-12 14:19:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alhumar137 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 11:02 AM
ناباپ قۇرال دىگەن نىمە

ئەركىن سىدىق، جىك....قاتارلىقلانى ناباپ دىمەكچى بۇ ئاشپەز ئۇستام

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-3-12 07:45 AM, Processed in 0.146475 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش