مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2638|ئىنكاس: 10

«رامبو» دىۋانىلەر سەيناسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111122
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 661
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2014-11-22
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 06:38:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      «رامبو» دىۋانىلەر سەيناسىدا
                   (ماقالە)
           ئابدۇرەھمان ئەفغانىي

               تىلەمچىلەر___غۇرۇرىنى سېتىپ كىرىم قىلىدىغانلاردۇر!
                         ___تەپەككۇرخانەمدىن
     
           
      قاچان،قەيەردە بولسۇن،ئەيتاۋۇر كۆزىڭىزنى ئاچسىڭىزلا كەڭ كەتكەن دىۋانىلەر سەيناسىنى كۆرىسىز.ئەجەبلىنەرلىكى،سىز ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ سەينادىن بىرەر دەلدۈش،مېيىپ ياكى زەئىپ دىۋانىنى كۆپ ئۇچرىتالمايسىز. سىزنىڭ تولا كۆرىدىغىنىڭىز:پۇزۇر ئېگىنلىرىنىڭ تېشىغا مۇنداقلا قىلىپ ئارتىۋالغان يىرتىق،جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن كونا جۇۋىلىق،كاساڭدەك يەنجە كۆتۈرۈۋالغان ئەقلى ھوشى جايىدا،بەردەم،تەمبەل كىشىلەر. ئۇلار ئاشۇ تۇرقىدا ئۆزىدىن تالاي ھەسسە ئاجىز ئادەملەردىن غۇرۇرىنى قايرىپ تۇرۇپ،ھېچ ئەيمەنمەستىن بىر نەرسىلەرنى تىلەيدۇ.ئۇلار رىزىق تىلەيدۇ.
      چاررۇسىيە يازغۇچىسى گوركىي:«تەلەپ قىل،ئەمما تىلىمە!بەندىدىن ئاغرىنما،بىراۋغا خورسىنما!چۈنكى بۇ دېگەن تىلەمچىلەرنىڭ ئادىتى.ئۇ ھاماقەتلەر ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان شەيئىلەرنى تەلەپ قىلماستىن،بەلكى باشقىلاردىن ئورۇنسىز شەپقەت تىلەيدۇ.» دەيدۇ.
      ئەمەلىيەتتە،بۇ دۇنيادىكى بارچە ئادەم تىلەمچى.تىلەمچىلەر چوڭ جەھەتتىن ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدىغان بولۇپ،ئۇلار:رىزقىنى ياراتقۇچىدىن تىلەيدىغانلار؛رىزقىنى بەندە ياكى شەيئىدىن تىلەيدىغانلار؛رىزقىنى بەندىنىڭ قولى ئارقىلىق ياراتقۇچىدىن تىلەيدىغانلاردۇر.بىزنىڭ بۇيەردە كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىمىز دەل ئۈچىنچىسى،يەنى رىزقىنى بەندىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ياراتقۇچىدىن تىلەيدىغانلاردۇر.ئۇلار:دىۋانىلەردۇر.بۇ تەبىقىگە ئايرىلىشنىڭ تۈپ شەرتى بولسا،ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا قىلالىشىغا چامى يىتىدىغان پاك،سالىھ ئىشلارنىڭ پەقەت قالماسلىقى،ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا،ئۇلار مال ۋە تەن قەلەندەرى بولۇشى كېرەك.بولمىسا،ئۇلار رىزقىنى بەندە ياكى شەيئىدىن تىلەيدىغانلار،يەنى غۇرۇرسىزلار تائىپىسىگە مەنسۇپ بولۇپ كېتىدۇ.بۇ ئىككى شەرتنىڭ بىرى كەم بولسىمۇ بولمايدۇ،ئەگەر ئۇلارنىڭ قۇربى مەلۇم بىر خىزمەتكە(پاكىز بولغان)يەتسە، يەنە بەندىنىڭ قولى بىلەن نان تېپىپ،جان بېقىپ يۈرۈشى راۋا كەلمەيدۇ. چۈنكى،رىزقىنى بىۋاستە تىلەيدىغانلارغىمۇ ياراتقۇچى ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئەرشىئەلادىن موككىدە تاشلاپ بەرمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل كۈچىنى تايانچا قىلىپ،ئۆز گېلىغا تۇشلۇق تۆئمىنى كۈچى بىلەن تېپىپ يەيدۇ.ئۇلارچە،ئەقىل ۋە كۈچ___ياراتقۇچىنىڭ ئۇلارغا «موككىدە» تاشلاپ بەرگەن ئەڭ كاتتا نېئمىتى.توغرا،ئەقىل ۋە كۈچ___رىزىقلار تولۇپ تۇرغان قەسىرلەرنىڭ ھالال ئاچقۇچى. شۇڭا،بىر ئادەمنىڭ ئۆز جېنىنى ياكى ئۆزى ھامىي جانلارنى باقالىغۇدەك بىر قۇز بولسىمۇ مادارى بولىدىكەن،ئۇ چۇقۇم كوچىلاردا يۈزى ۋە غۇرۇرىنى خار قىلغۇچە، ئەقلى ۋە كۈچىنى «خار» ئەيلىشى كېرەك.
    ئەمما قارايدىغان بولساق،كوچىدىكى دىۋانىلەرنىڭ ئوندىن بىرى زەئىپ،يۈزدىن بىرى مېيىپ،مىڭدىن بىرى ساراڭ.كوچىدا كۆپ ھاللاردا «ئارسلان ئەفراسىياپ»،«كۈچتۈڭگۈر تەڭرىقۇت»لاردىن تارتىپ تا «پالۋان سادىر»،«گاڭگۇڭ سېيىت»،«باتۇر غېنى»لارغىچە ساپ قامەتلىكلەر يولۇقىدۇ.جاھانغا مەشھۇر «رامبو»مۇ شۇنداق!ئۇلار يۈزىنى داپتەك قېلىن،پاشىدەك قاشاڭ قىلىۋېلىپ،دىۋانىلەر سېپىنىڭ ئالدىنقى قاتارلىرىغا ئىزا تارتماي تىقىلىۋالغان.ئابدۇۋەلى راخمان(ھەققانىي) ساتىرالىرىدا پارىخور ئەمەلدارلار بىلەن چىقىشالمىسا،مەن تېنى زەبەردەست تىلەمچىلەر بىلەن ئۆمۈرۋايەت پېتىشالمايمەن.
       ھەركىم ئۆز دەرد-ئەلىمىگە نەرخى تۆۋەن بىر مەلھەم ئىستەيدۇ.تۇتقۇن ئەركىنلىككە،بىتاپ ئېسەنلىككە،مەغلۇبچى غالىبىيەتكە،دۆت ئەقىللىقلىككە ئىنتىلىدۇ.شۇنىڭدەك دىۋانىلەرمۇ مال-بايلىقنى ئۆزىنىڭ بىئارام كۆڭلىنىڭ ئارامى قىلىۋالغان.
       قاچانكى،بىر پارچە ھەجۋى سۈرەت ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغانىدى.ئۇنىڭ مەزمۇن-بايانى: بىر پۇتسىز،ھاسىلىق ياشانغان كىشى بىر تال كونا چاپانغا ئورىنىۋالغان بودەك بىر دىۋانىگە خالىس سەدىقە بېرىۋاتاتتى.ھالەت بۇ تۇرسا،كۈچلۈك ئاجىزدىن،پادىشاھ پۇقرادىن نان تىلەۋاتسا،ياراتقۇچى قانداقمۇ ئۇلارغارىزىق بەرسۇن؟!
      ھەر تەرەپنى ئويلىغاندا،ئىجتىمائىيەتكە تىلەمچىلەرمۇ مۇھىم.چۈنكى «تىلەمچى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە خالىسانە بەرگەن سەدىقىسىنى ناھايىتى ئاسانلا قوبۇل قىلالايدۇ.سەۋەبى،ئۇ بۇنىڭ بەدلىگە،سەدىقە بەرگۈچىلەرگە ئالەمچە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ.» دېگەنىكەن تاگور.