ئەسلەتمە
مارالبىشى ناھيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللىق8-سىنىپقا ئاتاپ يېزىلغان شېئىر
2014 -يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن
سىنىپ مۇدىرى:ئىبراھىم ئىسلام
بۇنىڭدىن مۇقەددەم ئۈچ يىل ئىلگىرى،
جەم قىلغان بۇ باغقا سىلەرنى قەيسەر.
جپالىق تەر تۆكۈپ ئەجىر مىھنەتتىن،
ئۇ بەرگەن سىلەرگە مول ئۇزۇق جەۋھەر.
ئۇ باشنى بۇ باشقا ئۇلاپ قەدىرئاي،
كۆۋرۈك بوپ يول ئاچتى يوقىرى پەللىگە،
ئەجرىدىن سۇ ئىچكەن ھەربىر ياش نوتا.
مىڭ رەھمەت ئېيتمامدۇ ئۇنىڭ ئەجىرىگە،
ئاخىرقى پەللىدە پىقىر ئىبراھىم،
زەربىدار قوشۇنغا بولدۇم ئاتامان.
يىتەكلەي سىلەرنى گۈزەل ئەتىگە،
مەڭگۈلۈك پاسىبان بولۇپ ھەرزامان.
قاراڭلار بۇ باغقا گۈللەر ئۆزگىچە،
بىرىدىن بىرسى ھەم جۇلالىق شۇنچە.
يىگىتلەر بەست قامەت شىر كەبى ھەيۋەت،
قىزلىرىم بەك نازۇكئېچىلغان غۇنچە.
سىنىپنىڭ سەركىسى سەردارى ئېرپان،
سەن بولغاچ بۇ سىنىپ شۇنچە ئۇيۇلتاش.
سەن بولغاچ ھەمىشە كۆڭلۈم خاتىرجەم،
سەن بولغاچ ھەممىگە دائىم ئىزچىل باش.
ئۈگىنىش سەركىسى قىزلار سەردارى،
ئاسىيە بولدىغۇ ھەممىگە ئۈلگە.
شۇڭغىمۇ قىزلىرىم شەرمى ھايالىق،
ئوخشايدۇ پورەكلەپ ئىچىلغان گۈلگە.
ئىتتىپاق شۇجىسى بولغاچ نەبىجان،
ئىتتىپاق قىلدى ئۇ بارچە ھەممىنى.
شۇڭغىمۇ ئۆم-ئىناق بولۇپ قىز ئوغۇل،
ئاتلاندى ئاقلاشقا ئۇستاز ئەجرىنى.
ئابدۇللا ئۆمەر تۇرمۇش ھەيئىتى،
بويى ھەم ئېگىزدۇر ھەممىدىن ئۇنىڭ.
ئۇ بولغاچ سىنىپ ھەم مەيدانلار پاكىز،
تەشكىلەش تازلىققا ۋەزىپە ئۇنىڭ.
ئۈگىنىش شاھى ئۇ ۋاڭى ھەم داڭى،
ھەزرىتى ئەمەردۇر راشىدنىڭ ئوغلى.
سەن بىلەن سىنىپنىڭ ئاشار شۆھرىتى،
مەكتەپتە چاقنىغان يۇلتۇزنىڭ بىرى.
بوش كەلمەس ھەممىدە گۈلەمبەر خېنىم،
قانداقمۇ تۇرىدۇ ماختىماي تىلىم.
ئۆزىدۇر تېرىشچان ئاجايىپ چېچەن،
تۇرۇپتۇ ئۇنىڭدا تاشقىدەك بىلىم.
ئىز بېسىپ ئەكبەر جانىممۇ،
ئۇمۇ ھەم بۇ باغدا ئۆزگىچە بىر رەڭ.
تېرىشقاق چىقىشقاق ھەم بەك ئاقكۆڭۈل،
ئالدىنىقى قاتارغا باراۋەر ھەم تەڭ.
ئىسمىڭىز جىسمىڭىز تاۋىڭىز نازۇك،
بەك جىمغۇر ئىچ مىجەز مەرھابا خېنىم.
ئېچىلىڭ پورەكلەڭ تېخىمۇ ئۆرلەڭ،
مەرىپەت بېغىدا ئىگەللەڭ بىلىم.
قەلىمى ئەلىمى ئاجايىپ كۈچلۈك،
سىنىپنىڭ يازغۇچى شائىرى ۋەلى.
ۋوجۇدى جىسمىغا تولغان كۈچ قۇدردت،
كۆڭلى ئاق خۇش مىجەز ئادەملەر خىلى.
بەك شوخ سەن ئەي ياشار تېتىك خۇش-چاقچاق،
شۇ يېرىڭ ئادەمنى قىلىدۇ خۇشال.
قويساڭمۇ ئادەمنى بەزى رەنجىتىپ،
سەندە كۆپ يەنىلا ياخشىلىق ھەرھال.
ئەقلىڭىز كۆزىڭىز ئىسمىڭىز روشەن،
ئۆزگىچە نۇر بىرىپ چاقنايسىز روشەن.
ئاقكۆڭۈل ھەم تېتىك شۇنداقلا چىچەن،
گۈلگە گۈل قوشقاندەك بۇ باغىم گۈلشەن.
تۇقىز دەپ ئىسمىمۇ جىسمىمۇ چاققان،
سىنىپتا ھەممىدىن كىچىكتۇر تۇرقى.
بار ئۇندا ئاجايىپ غەيرەت ئىرادە،
تەتۈردۇر تاناسىپ بويىغا ئەقلى.
رەڭگارەڭ نۇر ئىچرە گۈزەلنۇرمۇ بار،
ئۇمۇ چاقنايدۇ ئۆزگىچە يورۇق.
ئۇستازلار روھىدا تاۋلاپ ئەقلىنى،
مەرىپەت باغىدا ئۆسكەن بىر چوغلۇق.
چىمەنلەر ئىچىدە نازۇك چىمەنگۈل،
ئۇمۇ ھەم بۇ باغدا ئۆسكەن چىچەك گۈل.
ئېچىلىڭ پورەكلەپ خۇشپۇراق چېچىپ،
ئايلانسۇن سىز بىلەن باغۇ-بوستان چۆل.
جۇلالاپ تۇرىدۇ زەر ئالتۇن كەبى،
بۇ گۈزەل باغچامنىڭ گۈلى بۇخەلچەم.
تېرىشچان ئىشچانلىق ئاڭا مۇجەسسەم،
ئۇندا بار ئىرادە تولۇق ئەقىل-پەم.
سىنىپنىڭ پەخىرلىك قىزى ئادالەت،
سىزدىمۇ كەم ئەمەس ئەقىل ھەم ئىدراك.
ئۇستازلار ئۈمىدى سىلەردە سىزدە،
ئارزۇ ھەم ئارمانغا يەتكەيسىز تىزرەك.
تەڭ بازار يۇرتىدىن ئارزىگۈل مەخەت،
سىزمۇ ئوخشايسىز ئارزۇلۇق گۈلگە.
ئۇياتچان ئاقۆڭۈل ئاڭا جۆر سىزگە،
پەرۋاز قىپ ئۇچقايسىز ئاسمان پەلەككە.
ئىسمىدۇر ئالىيە كىرەمجان قىزى،
ئۇياتچان مۇلايىم ھەم بەك كەم نۇتۇق.
شۇڭغىمۇئادەمنىڭ كىلۇر مەسلىكى،
سىزگە ھەم تىلەيمىزبارچە زور ئۇتۇق.
چاھارباغ دىيارى گۈلى رازىيە،
سىزمۇ ھەم بۇ باغنىڭ ئۆزگىچە گۈلى.
بوشاشماڭ يەنىمۇ بولۇڭ مۇستەھكەم،
سىزگىمۇ قوينى كەڭ مەكتىپى ئالىي.
تۇرسۇنگۈل سىنىپتا بىرلا ئاۋاتلىق،
خېتىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش چىرايلىق.
نۇمۇسچان ئۇياتچان تولىمۇ ئىشچان،
ئۇ قىلار ھەمىمىنى شۇنچە ئەتراپلىق.
سىزمۇ ھەم بۇ باغىمنىڭ ئارزۇلۇق گۈلى،
دۆلەتباغ يۇرتىدىن ئارزىگۈل ئەمەت.
كۆزلىگەن نىىشانغا سىزمۇ ھەم يېتىڭ،
جۆر بولغاي سىزگە ھەم بەخت ۋە ئامەت.
يۈگرىكى تۇلپارغا ئەجەپ ئوخشايدۇ،
تەنھەركەت گۈزىلى زورىگۈل مەمەت.
سىنىپنىڭ شانۇ ھەم شۆھرىتى ئۈچۈن،
قازانغان ئۇتۇق ئۇ نەچچە نەچچە رەت.
ئوينايسەن ئىبراھىم پۇتبۇلنى دائىم ،
پۇتۇڭغا قىلىدۇ پۇتبۇلمۇ تازىم.
جىسمىڭدا دولقۇنلار غەيرەت جاسارەت،
بۇژغۇنلار چاچرىتىپ ئاققاندەك تارىم.
گۈللەرنىڭ ئىگىزى قۇرباننىسا قىز،
ئاز ئەمەس بۇ باغقا قوشقان تۆھپىڭىز.
ئەڭ بۇرۇن قوبۇل بوپ ئالىي مەكتەپكە،
ئۆرلەشكە ئاۋانگارت بولۇپ بەردىڭىز.
سىزمۇ ھەم نۇربىيە چاقنىغان بىر نۇر،
سىزدە كۆپ قىزغا خاس مىجەز ھەم خۇلۇق.
خۇش چىراي تەبەسسۇم چىچەن ھەم تېتىك،
ئۆرلەشتە كەم ئەمەس بىلىم ھەم تولۇق.
ۋالىبول ئوينايسەن ھەجەپ چىرايلىق،
كىرەمجان ھەركىتىڭ شۇنچىلىك چاققان.
قۇت-ئامەت يار بولسۇن تىلەيمىز ساڭا،
كەلگۈسى ئىقبالغا يوللۇرۇڭ راۋان.
گاھ پەيدا بولىسەن گاھ يوقاپ مىرزات،
ئوڭ قۇلاق ئاڭلايدۇ سول قۇلاقتا يوق.
ئاخىرقى نەسىھەت ئەستە مەڭگۈ تۇت،
كەينىگە قايتمايدۇ ۋاقىت ئاتقان ئوق.
ۋالىبول ماھىرى كىرەمجان تۇرسۇن،
ھۇجۇمۇڭ سېنىڭمۇ ئاجايىپ كۈچلۈك.
قەھرىڭمۇ زەھرىڭمۇ يىگىتلەرچە بار،
ھاياتىڭ مەنىلىك ئۆتكەي كۆڭۈللۈك.
بوي تۇرقۇڭ قامەتلىك ئابدۇللا سېنىڭ،
سەندە كۆپ ياخشىلىق ئازتولا گۇنا.
ئېغىشما تۈز يولدىن يەتكىن مەنزىلگە،
كۈتۈلگەن ئۈمۈدلەر چاقنىسۇن جۇلا.
ئىزدەپلايۈرەتتىم ئىمامجان سېنى،
تولاراق كۆرەتتىم چۈشكۈندەك سېنى.
تېتىك بول ھۇجۇدۇڭ شاتلىققا تولسۇن،
روھلۇق ھەم تېتىكلىك ياشلىقنىڭ جېنى.
ئېمىنجان سەن ئۆزۈڭ ئوبدان ھەم ئېسىل،
مېنى ھەم دورىشىڭ ئۇنىڭدىن ئېسىل.
قايتىلاپ كەلدىڭسەن ئۇشبۇ باغىمگە،
مول سەندە تەجىرىبە يوقىرىغا ئېسىل.
ھەزتېلى قامىتىڭ شۇنچە ياراشقان،
ئاۋازىڭ ناخشىغا شۇنچە ماسلاشقان.
ئېسىۋال بوينۇڭغا مۇنچاق تىلتۇمار،
سېنى ھەم كىسەلمۇ بىزدىن تالاشقان.
مۇبارەك نامىڭدۇر مەمتىمىن ئوسمان،
سەنمۇ ھەم خۇش پىئېل بەردەم يىگىت سەن.
ئاق كۆڭۈل چىقىشقاق ھەم بەك ياردەم قول،
كۆپ سەندە خىسلەتلەر بۇنى بىلەمسەن.
خۇش كەلدىڭ ئوسمانجان ئۇشبۇ باغىمغا،
گۈل شىرنە يىققىلى ھەسەل ھەرىدەك.
تىرىشىپ ئەجرىڭدىن بەرسەڭ مول ھۇسۇل،
سەن ئۈچۈن بۇ باغدا بولاي پاي-پىتەك.
باغىمنىڭ شەيداسى ئابدۇخالىقمۇ،
ئاق كۆڭۈل بەك تەمكىن ھەم ئىغىر-بىسىق.
ئويلىماس يامانلىق كۆپتۇر ياخشىلىق،
خسلىتى سۆزلىسەم بولار بىر تىزىق.
باغىمنىڭ ئېچىلغان گۈلى ماھىرە،
بڭ باغقا رەڭ بىرەر ئۇمۇ ئۆزگىچە.
سەمىمى ساداقەت ۆڭلى شۇنچە ئاق،
يار بولغاي سىزگە ھەم ئۇتۇق نەتىجە.
مۇبارەك نامىمىز ھەجەپ كىلىشكەن ،
ئۈچۈنجى يىللىقىنىڭ سەككىزىنجىسى.
دەيدىكەن سەككىزنىڭ خىسلىتى چەكسىز،
كەلگۈسى بۇ خىسلەت ئايان بولغۇسى.
قۇلاق سال ئاخىرقى ئېغىز سۆزۈمگە،
ئۆم بولۇپ ھەر ئىشتا بولۇڭلار تەڭداش.
ئۆتۈڭلار ئەسلىشىپدائىم ئىزدىشىپ،
بولغاچقا ئەڭ گۈزەل چاغدا ساۋاقداش.
مەنبە:ئوقۇتقۇچى
بۇنى مەن يازمىغان ئىنىمنىڭ سىنپ مۇدىرى يازغانكەن.مەن پەقەت مۇنبەرگە ئىنىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مۇنبەرگە يوللىدىم،باشقىچە ئويلاپ قالماڭلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nawa02 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-10 05:59 PM