يىـڭى ئــەزا
قار ياغقان كېچە
شىۋرىغانلىق ھەم قار ياغقان كېچە، ئېسىمگە سالدى يارىمنى شۇنچە. ئالدىيالماسمەن ئۈزۈمنى ھامان، ئۇنتالماپتىمەن مۇشۇ كەمگىچە. چۈشتى يۈزۈمگە قارلار ئۇچقۇنى، خۇددى شۇ يارىم سۆيگەندەك مىنى. بولسىكەن دەيمەن ياز بولمايلا قىش، بەلكىم يارنىڭمۇ شۇدۇر كۈتكىنى. يەر جاھان گۈزەل ھەممە يەر ئاپئاق، خۇددى يارىمدەك بىغۇبار شۇنداق. زەررە يەتسە گەر يارىم كۆڭلىگە، سۈكۈت قىلىپ مەن چىدايمەن قانداق. توختىدى قارمۇ ئېچىلدى ھاۋا، يۇلتۇزلار كۆكتە ئوينىدى ساما. تۇلۇن ئايمۇ ھەم خۇشچىراي بىلەن، تەبەسسۇم قىلدى يارىمدەك گويا.
پاش قىلىش
ئاكتىپ ئەزا
تىرىشچان ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