قارا يۈزنىڭ بايانى
ئابدۇرېھىم زۇنۇن
قىزارمايدۇ داپتەك بۇ يۈزۈم،
كۆز كۆرگەننى يۇلۇپ ئالىمەن؛
قاراپ باقماي ئالدى - ئارقامغا
چۆنتىكىمگە قوشلاپ سالىمەن.
«ئاللا» بار مەن ئوقۇغان بەتتە،
نىجاسەتمۇ قالمايدۇ چەتتە...
قىزارمايدۇ يۈزۈم بەك قېلىن،
يالغاننى «راست» دەلەيمەن ھامان.
كۆزلىرىمنى يۇمۇپ مۈشۈكتەك،
دەيمەن ئالتۇن داننى «خەس- سامان».
ئاقنى «قارا»، ساقنى «ئوغرى» دەپ،
جان باقىمەن ئوبدان ھارام يەپ...
قىزارمايدۇ قاپقارا يۈزۈم،
نەگە بارسام نەپنى كۆزلەيمەن.
ئىلكىمدىكى بېخسىپ تۇرسىمۇ،
پايدامغا چوت سوقۇپ سۆزلەيمەن.
شۇ ھۈنەردىن ئارمانغا يەتتىم،
قاراڭ، سەمرىپ تىقىلىپ كەتتىم.
قىزىرىشتىن يىراق بۇ يۈزۈم،
«ھەممە ئۆتسۇن ئىلكىمگە» دەيمەن.
«ھالال- ھارام» بەرىبىر ماڭا،
ئۇچرىغاننى ئىلغىماي يەيمەن.
ئۆزگىلەرنى جايلاپ - سوقىمەن،
ئۆتۈپ كەتكەن توخۇ پوقىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bulaksu2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-11 12:10 PM