مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 619|ئىنكاس: 4

روبائىيلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4409
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 04:52:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روبائىيلار

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


پۇل ، بايلىق كويىدا يۈرەر بەزىلەر ،

نام - ئەمەل  ھوزۇرى سۈرەر بەزىلەر .

پانىيدىن قۇپقۇرۇق كېتىپ تۇيۇقسىز ،

ۋەيلۇننىڭ ئوتىدا كۆيەر بەزىلەر .




مۇھەببەت ئالىمى مېھرى قۇياشلىق ،

نۇرانە ئارماندا ياشنايدۇ ياشلىق .

مەنزىلدە ئۈمىتلىك تىرىشقان ئەۋزەل ،

ئىنسانغا ھالاكەت مەنىۋى ئاچلىق .




ئەل -ۋەتەن ئىشقىدا كۆيگىن جان دوستۇم ،

جېنىڭدەك ئەزىزلەپ سۆيگىن جان دوستۇم .

ئۆمۈرنىڭ مەناسى ئەل - يۇرت شاتلىغى ،

ھاياتلىق پەيزىنى سۈرگىن جان دوستۇم .




ياخشىلار ئەجرىدىن ياشنايدۇ جاھان ،

كۆڭۈللەر يوپيۇرۇق ، گۈلگۈن ، شادىمان .

ۋەسلىدىن يايرايدۇ كۈللى مەۋجۇدات ،

مەردانە ئىزلاردىن كۈلىدۇ ئارمان .




ھەشەمەت سىھرىگە ئالدانما كۆڭلۈم ،

ئالۋۇنغا قاق بولۇپ قاقلانما كۆڭلۈم .

ھاياتلىق سەيناسى بېھىشكىرەم باغ ،

مىۋىسىز دەرەختەك شاخلانما كۆڭلۈم .




شائىرلىق نە ھەۋەس ، نە ئاتاق ئەمەس ،

نام -ئەمەل ئىزلىسەڭ ئۇندىن بولدى بەس .

كۆيىدۇ ۋۇجۇتلار ئىلاھىي ئوتتا ،

ئەل - ۋەتەن سۆيگۈسى يۈرەكتە پەۋەس .




مەنبە ؛  ئىجادىيىتىم


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  ؛  2536190268  .   يانفۇن  ؛ 15699088894

كورلا ئايشەم سادىر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109491
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1208
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 296 سائەت
تىزىم: 2014-8-26
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 12:11:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزپسىز ،

مەن دۇنيادىكى  ھەممە ئادەمنىڭ خوشال _ خورام ئۈتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.چۈنكى ئادەم دۇنياغا بىرلا قېتىم كىلىدۇ.بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ۋاقتىمىزنى ئىسىراپ قىلماي،ئۇرۇنسىز ئىشلارغا ئارلاشماي،ئازغانلارنى ئېيىپلىمەي ئۇلارنى يىتەكلەپ،بىلىم ئېىلىش،پەلىسەپە ئۆگۈنۈش، كۈندە بى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2031
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 01:57:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3766
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 963 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 02:17:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستۇم ، بۇ رۇبائىيلىرىڭىز تەشنالىغىمغا مەلھەم بولدى ، ياشاپ كېتىڭ .

ئىلھامىڭىز زىيادە بولسۇن .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 04:25:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن ، ياخشى يېزىپسىز .

ئەقىللەر بابىدا يارساڭمۇ قىلنى ،
چېلىشتا باتۇر بوپ يەڭسەڭمۇ پىلنى .
تاپىسەن ئۆزەڭگە بىھۇدە ئازاپ ،
ئورۇنسىز سۆزلەشتىن يىغمىساڭ تىلنى .

چىدىماس نامەرتلەر ئۇرسا گەر سېنى ،
سەۋرى قىل ھەرگىزمۇ ئۇرمىغىن ئۇنى .
ئۇلارنىڭ پەس خۇيى جان بىلەن چىقار ،
چىشلىمەي ئۆزگىنى  ئۆتمەيدۇ كۈنى .


تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش