ئامېرىكا كىنولىرى سانائەتمۇ ياكى مەدەنىيەتمۇ؟ ۋۇ لى
2012- يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ئارتىسلىقتىن كېلىپ چىققان بىر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى پىكىر بايان قىلغاندا توردا نۇرغۇن بەس-مۇنازىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇ:« ئاز ساندىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن كىنولارنى كۆرمەي ئەكسىچە چەتئەل كىنولىرىغا مەستخۇش بولۇش پىسخىكىسىنى يەكلىمەسلىك»دېگەن بولۇپ، بۇ بەلكىم جۇڭگو-ئامېرىكا يېڭىدىن ھاسىل قىلغان بىر كېلىشىمدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. 2012- يىلى 2- ئايدا، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلىدە، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ھەر يىلى ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان كىنولارنى 20 قىسىمدىن 40 قىسىمغىچە بولغان كونتىرول قىلىشقا قوشۇلغانىدى. دائىم كىنو ئۈچۈن قىينىلىدىغان بۇ دۆلەتتە، ئارتىس ۋەكىلنىڭ ئىنكاسى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە سۇس ھېسابلىنىدۇ. ئىككى يىل ئاۋۋالقى 2- ئاي بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەينى چاغدا دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان «كۇڭزى» فىلىمىگە يول ئېچىش ئۈچۈن، ئامېرىكا فىلىمى «ئاۋاتار »(Awater) نىڭ ئاددىي نۇسخىسى قۇيۇشتىن توختىتىلغانىدى. تور ئەھلى غوۋغا قىلىشتى، چەتئەل فىلىملىرىنى ئۆزىنىڭكى قىلىپ ئىشلىتىپ مازاققا قالدى، «ئاۋاتار»نىڭ چەكلەشكە ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبى دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ ئەرز قىلىشىدىن بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن تور ئەھلى «مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى»غا تەسلىم بولدى دەپ قارىلىپ ئەيىبلەندى. ئەينى چاغدا، مېدىيا ساھەسىدىكى بېيجىڭلىق ۋاڭ ئەپەندى تەخەللۇسى بىلەن ئۆز گېزىتىدە «ئامېرىكىنىڭ مەدەنىيەتتىكى تاجاۋۇزچىلىقىنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟» ناملىق ماقالە ئېلان قىلدى. ۋاڭ ۋېن ئەيىبلەپ:« ئاشۇ <ئاۋاتار> فىلىمىنىڭ تېخنىكىسىغا مەپتۇن بولۇپ، <كۇڭزى> فىلىمىنى ئەيىبلەپ ھاقارەت قىلغان كىشىلەر، ئۆزۈڭلارنىڭ ئاللىقاچان «قاپقان»غا دەسسىگىنىڭلارنى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تاجاۋۇزچىلىقىنى ھېس قىلدىڭلارمۇ؟» دەيدۇ، ۋاڭ ۋېن يەنە«بىزنىڭ ئۆز-ئۆزىمىزدىن سوراپ بېقىشىمىز لازىم، نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ جۇڭگولۇقلار ئامېرىكا فىلىملىرى ئالدىدا ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدۇ؟ مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش روھىنى يوقىتىپ قويىدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ. بۇ يولداشنىڭ بۇ قېتىمقى كېلىشىمگە قارىتا قانداق قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما ئۇ «ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن كىنولارغا بولغان قوغدىشىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدىن يەنە ئاغرىنىۋاتامدىغاندۇ؟» دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ۋوللىۋودنى ئامېرىكا مەدەنىيىتى دەپ قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىدا كىنو بولسا بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش تۈرى؛ يەنە ئۇنى بىر خىل ئىگىلىك، سانائەت دەپ قارىلىدۇ، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا زور رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان بىر نەچچە خىل سانائىتىنىڭ بىرى. ھېچ بولمىغاندا ئامېرىكا مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئەلۋەتتە سىز سوئال سورىغان ئوبيېكىتقا باغلىق، بۇنى ئامېرىكىلىقلاردىن سورىسىڭىز تەبىئىيلا ئىنكار قىلىدۇ، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزەرىيىسى»نى ئوتتۇرىغا قويغۇچى پىروفېسسور خانتىڭتون بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ، قېنى نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئامېرىكا كۈچلىنىش ۋە زورىيىشنىڭ ئالتۇن چوققىسىدا تۇراتتى، خانتىڭتون بولسا بېشى قىزىپ قالغان ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىگە ھوشىنى تېپىۋېلىش دورىسى بەردى: غەرب مەدەنىيىتى ھەرگىزمۇ باشقا مەدەنىيەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلالمايدۇ؛ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، غەرب مەدەنىيىتىمۇ باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ نۇرغۇن ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى كېرەك. خانتىڭتون «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى» ناملىق كىتابتا ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن جۇڭگو- ۋېيتنام توقۇنۇشىنى مىسال قىلىپ: بۇ كۇڭزىچىلىق ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ئىشى، خۇددى ئاكىسى ئىنىسىنى باشقۇرغاندەكلا، ئامېرىكا ئەڭ ياخشىسى بۇنىڭغا ئارىلاشمىغىنى تۈزۈك، مەيلى خەلقئارالىق قانۇننىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسۇن مەيلى جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزنىڭ نېفىتىنى ئېچىشتىن ئىبارەت ئەمەلىي مەنپەئەتلىك مەسىلىلەردە بولسۇن شۇنداق قىلىش كېرەك دەيدۇ. ئۇ ئۆز نەزەرىيىسىنى بايان قىلىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا مەدەنىيىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا تارقىلىش ھادىسىسىنى تەھلىل قىلىدۇ، خانتىڭتون ھوللىۋودنىڭ خەلقئارالىق بازار ئەۋزەللىكىگە قارىتا ئىككى تۈرلۈك چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولۇپ، بىرى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدە شەھۋەتپەرەسلىك، زورلۇق قاتارلىق تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىمپۇلىسلار بولىدۇ، ئىككىنچىسى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ سېتىش يوللىرى بىر قەدەر ئاقىلانە، دەپ قارايدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن بۇ داڭلىق ئالىي مەكتەپ پىروفېسسورى ھوللىۋودقا قىزىقمايدۇ، ئەگەر ئامېرىكا كىنولىرى بىر خىل مەدەنىيەت ھېسابلانسا، بۇ بىرخىل تۆۋەن دەرىجىلىك ئىمپۇلستۇر،دەپ قارايدۇ. خوش، خانتىڭتوننىڭ ۋوللىۋودنى بۇنچە خالىغانچە ئەيىبلىيەلىشىنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئاساسى نېمە؟ئامېرىكىنى خرىستىئان دىنى مۇرتلىرى قۇرغان، ئەمما خىرىستىئان دىنىنىڭ كۆڭۈلئ ېچىشقا قارىتا مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىلىرى بار. كىنو بارلىققا كەلگەن دەۋرلەردە،1897- يىلى ھېنرىي جامىس «مەيسى نېمىنى بىلىدۇ» (What Maisie Knew) ناملىق قەلەم تەۋرىتىش دەرىجىسى ئىنتايىن قىيىن بولغان بىر رومان نەشىر قىلدۇرغانىدى. كىتابتا كىچىك قىزچاق مەيسىنىڭ كۆزى ئارقىلىق شۇنچىلىك ساپ ۋەتەبىئىي سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، چوڭقۇر مەنىلىك ۋە تىرەن سۆزلەر بىلەن چوڭلارنىڭ مۇرەككەپ ئىچكى خاراكتېرىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. مەيسى ئاپىسىنىڭ ئاشنىسى بىلەن كۆرۈشكىلى بارىدىغان چېغىدا گىرىم قىلىپ چىرايلىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ سۆز ئەمەلىيەتتە ئانىنىڭ ئەخلاقسىزلىقىنى مەسخىرە قىلغان. ئەينى چاغدا پەقەت ئارتىسلارلا گىرىم قىلاتتى، خرىستىئان ئاياللىرىنىڭ ھەممىسى گىرىمسىز يۈرۈشەتتى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكىلىقلاردا بەلكىم كىنوغا نىسبەتەن بىر تەرەپلىمە قاراش بار بولۇشى مۇمكىن. مانا ھازىرمۇ دىنىغا ئىشىنىدىغانلار دائىم ھوللىۋودقا زەربە بېرىپ تۇرىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ساھەدىكى ئەربابلىرى كىنونى بەك ئاز كۆرىدۇ. كۆرسىمۇ مېرل سچرىپ(MerylStreep) باش رول ئالغان ھەمدەياخشى باھالارغا ئېرىشكەن تەسىرلىك فىلىملەرنى كۆرىدۇ. كىنو-كۆڭۈل ئېچىش ۋاسىتىسىدۇر. ئادەملەرنى تەربىيە كۆرگەنلىكى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە قاراپ يەتتە دەرىجىگ ەبۆلۈشكە بولىدۇ: بىرىنچى دەرىجىدىكى ئادەملەر شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدىكى ئادەملەر كىلاسسىك مۇزىكىلارنى ئاڭلايدۇ، ئۈچىنچى دەرىجىدىكى ئادەملەر ھېكايە، رومان ئوقۇيدۇ، تۆتىنچى دەرىجىدىكى ئادەملەر گېزىت كۆرىدۇ، بەشىنچى دەرىجىدىكى ئادەملەر كىنو كۆرىدۇ، ئالتىنچى دەرىجىدىكى ئادەملەر تېلېۋىزور كۆرىدۇ، يەتتىنچى دەرىجىدىكى ئادەملەر ھۆججەت كۆرىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق سۆزلەپ كۆرسەك دائىم كىنو ئۈچۈن غوۋغا كۆتۈرۈلىدۇ، كىنو ئۈچۈن ئوبزور، تەنقىدلەرنى يېزىشىدۇ. ئىلگىرى جاڭ يىموۋ ئىشلىگەن «ئېگىز ئېسىلغان قىزىل پانۇس» ناملىق كىنودا جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى ئېچىپ بېرىلىپ غەربكە خۇشامەتچىلىك قىلغان، جاڭ زىيى ئىشلىگەن «چالغۇچىنىڭ خاتىرىسى» ناملىق فىلىمدە ياپونلۇق ئەرلەرگە خۇشامەت قىلغان، دەپ تەنقىدلەر يېغىپ كەتكەنىدى. ھازىرغا يەنى يېقىنغا نەزەر سالساق، «كۇڭزى» ياكى «ئاۋاتار» تالاش- تارتىشى بولسۇن، ئەمەلىيەتتە ھەممىسىلا مەدەنىيەتتە سۇسلىشىشنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر. بۇ باشلىقنىڭ قول ئاستىدىكىلەر چالغان داپقا ئۇسسۇل ئوينايدىغانلىقىدىن، ئوتتۇرىچە مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئۆلچىمىنىڭ «كىنو كۆرۈش» دەرىجىسىگە قاراپ يۆتكىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر «مەيسى نېمىنى بىلىدۇ» ناملىق بۇ نادىر ئەسەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلىگەن بولساق، يەنە كىنونىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن غەم يەپ يۈرەرمىدۇق؟ ئەلۋەتتە، ھېنرىي جامىسمۇ ئامېرىكىلىق، ئەمما نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ئامېرىكا مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇپ كەتكەن، بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كىيىن، سىز ئامېرىكىلىقلار ۋە ئامېرىكا مەدەنىيىتى توغرىسىدا مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولىسىز، ئاغزىڭىزنى ئېچىپ ھەيران قالىسىز ۋە مۇشۇ پۇرسەتتە جۇڭگو مەدەنىيىتىدىن پەخىرلىنىسىز. مەدەنىيەت خۇددى ھاۋاغا ئوخشايدۇ، ھامان بار، كۆپ بولغان جايدا توپلىشىپ تۇرىدۇ، ئاز بولغان جايدا چېچىلىشىپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا كىنولىرىنىڭ «مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى»دىن ئەنسىرەمسىز؟ ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىڭ. شېئىرنىڭ پىشقان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى، گۈزەل مىلودىيەلىرى بار بولدى،ياخشى ھېكايە، رومانلارنىڭ ئەسلى نۇسخىلىرى بار بولدى، يېڭى خەۋەرلەرمۇ ھەقىقىي ئىشلارنى خەۋەر قىلىدىغان بولدى، بۇنىڭغا غايەت زور كۆلەمدىكى يەرلىك بازارلىرىمىزنىڭ تەسىرىنى قوشساق، تەبىئىيلا رىقابەت كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان دۆلەت ئىچى كىنولىرىنى ئىشلەيدىغانلار چىقىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ھەر بىر يېڭى شەيئىگە، مەدەنىيەت ھادىسىسىگە كاللىڭىزدا چوقۇم بىر ئېنىق سان بولسۇن!!! (ئاپتور ئامېرىكىداتۇرۇشلۇق زىيارەتتىكى تەتقىقاتچى) («جەنۇب ھەپتىلىكى»دىن تەرجىمە قىلىندى، تەرجىمىدە ئوكيان تورىدىن قەلبىنۇر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-10 07:11 PM
|