مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3747|ئىنكاس: 32

خەقنىڭ بالىسى شۇنداق يامانكەن... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1854
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 06:08:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹......چىقە ماڭ! ھۇ يارىماس،خەقنىڭ باللىرى پۇل تېپىپ ئاتا-ئانىسىنى بېقىپ چەتئەللەرگە ئاپىرىپ كەلدى،ئۆزلرى ئۆيلەندى،سەن نان قېپى سىڭگەن نېنىڭنى يەپ خىزمىتىڭنى قىلماي يانا يۈزۈڭنى پولودەك قىلىپ ئالدىمغا پۇل دەپ كىردىڭما؟!سەن بىلەن ئاچاڭنى بىز نەچچە پۇلغا ئۇقۇتتۇق،خەقنىڭ بالىلىرى  قانداق بالا سەن نىمىلەر قانداق بالا؟ پۇل يوق ساڭا بىردىغان،مۇقىم مۇئاشىڭ بولغاندىكىن غىت قىسىپ خىزمىتىڭنى ئىشلەۋە...›› قۇلاق تۆۋىمدە دادامنىڭ بايا ‹‹مەبلەغ ياردەم قىلالامىسز؟››دىگەن سۆزۈمگە بەرگەن جاۋاپى ياڭىرىماقتا ئىدى،بېشىمىنى ساڭگىلاتقىنىمچە چوڭ يولغا چىقىپ خەلىق مەيدانى تەرەپكە كاللامنى سەگىتىپ،كەيپىياتىمىنى تەڭشەپ كىلىش ئۈچۈن ماڭدىم،خەلىق مەيدانىدا قايانىدۇر كىچىك ۋاقتىمدا تۇلا ئاڭلايدىغان شوخ مۇزىكا كىلۋاتاتتى،مۇزىكا شوخ بولسىمۇ لىكىن كۆڭلۈمدىكى غەمكىنىلكنى يىنىكلىتەلمەستىن مىنى تېخىمۇ خىيالغا چۆكتۈرۋىتىۋاتاتتى.
كىچىگىمىدە يادىمدا قېلىشچە سەنئەتكە ئىنتايىن قىزىقاتتىم،مەيلى ناخشا مەيلى ئۇسۇل بولسۇن،تېلۋۇزۇردىكى ئارتىسلاردا دوراپ بىر قىلىقلارنى قىلىپ كىتەتتىم،كۆرگەنلىگى ئادەم مىنى چوڭ بولساڭ داڭلىق سەنئەتكار بۇلالايسەن دەيتى،مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىنمۇ ھەرقانداق ئەدەبىات -سەنئەت پائالىيەتلىرىدە مەن مۇھىم شەخىس ئىدىم،باشلانغۇچىنى پۈتتۈرۈپ تۇلۇقىسزغا ئۆرلەيدىغان چاغدا سەنئەت مەكتەپكە ئىمتھان بىرىدىغان پۇرسەت كىلىپ ئىمتىھان بىېرىپ ئۆتكەندە،دادام-ئاپام سەنئەت كەسپىسە تەرەققى قىلىشمغا ئۇنىمىدى،چۈنكى سەنئەت كەسپىنى بىر باشقا ئېىلىپ چىقىش تەسمىش ،چولپان دىگەن مىڭنىڭ ئىچىدىن بىرسى چىقامىش ھەم سەنئەت كەسپى تاينى يوق بىر مايمۇن ئۇيۇنى ئوينىغاندەك بىر ئىشمىش مەن بىلەن بىللە ئىمتىھان بەرگەن،ماڭا قارىغاندا ئانچە سەنئەت تالانتى يوق ساۋاقىدىشىم ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كەتكەنگىدى،كىيىن ئۇ ساۋاقدىشىم ئىكىرانلاردا كۆرۈنۈپ تۇنۇلۇپ كەتتى،بۇ چاغدا ئۆيدىكلەر مىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالم بىلەن  ئۇ ساۋاقدىشىمنى سېلشتۇرۇپ‹‹قارىغنە،ماۋۇ سىنىڭ ساۋاقدىشڭ خەقنىڭ بالسى نىمە دىگەن يامان،سەن نىمىش قىلالىدىڭ؟››دىدى،مەن تاس قالدىم ‹‹ئۆزۈڭلار ئىمتھاندىن ئۆتسەم بارغىلى قويمىغانغۇ؟›› دەۋەتكىلى، ئۇنداق دىگەن بولسام ‹‹سەن خىيالپەرەس سەنئەتتە ئۇقۇغان بولساڭمۇ  بۇنچىلىك بۇلالمايتىڭ››دىگەن گەپنى ئاڭلاپ بىكار كەيپىياتىمنى بۇزۋالاتتىم،شۇڭا ئارتۇقچە گەپ قىلمىغاندىم.
تۇلۇقسىزغا چىققاندىن كىيىن تىل- ئەدەبىيات دەرسىگە ئوتتەك ئىشتياق باغلىدىم،شېئر يېزىشقا ئامراق ئىدىم،شئېرلىرىم باشتا مەكتەپنىڭ گىزىتىدە كىين ئانچە مۇنچە تور-بەت،مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىندى،بارچە ئادەم مىنى ماختاپ داڭلىق شائىر بۇلاللايىسز دىگەندە ھەم ئۆزۈممۇ بىر شئېرلار توپلىمى چىقىراي دىگەندە دادام-ئاپام مىنى يەنە ئەيپلىدى:‹‹نىمە قىلىسەن ئەپلەشمىگەن شئېرلارنى يېزىپ،شئېر دىگەننى ساۋادى بار ئادەمنىڭ ھەممسى  يازالايدۇ،نەدە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە زىھننى بۆلۈپ يۈرۈيدىكەنسە،يازغۇچى،شائىر دىگەن بۇ جەمئەتتە كام ئەمەس،شۇنچىۋالا قىينىلىپ بىر نىمە يازسا خەق يا تۇنۇيدۇ يا تونىمايدۇ،.ەڭ ياخشىسى تۇلۇق ئوتتورىغا ئۆرلەش ئىمتھانغا ياخشى تەييارلىق قىلىپ نوقتىلىق تەجرىبە ئوتتورا مەكتەپلىرىگە ياكى ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتورىغا ئۆت،پالانىنىڭ بالسىمۇ ئىچىكىرىنىڭ ئىمتھانىدىن ئۆتۈپتۇ...››بۇنداق گەپلەرنى تۇلا ئاڭلاۋېرىپ شېئر يازغۇدەك ئىلھامىممۇ قالمايتى،ئچىكرى تۇلۇق ئوتتورىغا خەقنىڭ بالسىلا ئەمەس مەنمۇ ئۆتۈپ كۆزۈڭلارغا كۆرسىتىپ قۇيىمەنغۇ دىگەن نىيەت بىلەن جان-جەھلىم بىلەن ئۆگۈنۈپ بارلىق قىزىقىشىمنى قۇربان قىلىپ كىتاپ خالتىسىلا بولدۇم،شۇنداق قىلىپ خەقنىڭ باللىرى ئۆتكەن ئىچىكرى تۇلۇق ئوتتورىغا ئۆتۈپ خالمىساممۇ ئاتا-ئانامنىڭ گىپنى يېرالماي باردىم.
تۇلۇق ئوتتۇردا قاتتىق بېسىم،ياقا يۇرتتا بىرخىل غىرىپلىق مىنى تېخىمۇ ،مىسكىن،خىيالچان  قىلىپ قويغاندى،ئۆگىنشىممۇ يامان ئەمەس ئىدى،ھاياتلىق  ۋە تەرەققيات ئۈستىدە كۆپ ئويلىندىغان  بۇلۇپ قالغاندىم،پەلسەپە گە ئالاھىدە قىزىقىپ قالغاندىم،شۇنداق ئىجتمائى پەندە ئۇقۇغۇم بار ئىدى لىكىن يەنە شۇ ئۆيدىكلەرنىڭ تاپا-تەنىسىدىن قۇرقۇپ تەبئى پەننى تاللىدىم،چۈنكى خەقنىڭ بالسى تەبئى پەندە تىببى ئىلمدە ئۇقۇپ چەتئەللەرگە چىقىپتىكەنمىش،ئالى مەكتەپكە ئارزۇ تاللايدىغان چاغىدىمۇ ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى بار كەسىپنى تاللىيالمىدىم،قاننى كۆرسەم كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ دىگەن گىپمىمۇ مىنىڭ يارىماسلىقىمنىڭ ئىپادىسى  سۈپىتىدە تىل ئاڭلاپ يۈرۈپ يەنە شۇ كىلىنىكىك داۋالاش كەسپىنى تاللاپ ئۆتتۈم.ئالى مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن تەجىرىباخانىغا،تەن يېرىش ئۆيرىلىرىگە كىرسەم قاننى كۆرسەم ياكى فورمالننىڭ پۇرقىنى پۇرساملا كۆڭلۈم ئىلىشاتتى،كەسىپ ئالمىشاي دىسەم مەكتەپتىكلەر ئۇنىسىمۇ ئۆيدىكلەر تۇلا ‹‹گەپ تاپماي›› ئۇقۇۋېرىشىمنى بولمىسا ئۇقۇتمايدىغانلىقنى ئېيتتى،بوپتۇلا  ئەپلەپ سەپلەپ ئۆگۈنۈپ كىتەرمەن دىگەن ئويدا مەجبىۇرى دەرسىلەرگە قاتناشتىم دەرسىتە نەچچە قېتىم ئايلنىپ كەتتىم،كىين بارا-بارا تەن سالامەتلىگىمدە نورمالسىزلىق كۆرۈلدى،ئەتراپىدىمكى ھەممە نەرسىلەردىن قان تەپچىگدەك كۆرنىدىغان ھەتتا ئاپپاق تاملارمۇ كۆزۈمگە قان كۆرۈنۈپ سىرتتقا چىقىتشتىن قورقۇيدىغان بۇلۇپ قالدىم،ئاخىرى پسىخىك دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ئۆزۈمنىڭ ‹‹ئەسەبىيلىشىش ۋە خامۇشلۇق›› كىسىلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىمنى،بىرەر يىل ئۆيدە ياخشى ئارام ئىلىپ كىلىشىمنى ئۆزۈم قورقىدىغان،خالمايدىغان نەرسىلەردىن نېرى تۇرشىمنى ئېيىتتى،شۇنداق قىلىپ ئۇقۇشتىن ۋاقتىنچە چىكىندىم،ئۆيدىكلەر يەنە مىنى تىللدى ‹‹ھەممە ئەزايىڭ ساق تۇرسا كىسەل بوپ قالدىم دەپ كىلىۋالدىڭما؟خەقنىڭ باللىرى چەتئەلگە چىقىپ ئۇقۇۋاتسا......››دىمسىمۇ بەزى ساۋاقداشلىرىم چەتئەلگە بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەن،بەزىللىرى ئاسپىرانتىلىقتا  ئۇقىۋاتقان،بەزىللرى ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن تىرشىۋاتقان...شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئىگىلىك تىكلەي دەپ دوستۇم بىلەن شىرىكىلىشپ ئىش باشلاۋاتقاندا بۇنى بىلگەن دادام يەنە مىنى توستى ‹‹.......غىت قىسىپ ئۇقۇشۇڭنى ئۇقۇ يا چەتكە چىقىپ ئۇقۇ يا ئاسپىرانتلىقتا ئۇقۇ چۇقۇم دوختۇرلۇقتا ئۇقۇيسەن،ئىگىلىك تىكلەش دىگەن بۇ شۇۋارغا مەن قارشى ئۇقۇشڭنى ئۇقۇ،ئىگىلىك تىكلەشنى شۇندا ئاسان دەپ قالدىڭما،بىرمۇنچە جەريان كىتىدۇ ھەم سەن قاملاشتۇرالمايسەن...››شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشتىنىمۇ توختىدىم،ئۇ دوستۇمنىڭ ھازىر ئۆز ئالدىغا شىركىتى بار بۇلۇپ بولغانىدى مەن بولسام ئۇقۇدۇم،ئەمما ياخشى ئۇقۇيالمىدىم ھەم ئارلىقتا ئۇقۇش تاشلاپ يۈرگەن بولغاچىقا ھەم ئۆزۈم قىزىقمايدىغان كەسىپ بولغاچقا باكلاۋۇرلۇق ئۈنۋاننى ئاران ئېىلىپ يۇرتقا قايتىپ كەلدىم.
يەنە شۇ تاپا-تەنە،ئەڭ يۈرگىمنى پۈچلايدىغىنى يەنە شۇ خەقنىڭ باللىرى بىلەن سېلشتۇرما بۇلۇش‹‹...خەقنىڭ بالىسى چەتئەلدە ئۇقۇۋېتىتۇ،خەقنىڭ بالىسى مەركىزى شەھەردە ئىشلەيدىكەن،خەقنىڭ بالسى ئاندا پۇل تاپىدىكەن،سەن يارىماس...››،مەن ئاران ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ كىلىپ ناھىيمىزنىڭ دوختۇرخانىسغا تەسلىكتە ئۇرۇنلاشتىم ئەسلىدە ۋىلايەتلىك دوختورخانىلاردا ئىشلۈگۈم بار ئىدى لىكىن ھازىر دوختۇرلۇقتا ئۇقۇغانلار كۆپ بولغاچقا باكلاۋۇرلۇق ئۈنۋانى بىلەن بىر يەرگە رەسمىلىششمۇ تەسلىشىپ كەتكەچكە يەنىلا شۈكرى دىگەنىدىم،ناھىيىمىزگە تەۋە بىر يېزىغا تۇققان يوقلاپ بىرىپ شۇ يېزىدا دوختۇرخانىنىڭ كەملىكنى بىلىپ ئۆزۈم بىر شەخسى ئامبۇلاتورىيە ئېچىشىنى ئويلاپ دادامغامەسلەھەت سالغاچ مەبلەغ ياردىم قىلىڭ دىگەن ئىدىم ئەمما نەتجىسى يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك بولدى ...
شوخ مۇزىكمۇ توختىدى خيالمىدىن قايتىىم،ۋە يېزىغا بارىدىغان بىكەتكە قاراپ ماڭدىم, مەن ئىجارە ئالماقچى بولغان بىنانىڭ ئىگىسى  دەل ئىلىگىرى تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا يايما ئېچىپ سودىگەر بۇلۇپ كەتكەن ساۋاقىدېشىم بۇلۇپ ئۇ ماڭا مەبلەغ تاپالمىسام ئۆزىنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا ئېيىتقانىدى،كۆڭلۈمدە خىتاپ قىلماقتا ئىدىم:دادا،ئاپا خەقنىڭ باللىرى  راىست يامانكەن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BUEREZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-9 06:12 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
krystal + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
ئەقىدە02 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1854
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 06:25:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش :بۇ مىنىڭ سەرگۈزەشتىم ئەمەس باشىقىلارنىڭ سەرگۈزەشتىسنى ئاڭلاپ يازغان

قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87585
يازما سانى: 726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1062
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 06:49:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
BUEREZAT يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 06:25 PM
ئەسكەرتىش :بۇ مىنىڭ سەرگۈزەشتىم ئەمەس باشىقىلارنىڭ سە ...

ئو!سىزمۇ يازغۇچى بوپ كەتتىڭىىزما؟مەن تىخى مەندەك ئىنكاسچىمىكى دەپتىمەن.

ئەركىلىمە ھە!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12091
يازما سانى: 1204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8691
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 3123 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 06:53:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدىكەن

بەزىلەر كۆكتە ئۇچۇپ سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87585
يازما سانى: 726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1062
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 06:59:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى لاياقاەتسى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى مۇشۇنداق تۈگەشتۈرىدۇ.
ئاتا-ئانىدا پۇل بولمىسىما بولمىسۇنكى..مۇھەببەت بولسۇن.
مۇشۇنداق ئاتا-ئانىلار ھەقىقى  تالانىت ئىگىسىنى تەربىيەلەيدۇ.
ھازىر زامان ئۆزگەردى.كونىلارنىڭ كۆز قارىشى نۆل!
ھەممە ئادەم ئىگىلىك تىكلەۋاتسا؟
ئەر كىشى دىگەن 30 ياشتىن بۇرۇن ھچوقۇم چىنىقىشى كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87585
يازما سانى: 726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1062
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 07:00:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز.
ئاتا-ئانىلار ياخشى ئويلىشىدىغان ئىش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107962
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2014-6-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 07:02:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلىپتۇ،يەنىمۇ تىرىشىڭ

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6390
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1288 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 07:10:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادام ئاناملار قانداقلا ئىش بولمىسۇن،بۇنداق گەپلەنى ھەرگىز قىلمايدۇ،شۇكرى بۇ كۈنلەرگىمۇ.

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13466
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8743
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 07:34:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولىدىكەن   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 08:01:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋېر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 07:10 PM
دادام ئاناملار قانداقلا ئىش بولمىسۇن،بۇنداق گەپلەنى ھ ...

ئاتا-ئانا ھەر قانچە بولسىمۇ، ئۆز بالىلىرىنى كەمسىتمىگەن ياخشى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش