|
|
|
|
ئاۋازلىق ئەسەرلەر توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم
دەۋرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن يېڭى شەيئىلەر مەيدانغا كەلدى. نۇرغۇن ساھەلەردە تۈۋەن سېلىنمىلىق، يۇقۇرى ئۈنۈملۈك، ئىشلىتىش ئاسان بولغان تېخنىكىلار تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە كەڭ ئۇمۇملاشتى، بۇلار تۇرمۇشىمىزنى رەڭدارلاشتۇرۇپ، خىزمەت شارائىتىنى قولايلاشتۇرۇپ باردى. مۇشۇلارنىڭ بىرى بولغان « ئاۋازلىق ئەسەر»لەر جامائەتنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى. «ئاۋازلىق ئەسەر» ئېلىپ يۈرۈش ئاسان، خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان ئورۇندا، ھەتتا سەپەرگە چىققاندا ماشىنىدا كىتىپ بېرىپ ئاڭلىغىلى ۋە توختاتقىلى بۇلىدىغان، كۆزنى دەم ئالدۇرۇش بىلەن تەڭ خالىغان تىمىدىكى ئەسەرلەردىن تاللاپ (ئەلبەتتە ئاۋازغا ئېلىنىپ ئېلان قىلىنغان ياكى بازارغا سېلىنغان ئەسەرلەردىن) بەھىر ئالغىلى بۇلىدىغان، دىكتورلارنىڭ بىر قەدەر يۇقۇرى سۈپەتتە ئاۋاز بىرىشى بىلەن ئاڭلىغۇچىغا بىرىدىغان بەدىئى زوقى يەنىمۇ يۇقۇرى كۈتۈرۈلگەن ...قاتارلىق ئالاھىيدىلىكى بىلەن تىز سۈرئەتتە ئومۇملىشىۋاتىدۇ. بۇلۇپمۇ مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق كەسپى ئىستانسىلارنىڭ ۋە بىلقۇت تورى قاتارلىق بىر قىسىم توربەتلەرنىڭ ئېلان قىلغان يۇقۇرى سۈپەتلىك ئاۋازلىق ئەسەرلىرى ياخشى باھاغا ۋە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. نۇرغۇن تور ئەھلى ئۆزلىرىدە بار بولغان ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى خالىس ھالدا تورغا يوللاپ، توربەتتى موللاشتۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق يارىتىپ بەردى.
ئاۋازلىق ئەسەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ خىل بۇلۇپ، ئەقلىيە سۆز، تۇرمۇش ساۋاتلىرىدىن تارتىپ ھىكايە، پوۋىست، رومانغىچە، رۇبائى، غەزەل، باللادادىن تارتىپ زور ھەجىملىك داستانلارغىچە، توربەت مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەردىن تارتىپ دۇنياۋى مەشھۇر تەرجىمە ئەسەرلىرىگىچە بېرىپ تاقاشتى. كىتاپخانلار ئاۋازلىق ئەسەر ۋاستىسى بىلەن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە شاھانە ئەسەر «قۇداتقۇ بىلىگ» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەردىن قانغىچە بەھىر ئالدى. «ئىز»، «ئويغانغان زىمىن»، «ئانا يۇرت»، «باھادىرنامە» قاتارلىق مەشھۇر رومانلار يېڭىچە تۈس بىلەن كىشىلەرگە مول ئىستېتىك زوق، مەنىۋى ئۇزۇق ئاتا قىلدى.
شۇنداقتىمۇ، بۇ جەھەتتە جىددى تۈزۈتۈش ۋە تۇلۇقلاشقا تىگىشلىك بەزى مەسىلىلەرمۇ ساقلانماقتا: بەزى دۇنياۋى ئەسەرلەر، مەسىلەن: «مەمەت ئاۋاق»، «تىنچ دون»، «ئۇرۇش ۋە تېچلىق»، «ئاننا كارىلىننا»، «يۈز يىل غېرىپلىق» شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈرك، ئەرەپ ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم نامايەندىلەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى تېخى بىز بىلەن يۈز كۈرۈشۈپ بۇلالمىدى؛ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قادىمقى ۋە ھازىرقى زامان نامايەندىلىرى بولغان مەشھۇر ئەسەرلەر تېخى بىز بىلەن يۈز كۈرۈشۈپ بۇلالمىدى؛ نۇرغۇن كىلاسسىك داستانلىرىمىزنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى تېخى يۇرۇقلۇققا چىقىپ بۇلالمىدى؛ ئايرىم دىكتورلارنىڭ ئاۋاز تېخنىكىسى بەك تۈۋەن بولغاچقا ئەسەرنى خۇددى ئازمىدىن سۇ چۈشكەندەك بىر خىل تۈز سىزىق رېتىمى بۇيىچىلا ئۇقۇپ قويۇپ، ئەسەرنىڭ بەدىئى زوقىنى يۇقۇتۇپ قويۇپ، ئەسەرنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈۋەتتى. ئاز ساندىكى ئەسەرنىڭ ھەر قىسىمىنىڭ باش- ئاخىرىغا ئاز بولمىغان سودا ئېلانلىرىنى قىستۇرۇپ قويۇپ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى سەسكەندۈرۈۋەتتى...
مەن ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەش جەھەتتە جاپالىق ئىزدىنىپ تەر تۆكۈۋاتقان ئەزىمەتلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن نۇقسانلارنى تۈزۈتۈش ۋە تۇلۇقلاش جەھەتتە ئىزدىنىپ كۈرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-11 11:56 AM
|
|
|
|
|
|