مېنىڭ قارنى دەسسىگىم يوق
بۇ زۇلمەتتە ئۆزۈمنى ئاران تۇتۋاتىمەن .بىرەسىنىڭ نىم بولدى دەپ سېلىشىدىن ئۈۆزۈمنى شۇنچە قاچۇرىۋاتىمەن.تۇيۇقسىز ئاپپاق قار ئېگىزدىن ئىسەدەپ قالغان مەڭزىمگە قېرىشقاندەك سوغۇق ئەمما شۇنداق مېھربان ھىس-تۇيغۇ بىلەن مەڭزىمگە چۈشۈپ ،شۇنداق ھۇزۇرلۇق بىرنى سۆيىۋەتكەندىن كىېيىن ، ئاستا-ئاستا مەڭزىمدە يېلىمان يېشىنى قالدۇرۇپ غايىپ بولدى . ئەمما يەنە قايتىدىن ئاۋۋالقىدەكلا كېلىپ يۈزۈمنىڭ ئالدىنقى قېتىمقىدىن باشقا جايلىرىغا قايتا-قايتا سۆيۈشكە باشلىدى . مەن زادىلا بولامىدىم ئۇنىڭغا باغرىمنى كەڭ يايدىم .كىكەشلەپ تۇرغان تىللىرىم تۇيۇقسىز شامالدا دەرەختىن ئايرىلىپ قالىدىغىنىنى بىلسىمۇ. زورغا قىممىرلاۋاتقان دەرەخ يۇپۇرمىقىدەك شۇنچە چىڭ تۇتقىنىمغا قارىماي تىپىچەكلەپ مېنىڭ كونتۇروللۇقۇمدىن چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنداق قىلسەن ؟مەنمۇ سەندەك ئاپپاق ئىدىم. ئانام مېنى تۇققاندا سەندەك ئاپپاق بوممىساممۇ سەندىن نەچچە ھەسسە پاك ،كىچىك ئەمما پۈتۈن جىسمىمنى كونتىرول قىلىدىغان قەلبىم بولغان .مېنىڭمۇ سەندەك ھاۋادا ئۇچمۇساممۇ زىمىندا يايراپ خۇشال تايچاق كەبى سەكرەپ ئوينايدىغان ۋاقتىم بولغان .بۈگۈن ساڭا نېمە ؟ مېنى زاڭلىق قىلۋاتامسەن ؟ نېمىشقا ئاران قالغان تېنىمنى خاتىرجەم قىلمايسەن ؟دېگەندەك سۇئاللارنى سوراپ ، قارنىڭ ئالدىدا مېنى قەۋەتلا ئاجىز قىلۋەتتى . شۇندىمۇ قارئۈندىمەستىن پۈتۈن كۈچى بىلەن مېنى باغرىغا ئالدى ،پۈتۈن بەدىنىمنىڭ ھەممە يېرىگە ئىسسىقى يوق ئەمما شۇنداق ھۇزۇرلۇق يوتقىنىنى يېپىپ قويدى . ۋاقىلدام كەتكەن ئەسكى تىلىم بۇنىڭغا ھەيران بولدىمۇ ،ياكى ئۇنىڭدىن جاۋاپ كۈتتىمۇ سۈكۈتكە چۆمۈپلا كەتتى .
.......... ئۇشتۇمتۇت قار : ھەيران مەن سېنىڭ قايسى بىر ئەھۋالىڭ مېنىڭكىدىن ئارتۇق ئەمەس ، كىشىلەر مېنىڭ ئاقلىقىمغا شۇنداق ھەۋەس قىلىدۇ . ئالدىمغا كېلىپ ،مېنىڭمۇ سەندەك ئاپپاق بولغۇم بار دېيىشىدۇ .ماڭا بۇ گەپ مېنى قەستەن زاڭلىق قىلغاندەك تۇيغۇ بەرسىمۇ ئۇلانى ئۈزۈمدەك ئاپپاق توندا ئوراپ قويىمەن . ھەيران مەن نېمىشقا كىشىلەنىڭ مەندەك ئاپپاق بولغۇسى كېلىدۇ بۇنى ھېچ بىلمىدىم !! تېخى ئۇلار مېنىڭ ئاقلىقىمغا ھەۋەس قىلامىش! ئەپسۇس مەن ئاقلىقىمىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىمەن .گەرچە مەن شۇنچە ئېگىزدىن ئۇچۇپ كەلسەممۇ بىردەمدىلا ئۆز ھالىتىمنى ساقلاپ قالاممايمەن .چۈنكى ئاپپاقلىق مېنىڭ ئاجىزلىقىم . بەزىدە ئويلاپ قالىمەن مەنمۇ كىشىلەردەك ھەممە نەرسىنى ئاستىمدا قالدۇرۇپ ،ئۇستىدە ماڭسام ، بۇنداق ئاق بوممىسام مەيلى ، بىراقلا قاپقارا بولۇپ ئېگىزلەدە يۈرسەم دەپ قالىمەن ...دەپ كايىپلا كەتتى . مەن ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇنىڭ سۈزلىرىگە دىققەت قىلدىم .
..... كىشىلەر ماڭا ئېغىزىدا ھەۋەس قىلغاندا ،مەن ئولارغا ئاپپاق كىيىمىمنى كەيگۈزۈپ قويسام ،ئۇلار ھېچ تەپ تارتماستىن مېنىڭ ئاقلىغىمنى تاپانلىرى بىلەن بىراقلا تارتىۋالىدۇ . ... ئۇلانىڭ تاپانلىرى ئاسستىدا ئاپپاق كىيىمىمدىم ئايرىلىپ،ياشلىرىم پۈتۈن زىمىننى ھۆل قىلىۋەتسىمۇ ،ئۇلانىڭ مېنىڭ يىغۇ زارەم بىلەن كارى بوممايدۇ ! دەپلا قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئەتراپتا ھەركەتكە كىرشىپ كەتتى.
مەن ئەزەلدىن ھەۋەس قىلدىغان ، ناھايىتى پاك ، ھېچ غەم قايغۇسى يوق شۇڭلاشقا ئاپپاق دەپ ھەسەد قىلىدىغان قارنىڭ بۇنچىۋالا ھىجران ھەسرەتلىرىدىن كىيىن ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشنى ياكى يېشىنى سۈرتىشنى ۋە ياكى كۆز قۇلقۇمنى چىڭ يۇيۇپ غايىپ بولۇشنى ھېچ بىلەلمىدىم ..
ماۋۇ ئەزەلدىن ئالدى پەش تىلىممۇ مۆكچىيىپ، زورلاپ قىممىرلاتساممۇ ئاستى قەۋەت چىشىمنىڭ ئاستىغا ئۆزىنى مەھكەم دېرەپ تۇرۋالدى. ئۇنىڭ بايا قارنىڭ ئالدىدا كوتكوتلۇق قىلغىنىغا ئىچىمدە مىڭلاپ كايىش ياغدۇرۋاتىمەن .
شۇندىلا سۈكۈت ئىچىدە ئويغا چۆكتىم .قار بولسا شۇنداق سېخىلىق بىلەن ئەتراپىمدىكى بارلىق پۇشايمان قىلغان ياكى يالغاندىن قايغۇرۋاتقان ھالەتكە كىرۋالغىنى بىلگىلى بولمايدىغان ،ئىشقىلىپ مەنبەسى ئېنىق بوممىغان مۇدھىش مۇھىتتتىكى رەزىللىكلەنى ئاق تونىدا يېپىپ قويۇۋاتاتى.ئۇ گويا كىشلەرنىڭ ئۇ يېپىپ قويغان تونىنى ئىسسىنىۋېلىپلا مەينەت قىلۋېتىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىزدەكلا قىلاتتى . ئۇنى بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغۇم كەلدىيۇ، قىلاممىدىم .چۇنكى ئۇنىڭ باياقى سۆزلىرىدىن ئىنسانلاغا يەنىلا سېخىلىق قىلىدىغانلىغى چىقىپ تۇراتتى.
قارنىڭ ئاق تونى ئىچىدە ئۆزۈم توغۇرلۇق چوڭقۇر ئويلاندىم . ئاخشامقى ئىشلار بىر قاتار كۆز نۇرۇمدىن كەچتى .ئەمما مەن بۇ قېتىم قايغۇرمۇدۇم .خۇددى ئۆزۈمنى پۈتۈن بىپايان ئالەمنى يۈتىۋەتكەندەك ھىس قىلدىم . بولۇپ ئۆتكەن ھەممە ئىشلار بىر قېتىملىق چۈشۈمدەك مەن خالىساملا رېئاللىقىمدىن يوقىلىدىغاندەك يەڭگىل ھىس تۇيغۇلا مېنى ھۇزۇرلاندۇردى . مەن ئۆزۈمنى قايتىدىن تاپقاندەك بولدۇم . يۈرگۈم شۇنداق تىنىچ بولۇپ كەتتى .بىر خىل راھەت ھىس قىلۋاتىدۇ .مېنىڭ ئەمدى قارغا دەسسىگۈم يوق. muhlas