مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3230|ئىنكاس: 27

يىڭى تارتقان سەككىز سۈرىتىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111213
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-11-26
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 06:56:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېڭى تارتقان سەككىز سۈرىتىم

(ساتىرا
(تۇرادىن ئابدۇرېھىم)   

مۇقەددىمە

  دوستۇم زارلاپ ماڭا بىر  كۈنى:
  زامان ھازىر تەتۈر بوپ كەتتى.
بالىلىرىمىزمۇ ۋاپاسىزلىشىپ،
تاپقىنىمىزنى قويماي يەپ كەتتى.   

  « ئىش بولسۇن چوڭ ۋە ياكى كىچىك،
  پۈتمەس ئىشىڭ چوقۇم پارىسىز.
ئەر-خوتۇندا مېھرى-ۋاپا كەم،
ياشار بىللە ئامال-چارىسىز».

مەنمۇ دىدىم :«دوستۇم زارلىما،
تەتۈر ئەمەس ئەسلى بۇ زامان.
ئىشەنمىسەڭ مەن تارتتىم سۈرەت،
كۆرۈپ باققىن ياخشىمۇ يامان».

بىرىنچى سۈرەت:   

كىمكى يېقىن تۇرسا باشلىققا،
شۇنىڭ ئىشى ئوڭكەن،ئاسانكەن.
بىلىمى بار تالادا قېلىپ،
  پۇلى بارنىڭ گېپى يوغانكەن.

ھۆرمەت قىلساڭ قورقۇنچاق دىسەك،
  يول قويغاننى دەيمىز يۇمشاقباش.
سۈكۈت قىلساڭ باسىمىز پەسكە،
مەقسەت ھوقۇق ئۈچۈنلا ياشاش.

ئىككىنچى سۈرەت:

ئۇلۇغلىنار ئۇستاز  ئېغىزدا،
سىنتەبىرنىڭ ئونىنچى كۈنى.
تۈگەر ئۇلۇغلۇق شۇ بىر كۈندىلا،
روھى ئىنژېنىر دىگىنى قېنى.

مىنىپ يۈرەر كونا ۋەلىسپىت،
  دوكتور،ئالىم،ئاسپرانت تۇرۇپ.
ھاجەتكىمۇ تەييار ماشىنا،
مىليونېرلار ساۋاتسىز تۇرۇپ

                                                  ئۈچىنچى سۈرەت:

سوراپ باقساڭ ستودېنىتلاردىن،
  نەچچە ئۇيغۇر  دوكتورى بار دەپ.
توغرا جاۋاپنى بىرەر قانچىسى،
  يالغان ئەمەس بۇ راس بولغان گەپ.

    بىلىدىغانلار بىزدە قانچىلىك،
ھوشۇر ئىسلام،ئىمىن تۇرسۇننى.
   لېكىن يادلاپ بېرىمىز سۇدەك،
  شاھرۇھخاننى،مايكېل جېكسۇننى.

     تۆتىنچى سۈرەت:               

  قىز-ئاياللار ئېسىپتۇ پىچاق،                                
  يىگىتلەرنىڭ بوينىدا زەنجىر.
ئۇزۇن چاچنى  تالىشىپ قىزدىن،
يىگىتلەرگە بۇ نىمە تەقدىر،

  يىگىت كىيگەن شىمنىڭ تارلىقى
كۆينەكلىرى ئۇنىڭدىن بەتەر.
قىز يۈرىدۇ ئەرچە ياسىنىپ.
بۇ بىز ئۈچۈن خەتەردۇر خەتەر.   

                                بەشىنچى سۈرەت:

لەڭپۇڭ،سېرىق ئاشنىڭ بازىرى،
ئەرلەر بىلەن قىزىيدۇ ھازىر.
تۇخۇم،كاۋاپ،شورپا دىگەننى،
ئاياللارلا يەيدىكەن ياپىر.

بولىۋەرسە شۇنداق تەتۈرلۈك،
خورازلارمۇ تۇغارمۇ تۇخۇم.
ئانام قايسى،دادام قايسى دەپ،
بالىلارمۇ ئىزدەيدۇ چوقۇم.

                           ئالتىنچى سۈرەت:

بىكار يېتىپ گېپى چوڭ ئەرنىڭ،
پۇل تېپىشقا قىلمايدۇ چارە.
ئۆيى.ئېرى،بالىلىرى ئۈچۈن،
پالاقشىيدۇ خوتۇن بىچارە.

چەكسە ئىشىك  كەچقۇرۇن بىرسى،
‹قوپ ئىشىكنى ئاچ›دەيدۇ  ئېرى.
ئۆزى يېتىپ خەخنىڭ قوينىدا،
خوتۇنىنى ئىتتىرەر نېرى.

               يەتتىنچى سۈرەت:

        بالام دەپلا ياشاپ بىر ئۆمۈر،
       باقمىغانتى بىزدىن زارلىنىپ.
      ئاتا-ئانا تۇرسا تەۋەرۈك،
    ئەمدى شۇلار قالدى خارلىنىپ.

   نوھ كېمىسى كەلسە ئەگەردە،
  تاشلاپ ئانىنى يۈگۈرەر ئۆزى.
  ئىنساپ  دىيانەت قالدى يىراقتا،
پۇلدىن باشقىنى تونۇماس كۆزى.

       سەككىزىنچى سۈرەت:

ئادەم ئاتىنىڭ ئەۋلادى بىز،
سۇ،ھاۋا،تۇپراق،ئوتتىن يارالغان،
بۇلغاپ بولدۇق ھەممە نىمىنى،
نەپسىمىز بىزنىڭ يوغان، بەك يوغ

تەڭشىلىپ بولغىچە ئېكىلوگىيە،
قۇم باسارمۇ قۇيرۇقىمىزنى.
بىزنى ئۆستۈرگەن ئانا زىمىن بۇ،
ئاسراپ قويايلى تۇپرىقىمىزنى.

              ئاخىرقى سۆز:
         
  تەتۈر ئىشلار جىق ئىكەن ئەسلى،
  يېزىۋەرسەم پۈتەركەن داستان.
  تۈزەتسە كىم تەتۈر ئىشىنى،
  دۇنيادا ئۇ ئەڭ ياخشى ئىنسان،

  زامان تۇرسا ئەجەپ ئوڭ،ياخشى،
تەتۈر ئىشلار تۈگىمەس نىچۈن.
بۇ تەتۈرلۈك تۈگەپ بولغىچە،
  بولار ئىشلار ئاستىن ۋە ئۈستۈن.


ئىمان،ئىنساپ،ئەخلاقلىق بولۇش،
  ئاتىلاردىن  بىزگە نەسىھەت.
  ئىجىل-ئىناق ئۆتەيلى مەڭگۈ،
مېھرىمىزدىن يارىتىپ جەننەت.

2013-يىلى  1-نويابىر. ئۈرۈمچى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-8 07:40 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
k3g1n4 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
alzapar0302 + 20 تەپەككۇرى كۈچلۈك
katran + 69 تەپەككۇرى كۈچلۈك
sirikbuya + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 109   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 07:59:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزگىچە چىقىپتۇ ، ھۇزۇر ئالدىم

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103662
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 364
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 08:12:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېمىسىمۇ راست   ...نەچچە ئۇيغۇر  دوكتۇر بارلىقىنى  مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن ،مۇشۇ تۇردىكى نۇر غۇن مەنلەرمۇ   بىلمەيدۇ........ھەي                 ........................

ئۆزەڭ توغقان بالا ئۈچۈن ئازىراقمۇ قۇربانلىق بەرمىدىڭ ،ئۇنىڭدىن شۇنچە ئاسان ۋاز كەچتىڭ ، شۇسەۋەپ سەن پەقەتلا ئوغلۇمنى تۇغقان خوتۇنسەن ،ئۆزەڭنى ئوغلۇمنىڭ ئاپىسى دېيىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ .

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15225
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 08:30:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى توغرا يىىزىلىپتۇ ، ئاپىرىن تەپەككۈرىڭىزگە!

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1209
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 08:49:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست فوتۇ-سۈرەت ئوخشايدۇ دەپ كىرىپتىكەنمەن~
مەزمۇنى بەك ياخشى چىقىپتۇ!

قايتىلانماس ھېچكىم ھېچنېمە، قالار پەقەت شېرىن ئەسلىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110637
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 09:04:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن !

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 09:11:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  فوتۇ  -سۈرەت ئوخشايدۇ دەپ كىرىپتىمەن ..   ئەمما لىكىن  ئاجايىپ ئىسىل يىزىپسىز...  

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98729
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 424
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 09:21:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك سويۇندۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100568
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 745
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2013-12-7
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 09:37:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقپتۇ مەن تېخى فوتو سۈرئەت ئوخشايدۇ دەپتىمەن

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4406
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 760 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 09:41:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئادەم ئويلانغۇدەك يېزىپسىز.تىلغا ئېلىشنى خالىمايدىغان،كۆز ئالدىمىزدا تۇرسا ھەمىمىز كۆنۈپ كەتكەن سۈرەتلەر

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش