مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1140|ئىنكاس: 5

9-دىكابىردىكى ئالتۇن بازىرى ۋە تەھلىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95484
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3391
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1523 سائەت
تىزىم: 2013-5-29
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 04:35:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

9-دىكابىر ئاسىيا بازىرى خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1200 دوللار ئەتراپىدا، تۈنۆگۈن كەچتە ئېلان قىلىنغان ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتىتنىڭ 11-ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى كۆرسەتكۈچى مۆلچەردىن ناچار چىقىپ، ئالدىنقى جۇمە مۆلچەردىن ياخشى چىققان غەيرى  يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىدىن كىيىنكى بازارغا سۇغۇق سۇ سەپكەندەك بىر ھالەتنى شەكىللەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتىدىن لۇك خات ئۆسۈم قوشۇشقا ئالدىرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇنىڭ بىلەن ئالتۇن ئۆسۈشكە ئېرىشىپ 1200 دوللار ئەتراپىغا كەلدى.

ياۋرۇپا بازىرى ۋاقتىدا گىرمانىيەنىڭ ئۇچۇرلىرىغا دىققەت قىلىڭ. يېقىنقى مەزگىللەردا گىرمانىيەنىڭ ئىقتىسادى ئانچە ياخشى بولماي قالدى، ئالدىنقى ھەپتىدە گىرمانىيە مەركىزى بانكىسى يەنە بىر قەدەم ھالدا گىرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ مۆلچەرىنى تۈۋەنلىتىپ تەڭشىدى، ئەگەر گىرمانىيەنىڭ ئۇچۇرى يەنە مۆلچەردىن تۈۋەن چىقسا، ياۋرۇ ۋە ئالتۇن يەنە بىسىمغا ئۇچىراش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ئامرىكا بازىرى ۋاقتىدا ئامرىكىنىڭ بىرنەچچە ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ، گەرچە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى تۈۋەن بولسىمۇ، لېكىن كەچتە مۇھىم چوڭ ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنمىغاچقا كەچتىكى كىچىك ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىمۇ بازارغا چوڭراق تەسىر كۆرسىتىشى مومكىن، ئەگەر ئۇچۇر ياخشى چىقىپ قالسا دوللار ئۆسۈپ ئالتۇن باھاسىنى يەنە بېسىۋېتىشى مومكىن.


ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
تۈنۆگۈنكى تەھلىلدە 1197 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىش دىگەن تەھلىل توغرا چىقتى،تۈنۆگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 8 دە 1198 غا چىقتى بۇ يەردىن چۈشۈشكە ئالساق ئاز دىگەندە 5 نوقتا پايدا بار. بەلكىم بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئىككىنچى قېتىم 1197 دىن ئۆسۈپ كەتكەندە چۈشۈشكە ئېلىپ زىيان تارتقان بۇلىشى مومكىن، بازار بىر كۈن ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم بىز ئالىدىغان نوقتا ئەتراپىغا كەلگەندە بازارغا كىرىش خەتەرلىك.

بۈگۈنكى تەھلىل

1212ئەتراپىدىن چۈشۈشكە،زىيان 1217، نىشان 1207~1202
1195ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1190،نىشان1200~1205
1222ئەتراپىدىن چۈشۈشكە،زىيان 1227، نىشان 1217~1212
1180ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1175،نىشان1185~1190

بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  239   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.25  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .


ئىقتىساد ئۇندىدار سالونى سىزنى قارشى ئالىدۇ ،ئىزدەش نۇمۇرى     iktisad

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107962
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2014-6-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 06:12:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن يەنە ئۈسۈپتۇدە،نىمىدىگەن ياخشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102178
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1031
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2014-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 08:22:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇن نى يە  يىگىلى بولمىسا      نىمانچە قىلىدىغاندۇ دەيمەن

ھاياتىمدىكى نۆل كىلومىتىر 2014.يىل 31.دىكابىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1969
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 11:10:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5029
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 11:18:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆسۈپتۇ

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 1052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5641
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 2472 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 11:30:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alhumar137 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 11:10 AM

نىمىگە بۇنچە يىغلاپ كەتتىڭىز ئەلخۇمارجان؟؟؟
ئېپ قويغان ئالتۇنلىرىڭىزدىن زىيان چىقتىمۇ ياكى قىز تەرەپ ئالتۇن سېلىقىنى جىق سېلىۋەتتى دەپ يىغلاۋاتامسىز؟؟؟

ئىشىڭنى قىل.................!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش