مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1399|ئىنكاس: 17

تۇز : ئالمىنىڭ تېگىگە ئالما چۈشىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44333
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15945 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 12:47:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                       ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم  

سۇئال : ئاتا - ئانىنىڭ دۇنيا قارشىنىڭ پەرزەنتكە تەسىرى خۇسۇسىدا پاراڭلاشساق .......


جاۋاب : ئالمىنىڭ تېگىگە ئالما چۈشىدۇ ، دېدۇق ..... ھەممە بالادىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۈمكىن ، ئەمما نەسىل تەسىرىدىن ئەسلا قۇتۇلالمايمىز .شۇنىڭدەك، ئىنسان ئەڭ يامان ئادەملەرگە قوشۇلۇپ ، ئەڭ ئېغىر شارائىتقا چۈشۈپ قالسىمۇ ، قېنىدىكى ساپ نەسىل چاقىرىقلىرى كېچىكىپ بولسىمۇ ھامان بىر كۈنى ئۇنى ياخشى كۈنلەرگە ئىلىپ چىقىدۇ . قابىل ئىجادىيەتچى ، ئۇستا ھۈنەرۋەن ..... بولۇپ تۇرۇپ نەپىسكە ، ھەسەتكە ، چۈشكۈنلىككە ، بىپەرۋالىققا ، تېرىكۋازلىققا ، تەييار تاپلىققا مايىللىقى بولسا ، بىلىڭكى ، بۇنى ئۇنىڭغا زاتى سەۋەبلىك يەتكۈزلۈپ تۇرۇپتۇ .
ئۆزى چېپىپ - يۈگۈرۈپ ئىلىم ھەم ھۈنەرگە يېتىشىدۇ ، ھەتتا ئالىممۇ بولالايدۇ ، ئەمما ئادىمىيلىك قىممىتىگە ئېرشەلمەسلىكى مۈمكىن .

ھەقىقىي خەلىقپەرۋەرلىك ، ئىنسانپەرۋەرلىك ، مىللەتپەرۋەرلىك ئىخلاس بىلەن زاتنىڭ پاكىزلىقىنى ئاسراش ، نەسىل نۇقسانلىرىنى توغۇرلاشقا ئۆزىنى ئەستايىدىل  بېغىشلىماقتۇر .

بالىنىڭ پېلەك تارتىدىغان زېمىنى ئانا . بالا جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئالىدىغىننىڭ توقسان پىرسەنتىنى ئانىسىدىن ئالىدۇ . دېمەك ، زاتنىڭ سۈپەت ئۇنسۇرلىرىنى ئاساسەن ئانىلار توشۇيدۇ . شۇڭلاشقا  تەربىيچىلەرنىڭ ئەڭ ،ئەڭ زۆرۈر ئىشى ۋە ھەر كۈنكى مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەت ئىشى قىز بالا تەربىيسىدۇر !

دەيلى ، زاتىڭىزدىن كامىل ئىنسانلار كۆپ چىققان ، ئاشۇلاردىن قالغان ياخشى مىجەز _ خاراكتېر بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان ئىدىڭىز ، ئەمما ، غاپىللىق بىلەن قىزىڭىزنى ناباب جايغا ياتلىق قىلىپ قويدىڭىز ، بۇنى سىز كۆرگۈلۈك ھېسابلىماڭ ۋە ئاتۇقچە قايغۇرماڭ : يادىڭىزدا بولسۇن ، قىزىڭىز بالىلىرىغا ئاساسەن ئۆزى ئۆتىدۇ . كۆرسىزكى ، نەۋرىلىرىڭىزنىڭ شاراپىتى بىلەن قىزىڭىزنىڭ بارغان جايى پاكلىنىشقا باشلايدۇ !

سىز ھەممە ئېھتىياتكارلىقنى كېلىن تاللىغاندا ئىشلىتىڭ ! كېلىن ئۆز ئاتا- ئانىسىدى ئالغان دۇنيا قارشى بىلەن زاتىڭىزنىڭ يولىنى ئۆڭغا بۇرۋەتسە ھېچ گەپ ئەمەس . دادام رەھمەتلىكنىڭ بىر گىپىنى دائىم ئەسلەيمەن : دادىسى يامان - بىرى يامان ، ئانىسى يامان - ھەممىسى يامان !

بىز  خانىم -  قىزلىرمىزغا يورۇق دۇنيادىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۈگۈتۈشتىن بۇرۇن دۇنيانىڭ باھاسىنى ، ئۇنىڭ قەدرىنى ،  ئەخلاق - پەزىلەت  ،ھايا- نۇمۇس، ئەڭ بۈيۈك نېھمەت ئىنسان ئىكەنلىكىنى ، ئۇنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا يىقىش ئىلمىنى ئۈگۈتىشىمىز پەرز ھەم قەرزدۇر !

سەيلە - ساياھەتلەرگە  ئىلىم - مەرىپەت سورۇنلىرغا خانىم قىزلىرزنى بىرگە ئىلىپ بارايلى . ئىچكى دۇنياسى كىڭەيسۇن . ئىسىل ھېكمەتلەرگە ، نادىر كىتابلارغا مېھرىنى چۈشۈرەيلى ، يۈرەكلىرى لەتىپلەشسۇن . ئايال بارلىق گۈزەللىكنى ھۆسنى - جامالى بىلەن ئەمەس ، سۆزى ئارقىلىق يارتىدۇ ، ئۇنىڭغا مۇئامىلە ماھارىتىنى ، سۆزلەش ئىلمىنى ئۈگۈتەيلى ! ئاغزاكى نۇتۇق مەشىقلىرىنى مۇكەمەللەشتۈرۈش ئۈچۈن سۆھبىتى شېرىن ئادەملەر توپىغا كۆپرەك ئىشتىراك قىلدۈرايلى ! خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ قېشىدا ئاتا- ئانىلىقنىڭ ئەڭ شېرىن ، ئىبرەتلىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرسىتەيلى ! جەمىيەتتىكى ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلاپ باشلامچى بولۇپ ناچار ئىللەتلەردىن قەتتى ساقلنايلى !
خانىم - قىزلىرىمىزدىن نازۇك تەبىئەتلىك،پەزىلەتلىك خىسلەتلەر چاقنىسۇن !

مەنبە : نازۇك سۇئال
مۇنبەرگە يوللىغۇچى : تۇز
2014- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى ئەزىزانە شەھرى قەشقەر

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110873
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2014-11-13
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 01:09:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇز  ئەپەندى ،،بەك ئېسىل تىمىلارنى يوللايسىز،،رەھمەت...بىز ئاياللار ھەر قانداق جايدا يۈرۇش-تۇرۇش،گەپ- سۆزىمىزگە دىققەت قىلايلى،بەزىدە بىرقاراپلا شۇ كىشىنىڭ قانچىلىق تەربىيە كۆرگىنى بىلىنىپ قالىدۇ...دىگىنىڭىزدەك قىز بالا تەربىيەسى بەك مۇھىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110873
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2014-11-13
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 01:26:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت تۇز ئەپەندى ،،قىز بالا تەربىيەسى بەك مۇھىم ..توغرا دەيسىز،،مىنىڭ ئىككى قىزىم بار،چوڭى دادىسى بىلەن يىراق يۇرتتا،،كىچىكى مەن بىلەن،،،،..ئېچىنىشلىق يىرى ئىككى قىزىم  ئايرىلىپ  تۇرىۋاتىدۇ...بۇ   ئىش ئۈچۈن كۆڭلۈم بەك يىرىم...سىزچە مەن ئىككىسىنى تەڭ بىقىش ئۈچۈن كۆرەش قىلسام بولارمۇ يا  ۋاز  كىچەيمۇ؟

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44333
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15945 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 02:04:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
firuz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 01:26 PM
رەھمەت تۇز ئەپەندى ،،قىز بالا تەربىيەسى بەك مۇھىم ..توغ ...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ۋاز كىچەيمۇ دىگىنىڭىز بولمىدى ؟ ئاتا- ئانا پەرزەنتلەردىن ، پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىلاردىن ۋاز كىچەلمەيدۇ . ئۇ سىزنىڭ ھەم دادىسىنىڭ بالىسى ، يۈرەك پارىسى ، سىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئانىلىق مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەت ئۈستىدە  كۈرەش قىلىڭ !

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95649
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1682
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 734 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 02:57:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103096
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2014-2-2
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 03:04:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    مۇستەھكەم ئېتىقاد بولمىسا بارلىق شۇئار، چاقىرقلارنىڭ ھەممىسى نۆل. مۇستەھكەم ئېتىقاد بولغاندىلا ئاندىن شۇ شۇئار، چاقىرقلاردىن ئۇمۈد كۇتۈش مۇمكىن. قانۇن ئارقىلىقمۇ شۇئار، چاقىرقلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ناتايىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gadankax010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-10 03:06 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 03:52:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىدىن ئۆز مەسئۇليىتىمنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم .

بۇلۇپمۇ ، دادىسى يامان ـــــ بىرى يامان ، ئانىسى يامان ____ھەممىسى يامان ! دېگەن سۆز بەكلا تەسىر قىلدى .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110873
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2014-11-13
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 05:13:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.tuz. يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 02:04 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ۋاز كىچەيمۇ دىگىنىڭىز بولمىدى ؟  ...

بىلدىم..مەن چوڭلار بىلەن قەشقەردە تۇرىۋاتىمەن،ئىككى قىزىمنى بىللە بىقىش ئۈچۈن ،چوڭلاردىن ئايرىلىپ،چوڭ قىزىم بار يەرگە كىتىشىم كىرەك،،،بۇ ئىشتا قىيىنچىلىق كۆپ،،چۈنكى چوڭ قىزىمنىڭ يىڭى ئاپىسى  بولدى،،ئۆيدىكىلەرمۇ يىراق يۇرتقا  كىتىشكە قوشۇلمايدۇ..شۇڭا مەن ئىككىلىنىپ قىلىۋاتىمەن...

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 812
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13921
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 05:29:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇرۇس ، قىزلار كىچىكىدىن ياخشى تەربىيىگە ،ئەڭ توغرىسى :ھەقىقى ئىتىقاد تەربىيىسىگە ۋە ئەخلاق تەربىيىسىگە ئىرىشىشى كېرەك ، قىزلىرىنى كىچىكىدىن تەربىيىسىز قويغان ۋە نەپسانىيەتچى قىلىپ قويغان  «ئاتا -ئانىلار » كەلگۈسى دۇنياغا بالا ئەمەس  ئازغۇن ياكى بىر پاھىشە يىتىشتۈرۈپ بەرگەن بىلەن باراۋەر............تارىخقا قاراپ باقايلى : قىز پەرزەنتلىرىنى ئالى مەلۇماتلىق قىلىپ تەربىيىلەشكە ئەقىل ۋە پۇل مەبلەغ سالغانلار مانا كۆز ئالدىمىزدا دۇنيانى سوراۋاتىدۇ ، بىر بوسۇغىدىن كىلىن بۇلۇپ ئاتلاپ كىرگەن قىز ئائىلە، ئەر ۋە بالىسىغا مەسئۇل بولالمايدىكەن  ، ئۇ ئانا ئەمەس بەلكى دەيۈزدۇر. قىزلىرىمىزغا ئىنساپ ، دىيانەت ، ۋاپا، كۈيۈم ،پاراسەت تىلەيلى ۋە شۇلار ئۈچۈن تىرىشايلى .

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111007
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 247
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2014-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 05:36:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Xu xu. Ana tarbiyisi bak muhim.yahudeylarda barlik dunyayig katsimu olimanig kizini al daydigan gap bakan,ana tarbiya korgan bolsa tarbiya korgan balilarni yitixturup qikidu digan gap

قەدېرلىك ئۆزۈم:ئۆزۈڭنى سۆي
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش