|
|
|
|
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى ئەزىزلەر، سالامەتچىلىكمۇ؟
باچكا گۈزەل-سەنئەت سالونىدىن سىلەرگە بىر تېما ئالغاچ كەلدىم، تور بېكىتىمىز ياسىلىۋاتىدۇ،ئاڭغىچە سالونمىزدىكى مەزمۇنلاردىن ھۇزۇرلانغاچ تۇراسىلە.
تۇرمۇشتىكى ئاددىي قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ،قېنى باچكىلار بىرلىكتە سىناپ باقامدۇق.
تۇرمۇشتا ئۇچرايدىغان گۈزەللىكلەر ئاز ئەمەس، گەپ پەقەت سىزنىڭ بايقاش - بايقىماسلىقىڭىزدا، ئەمسە تۆۋەندا تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ئەڭ ئاددى نەرسىلەدىن ئەڭ گۈزەلنەرسىلەنى چىراقلارنى ياساپ باقايلى!
1.ئىچىپ بولغان سۈتنىڭ قەغەز قېپىنى مۇنداق ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
ئالدى بىلەن قەغەزقاپنى پاكىز تازلاپ بولغاندىن كېيىن، سېتىرولۇك ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە قىلىپ كىسىمىز.ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن شەكىل چىقىرىپ چاپلايمىز.(رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بەش تەرەپلىك ياكى ئالتە تەرەپلىك بولسا بولىدۇ)
كېيىنكى باسقۇچتا تەييارلىغان بەش تەرەپلىك ياكى ئالتە تەرەپلىكنى بىرلەشتۇرۈپ چاپلىساق بىر چىراققا ئېرىشىمىز.
قانداقلا ئۆيگە ئېسىپ قويسىڭىز ماس كېلىۋېرىدۇ.
2.كېرەكلىك ماتىرياللار:سۇلياۋ قوشۇق، پىلاستىر، پىلاستىر مىلتىقى (قوشۇقنى بىربىرىگە چاپلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.)
،قايچا، قىسقۇچ، لامپۇچكا، قۇرۇق مىنرال سۇ پوتۇلكسى، توك سىمى
قوشۇقنىڭ تۇتقۇچىنى كېسىۋېتىپ، پىلاستىر مىلتىقى بىلەن بىر بىرىگە چاپلايمىز، ئاندىن مېنىرال سۇ پوتۇلكىسىغا مۇقىملاشتۇرىمىز
شۇنداق قىلىپ چىرايلىق ھەم ئادەمگە ئىللىق ھېسىيات بېرىدىغان چىراغ ياسىلىپ چىقتى
3.كىيىم ئاسقۇچتىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىشقىمۇ بولىدۇ، ئەتىراپىڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەرگىز سەل قارىماڭ، قېنى تۆۋەندىكىلەرگە قاراپ باقايلى
4.بۇنداق كۆپ يۇمشاق كەمپۇتلەر سىزنىڭ كۆرۇش سېزىمىڭىزغا ئاجايىپ گۈزەل تۇيغۇلارنى ئاتا قىلالايدۇ، ئەمما ئاجىزلىق شۇكى تېمپىراتۇرنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ئېرىپكىتىشى مۇمكىن. لىكىن سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
5.ھازىرمۇ يەنە تام چاپلىقى ئالامسىز؟ پەقەت شاخ شەكىللىك سۇلياۋ ماتىريال تاپالىسىڭىزلا ئۆيىگىزڭە تەبىئەتنىڭ تۇيغۇسىنى ئاتا قىلدۇرالايسىز.
6.مۇزىكا تۇرمۇشىمىزنىڭ مەنبەسى، يەنە ھەم بىزنىڭ يورۇقلۇق مەنبەيىمىز. بۇزۇلغان دۇمباق ياكى شەكلى چىرايلىق، قوساقلىق سازلارنى تاشلىۋېتىشنىڭ ئورنى يوق، قېنى بۇنداق پايدىلىنىڭ.
ۋېلسىپىتتىن چىقىرۋېلىنغان كونىراپ داتلىشىپ كەتكەن كېرەكسىز سايمانلارنى، چىشلىق چاقلارنى مانا مۇنداق ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
8.قاپاقنىڭ ئۇستىگە ئويۇش ئارقىلىق ياسالغان چىراق.
9.قائىدە-يوسۇنلۇق ئادەم ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن باشتىكى بۆكىنى ئېلىۋىتىدۇ،نەگە قويۇش كېرەك؟ ئەلۋەتتە توك سىمىغا ئېسىپ قويىمىزدە
10.قەغەز قاپلىق تورت ياساش خوش ياقمىسا قانداق قىلىمىز؟ تۆۋەندىكىدەك پايدىلىنىڭ
11.پاكىز ھەم چىرايلىق گۈللۈك كەشتىنى ياخشى كۆردىغان قىزلاغا بۇمۇ بىر ياخشى تاللاش.
1.پىچاق-ۋىلكا قاتارلىقلاردىنمۇ ياسىغىلى بولىدۇ مانا كۆسىلە.،تاماق يىگەندە بىرەتالنى سۇغۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز بۇلاۋېرىدۇ.
13.بۇلۇت شەكىللىك قاتتۇرما سۇلياۋ ماتىريالنى يورۇقلۇق مەنبەسىگە ئورۇنلاشتۇرىمىز.بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ بىرەركىنو يادىڭىزغا كەلدىمۇ؟
14.ھەر قېتىم چىراق ياققاندا قۇياش سېستىمىسىنى كۆتۈپ تۇرۇشنى خالامسىز؟ قېنى ئەمسە
ئىستاكاننىمۇ بوش قويماپتۇ ئاينا، سىناپ باققۇلۇق..
ھەربىر قۇتا كولا ئىچىملىكى ئىشكەندە ئاغزىنى تاشلىۋەتمەڭ، چۈنكى ئۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەنى ياساشقا بولىدۇ.مەسىلەن: مانا مۇشۇنداق چىراق
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى ئەزىزلەر، سالامەتچىلىكمۇ؟ باچكا سالونى مەخسۇس رەسساملىق، فوتو-گىرافلىق، تەكشىلىكتە لاھىيەلەش تۈرىنى تۇتقان ئۆزىگە خاس مەخسۇس سالون، ئەگەر سەنئەتنىڭ بۇ ساھەسىگە قىززىقسىڭىز، بۇجەھەتتە ئەڭ يېڭى مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بۇلاي دېسىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئەسەرلىرىنى پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇپ كاتتا مۇكاپاتلارغا ۋە كەسپى باھالىغۇچىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز باچكامنى قوشۇۋېلىڭ.ئىزدەش نومۇرى:Baqkam باچكام سىزنىڭ مەنىۋى ھاياتىڭىزغا رەڭدارلىق قوشقىسى.
|
|
|
|
|
|