ئەگەر ئاشۇ پۇت-قولى جايىدا ئادەملەر بىشەرەپلىك قىلىپ،تىلەمچىلىكنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالمىغان بولسا،بىزمۇ تېنى ھەقىقەتەن كەمتۈك،كۈچى راست زەئىپ تىلەمچىلەرگە ئاتىغىنىمىزنى تەڭلەپ،خۇدانىڭ مۇقەددەس رەھمىتىگە نائىل بولغاچ،ئاق قالغان ساۋاب دەپتىرىمىزنى ئاز بولسىمۇ بويىۋالار ئىدۇق.لېكىن كۆپچىلىك تىلەمچىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە مەرەزلىك غەرىزىنى مەن ئۆز كۆزلىرىم بىلەن كۆرۈۋاتىمەن.
      ھازىر ئانام ئۆپكە تۇبېركۇليوزى سەۋەبلىك بالنىستتا داۋالىنىۋاتاتتى.تىلەمچىلەر دۇختۇرخانىنى ئۆزلىرىنىڭ «كۈندىلىك ئىش ئورنى» قىلىپ بېكىتىۋالغانمۇ-تاڭ،ئىشقىلىپ كۈندە بەش-ئالتىنى رازى قىلىپ ئۇزىتاتتۇق.ئۇلار ياتاق ئۆيگە قولىنى كۆكسىگە كۆتۈرگىنىچە،ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن كىرىپ كېلىشەتتى-يۇ،ئەمما ئالىدىغىنىنى ئېلىپ بولۇپ،«رەھمەت!»مۇ دېمەستىن كەينىگە بۇرۇلۇپلا يوقىشاتتى.ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەدىنى بەردەم،ماڭىدىغان بولسا ياتاقنىڭ ئىشىكىگە ئاران پاتىدىغان چەندان بەستىلىك بىر «غوجام» بار بولۇپ،ئۇ كىرسە بىزمۇ بىر خىل بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە بىر-ئىككى يۈەن بېرەتتۇق.لېكىن چىقىپ كەتسىلا پۇشايمان قىلاتتۇق.پۇشايمىنىمىز بېرىۋەتكەن بىر-ئىككى يۈەنىمىزگە ئەمەس،بەلكى ئۇ تىلەمچىنىڭ شۇ پۇلنى ئېلىشقا مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقىغا.قائىدە بويىچە،ئەسلى شۇ چەبدەس كىشىلەر دۇختۇرخانىدىكى مۇنۇ كېسەلمەنلەرگە ئىلاج قولىنى سۇنسا بولىدۇ.بىراق،بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق.بىر كۈنى ئۇنىڭغا دېدىم:«ئاكا،ئىشلىسىڭىز ئىشلىيەلىگۈدەكسىز،نېمىشقا ئۆزىڭىز ھالال ئىشلەپ جېنىڭىزنى باقمايسىز؟» ئۇ ماڭا سەت بىرنى ھومىيىپ قويۇپ،ھېچنېمە دېمەستىن چىقىپ كەتتى.شۇندىن بېرى،ئۇ ياتاق ئاتلاپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان بولدى.ئەگەر ھەممىمىز شۇنداقلارنى ياتاق ئاتلىتالىساق،ئۇنداقتا مىللىتىمىزدىكى بىخلىنىۋاتقان ھارام پۇتاق___زۈلۈكلەرنى تازىلىيالايمىز.
      تىلەمچىلەرنى يوقىتىشنىڭ يەنە بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى شۇكى، بايلارنىڭ ئىنساب ئۆگىنىشى، تىلەمچىلەرنىڭمۇ ئانچە-مۇنچە قانائەت قامۇسىنى ۋاراقلاپ قويۇشىدۇر. ئەگەرچەندە دىۋانىلەر چورت يوقالسا،جەمئىيەتنىڭ ئىقتىساد مۇۋازىنىتى بۇزۇلىدۇ.ئەگەر يۇقارقىدەك ئىشلىسە چىشلىيەلەيدىغان،تېرىشسا ئىستىقبالىنى يارىتالايدىغانلار قاراپ تۇرۇپ تەييارتاپلار زالىغا___دىۋانىلەر سەيناسىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالسا،جەمئىيەتنىڭ تەرتىپى تېخىمۇ تېز بۇزۇلمامدۇ؟!

                2014-يىلى ئىيۇل،قاراقاش بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-12 09:47 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2117
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 10:49:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانچە كۇلكۇلۇك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 481
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1464
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 12:08:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  مۇشۇنداق چوڭ ، يۇزى قىلىن تىلەمچىلەر يوقالغاندا  ئاندىن ئۇششاق تىلەمچىلەر ئۆزلىگىدىن يوقىلامدىكىن -تاڭ ؟

77.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110534
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 350
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 12:34:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى جەمئيەتتە بۇ بىر، ھۆكۇمەت تىجارەت كىنىشكىسى بىجىرمەيدىغان ، ئوچۇق ئاشكارە باجدىن قېچىۋاتقان كەسىپ . شىركەتلىرى بەركەن ئاڭلىسام بۇ كسىپنىڭ. بەرھەق ھەممىمىز تىلەمچى ! سىز دېگەندەك چوڭ ئۈچ تۇرگە بولگەندىمۇ ، مۇشۇ ئۇچىنچى كەسىپنىڭ يەنە جىق ۋارىيانتلىرى بار . ئۇلار ئىنسانلار ئىچىدىكى بەك قېلىن نومۇس تۇسغۇسى پەقەتلا يوق تائىپە ! ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قەقىقى ھاجەتمەن ئەمەس ئۇلار .ئۇلار جەميەتنىڭ ھەممە قاتلىمىدا بار . ھەتتا مەرگەزگىچە سىڭىپ كەتكەن ، چوڭى جۇ يۈنكاندىن تارتىپ كىچىگى سىز كۆرگەنلىرى نەخ شۇ . تىلەشنىڭمۇ تۇرلىرى كۆپ ھازىر ، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ تىلەيدىغانلىرىدىن باشقا : قورقۇتۇپ تىلەش ، ھومۇيۇپ تىلەش، ئۆستۈرۈپ تىلەش، يۆتكەپ تىلەش ، پو ئېتىپ تىلەش ، ناخشاسىمان تىلەش ، لېكسىيەسىمان تىلەش ، تىجارەتسىمان تىلەش ...   ۋاي -ۋۇي جىقمىكەن  نېمە ؟ تېلىپ قالغۇدەكمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 12:56:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تېما بولۇپتۇ، تىلىمۇ شۇنداق ئاددىي ۋە يېقىملىق. مەن تېخى ھېلىقى رامبونىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس ھەققىدە گەپ بولۇنىۋاتقانمىكىن دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا رەھمەتلىك مومام ئاشۇنداق ساغلام، تېمەن كىشىلەر تىلەپ كەلسە «شۇنداق تېمەن، ساغلاپ تۇرۇپ، تىلەپ يۈرگىچە بىرەر ئىش قىلساڭ بولمامدۇ؟» دەپ خىجىل قىلىپ ئاندىن بېرەتتى، ياكى قارشى تەرەپ ئالماي كېتەتتى. كىچىكلىكىمدە، « مۇشۇ مومام باشقىلارنى خىجىل قىلمايلا بەرسە بولمامدۇ؟ ياكى بەرمەيلا قويسا» دەپ ئويلايتتىم. سەل چوڭ بولغاندا ئويلىسام مومامنىڭ قىلغانلىرى ھەقىقەتەن توغرىكەن. بىزمۇ شۇنداق قىلالىساق ياخشى بولاتتى. بىراق راستىمنى ئېيتسام ئۆزۈممۇ قىلالمايمەنمىكىن، بەزىلىرىنىڭ ئەلپازى بەك يامان.

قايتىلانماس ھېچكىم ھېچنېمە، قالار پەقەت شېرىن ئەسلىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 01:08:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېلىقى بىر ھېكايە بار مۇشۇ توغرىسىدا، بىر بالىنىڭ تىلىدىن يازغان. ئۇلارنىڭ ئىشىك ئالدىدا بىر توپ خىش بار، ھەر قېتىم تىلەمچى كەلسە ئاپىسى تىلەمچىگە ئۇ خىشلارنى يۆتكىگىلى سالىدۇ، بۈگۈنى ئالدى ھويلىدىن ئارقا ھويلىغا، ئەتىسى بولسا ئارقا ھويلىدىن ئالدى ھويلىغا. بالا بۇنىڭغا ھەيران قېلىپ ئاپىسىدىن سورايدۇ: «سىز زادى بۇ خىشلارنى قەيەرگە قويماقچى؟» دەپ، ئاپىسى چۈشەندۈرۈپ: «ئۇ قەيەردىلا تۇرسا بەرىبىر، ئەمما باشقىلار پۇلنى بىكارغا ئالماسلىقى، ئەمگەك قىلىپ ئېلىشى، ئۆزىنىڭ ئىش قىلالايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ. ئۇ ھەتتا بىرقولى چولاق تىلەمچى كەلسىمۇ خىش يۆتكىگىلى سالىدۇ. چۈنكى ئۇ ئايالنىڭ نەزىرىدە، تېنى ساغلام، تېمەن، پەقەت بىر قولىلا يوق بىر ئەر كىشى ئۈچۈن  بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس.
كەچۈرۈڭلار بەك ئۇزۇن ئىنكاس يېزىپ قويدۇم~

قايتىلانماس ھېچكىم ھېچنېمە، قالار پەقەت شېرىن ئەسلىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 951
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1683
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 481 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 01:12:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر جەميىتىمىزدە كىسەللەر ساقلارنى يۆلەيدىغان، ھەققى قىيىنچىلىقى بارلار بىر چەتتە قىلىپ قىيىنچىلىقى يوق ساختا رامبو دىۋانىلەر تىلەيدىغان  ئىشلار كۆپ. ئاجىزلار كۇچلۇكلەرنى يۆلەۋاتققان كۇچلۇكلەر ئاجزلاردىن يۇلۇپ ئلۋاتققان توۋا دەپ ياقا تۇتماقتىن ئۆزگە چارە يوق.شۇ ساختىپەز مەككارلاربىلەن يالغان دىۋانىلەر ئاجزلارنىڭ ھەققىنى يەپ تويمايدىكەن خجىل بولمايدىكەن. بىر كۇنى بولمىسا بىر كۇنى  ئادەملەر ئويغىنا ئەقىل تاپار ئۇ چاغدا شۇ ساختپەزلەر باشقا ھىيلە ئىشلىتەرمۇ ياكى توۋا قىلارمۇ؟ ياكى جاجىسىنى يەر؟ بىر كىمنىڭ بىركمدە قالمايدۇ. ھەققى ئىنسانغا زار بولدىغان ۋاقتى، پۇشايمان قىلدىغان كۇنى بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2274
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 08:46:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىلۇفەر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 01:08 PM
ھېلىقى بىر ھېكايە بار مۇشۇ توغرىسىدا، بىر بالىنىڭ تىلى ...

مەزمۇنلىقكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2274
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 08:46:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەليەتنى يىزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86476
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 785
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 01:38:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقارقىلار راسىت گەپلەر ئىكەن، بەزىدە قول ئىلكىدە خىلى بار ئادەملەرمۇ ئۆزى بىلىپ-بىلمەيلا بۇ كوچىغا كىرىپ قالىدىكەن، كىرىپلا قالسا بۇ كوچىدىن قايتىپ چىققىش بەلكىم تەس ئوخشايدۇ، ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنىڭ دىنىمىزغا ۋە مىللىتىمىزگە كۈچ-قۇدىرەت ئاتا قىلغاي، يات قەۋم ۋە تائىپەلەرنىڭ ئالدىدا بىزنى خار قىلمىغاي، ھەر-بىر قىرىندىشىمىزنى ئىككىلا دۇنيادا يۇقىرى مەرتىۋىگە مۇيەسسەر قىلغاي!!!

مەدەنىيەتلىك ئائىلە بىلەن مەدەنىيەتسىز ئائىلىنىڭ پەرقى-ئۆيىدە كىتاب جازىسىنىڭ بار يوقلىقىدا!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش