|
|
|
|
دۇنيا خەرىتىسى بۇرۇنلا مۇشۇنداق سىزىلسا تولىمۇ مۇۋاپىق بولاتتى
1-يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپۇراتۇرىسى
بۇ خەرىتىدىكى سانلىق ئاساسلارنى NASA(ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى) قويۇپ بەرگەن terraناملىق سۇنئى ھەمرا سېنزور ئارقىلىق تەمىنلىگەن بولۇپ، 2001-يىلى 8-ئايدىكى يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپۇتۇرىسى ئىپادىلەنگەن.
2-يامراۋاتقان ئوت ئاپىتى
بۇ خەرىتە يەر شارىنىڭ 2014-يىلى 8-ئايدىكى ئوت ئاپىتى دائىرسىنى ئىپادىلەيدۇ. گەرچە نۇرغۇن ئوت ئاپىتى تەبىئى شەكىللەنسىمۇ، لېكىن يەر شارىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوت ئاپىتىنى يەنىلا ئىنسانلار ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالىملارنىڭ پەرىزىگە قارىغاندا، ئىنسانلار ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 175 مىليون گېكتار ئورمانلىق ۋە يايلاقنى كۆيدۈرىۋېتىدىكەن. سانلىق ئاساسلارنى ناسانىڭ terraۋە aquaسۇنئى ھەمراھلىرى تەمىنلىگەن.
3-دېڭىز يۈزى تېمپۇراتۇرىسىنىڭ ئۆزگۈرىشى
بۇ خەرىتە 2011-يىلى 9-ئايدىكى دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ تېمپۇراتۇرا ئۆزگۈرىشىنى ئىپادىلەيدۇ. قىزغۇچ رەڭلىك رايونلار ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى تېمپۇراتۇرىنىڭ ئۆرلىگنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بولۇپمۇ شىمالىي قۇتۇبقا يېقىن جايلارنىڭ ئىللىپ كېتىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ سانلىق ئاساسلارنى ناسانىڭ aquaسۈنئى ھەمرايى تەمىنلىگەن.
4-ئىپتىدائى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى
بۇ خەرىتە 2014-يىلى 7-ئايدىكى ساپ ئىپتىدائى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئىپادىلەيدۇ، يەنى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇلغانمىلارنى شۈمۈرۈپ، ئوكسىگېن قويۇپ بېرىش مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئاقىلىق يەر شارىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئۆزگۈرىشىنى مۆلچەرلەپ، ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئورمانلىقلار كىشىلەرنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدۇ، قۇملۇقلار ماس كەلمەيدۇ.
5-يېشىل يۇسۇنلارنىڭ قويۇقلۇقى
يېشىل يۇسۇنلارنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى يەرشىرىدىكى كاربون-سۇ ھىدرىد ھالقىسىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى، شۇنداقلا دېڭىز-ئوكيان ساغلاملىقى ۋە دېڭىز-ئوكيان يىمەكلىك زەنجىرىنىڭ ساغلاملىق كاپالىتى. بۇ سانلىق ئاساسلارنىڭ بىزنىڭ يەر شارى ئېكىئولوگىيە سىستىمىسىنى چۈشۈنىشىمىزگە ياردىمى ناھايىتى چوڭ.
6-نوپۇس زىچلىقى
بۇ خەرىتە دۇنيادىكى بەزى رايونلارنىڭ نوپۇس تەرەققىيات بېسىمىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، يەنى كېلىمات ئۆزگۈرىشى بىلەن تەبىئى بايلىقلارنى ئېچىش ۋە باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ.
7-ئەكس نۇر
ئەكس نۇر يەر شارى يۈزىدىكى قۇياش نۇرىنىڭ ئەكسىگە قايتىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ خەرىتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قۇياش نۇرىنىڭ يورۇتۇش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، شۇ جايدىكى قايتقان نۇرمۇ شۇنچە ئېنىق، شۇنچە يورۇق بولىدۇ.
8-ئوزون قەۋىتى
ئوزون قەۋىتى ئىگىز ھاۋا بوشلۇقىدىكى بىر خىل بۇلۇت قاتلىمى، ئۇنى ئاددى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇ قۇياش نۇرى تەركىبىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى توسۇش قالقىنى بولۇپ، بۇنى تەتقىق قىلىشنىڭ پارنىك ئېففېكتىدىكى رولى ناھايىتى چوڭ.
9-ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر
ئۇلترا بىنەپشە نۇر تېرىنى كۆيدۈرۈپ، يەر شارىنى ئىللىتىۋېتىدىغان مۇھىم ئاپەت، بۇ خەرىتىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئېكۋاتورغا يېقىن جايلار، ياكى دېڭىز يۈزىدىن يۇقۇرى، ئىگىز تاغلىق رايونلاردا بۇ خىل نۇر كۈچلۈك، باشقا جايلاردا ئاجىز بولىدۇ.
10-سۇنىڭ ھورلىنىشى
ئاتموسفېرادىكى سۇنىڭ ئايلىنىشىنى تەتقىق قىلىشتا سۇنىڭ ھورلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ يەر شارى كېلىماتىنىڭ ئۆزگۈرىشىدىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ، سۇنىڭ ھورغا ئايلىنىشى يەر شارىنىڭ ئىسسىقلىقىنى پەسەيتىپ، ئىللىپ كېېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، خەرىتىدىكى قارا رەڭلىك رايون شۇ جايدىكى سۇنىڭ زور دەرىجىدە پارغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
مەنبەئە: تېڭشۈن پەن-تېخنىكا تورى.
ئۇلانما:
http://tech.qq.com/a/20141210/01 ... 012&ptlang=2052#p=1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-10 08:09 PM
|
|
|
|
|
|