unilever گوروھى سوپون ئوراپ-قاچىلاش ئۈسكىنىسى سېتىۋېلىپ،ئىشلىتىش جەريانىدا ئۈسكىنىدە ئوراپ قاچىلانغان بەزى سوپۇن قاپلىرىنىڭ قۇرۇق ھالدا ئورىلىدىغانلىقىنى بايقاپ بۇ ئىشنى ھەل قىلىشقا دوكتۇر ئاشتىدىن بىرنى تەكلىپ قىپتۇ.
دوكتۇر ئاشتى ئون نەچچە كىشىنى تەشكىللەپ بىر ئىلمىي تەتقىقات گورۇپپىسى قۇرۇپ،جاپالىق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق 900 يۈز مىڭ خەجلەپ،ئوراپ-قاچىلاش ئۈسكۈنىسىنى سوپۇن قاچىلاش جەريانىدا قاپقا سۇپۇن قاچىلانماي قالسا ،ئۈسكۈنە ئۆزلۈكىدىن شۇ قۇرۇق قاپنى بىر چەتكە ئىتتىرۋېتىدىغان قىلىپ تەڭشەپتۇ.
جۇڭگۇنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم يېزىدا بىر كارخانىمۇ unilever گوروھىنىڭكىگە ئوخشاش ئوراپ-قاچىلاز ماشىنىسى سېتىۋالغان بولۇپ ،خوجايىن يۇقارقىدەك ئەھۋالنى بايقىغاندىن كېيىن خىزمەتچىسىنى ھەل قىلىشقا بۇيرۇپتۇ.خىزمەتچى 190 يۈەن خەجلەپ،يوغان شامالدۇرغۇچ سېتىۋېلىپ ئۈسكۈنىنىڭ يېنىغا ئورنۇتۇپ سوپۇن ئوراپ-قاچىلىنىش جەريانىدا قاپلارغا سۇپۇن قاچىلانماي قالسا شامال بېسىمىدا ئۇچۇپ كېتىدىغان قىپتۇ.
يۇقارقى ھېكايىدە ئوخشاش بىر ئىشنى دوكتۇرئاشتى 900 يۈز مىڭ يۈەن خەجلەپ ،خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ھەل قىلغان ، ئىشچى بولسا 190 يۈەن خەجلەپ شۇ كۈنىلا ھەل قىلغان.
بۇ ھېكايە بىزگە بىرىنچىدىن بىلىمنىڭ بەزىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولالمايدىغانلىقىنى ؛ ئىككىنچىدىن ئۇقۇش تارىخى يۇقىرى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىجادكارلىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتەمدۇ قانداق؟
مەنبە:خەنچە ئۈندىدار سالونى تەرجىمان:ئەقىدە قاشگەرلىكىدىن ئادالەت 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-11 07:38 PM
|