ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1201.2 دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1204.48 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1199.17 دوللا ر بازار يېپىلىش باھاسى 1201.07 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 89.42 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1194.7 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن كۈمۈش باھاسى ئاۋال تۆۋەنلەپ كەينىدىن يۇقىرى ئۆرلىدى ، جۈمە كۈنى ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇمات دوكلاتى ئامىرىكىغا پايدىلىق بۇلۇپ دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى داۋاملىق يۇقىرى باھا ئۆرلىدى ، ئەمما ئالتۇن باھاسىدا چوڭ چۈشۈش كۆرۈلمىدى . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ياپونىيە ۋە جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ،ئەگەر جۇڭگو سانلىق مەلۇماتى ئاجىز چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن . ياۋرۇپا ۋاقتىدا گېرمانىيە پەسىللىك تەڭشەشتىن كېيىنكى سانائەت مەھسۇلات سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ ،ئەگەر گېرمانىيە سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ھالىتىگە تىرەكلىك رول كۆرسىتىدۇ ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات ناچار چىقسا ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا ئامېرىكا 11 - ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلىدۇ . ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئاساسىي يۈزنىڭ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭ بولىشى مۇمكىن .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى 1195-1187 دوللار ئارىقىدا تەۋرەندى ، سودا بازىرىنىڭ تەۋرىنىش سۇس بولدى .
2. چۈشلۈك ئاسىيا - ياۋرۇپا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1198 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە ئالتۇن باھاسى 1205-1208 دوللار ئەتىراپىغا چىقىدۇ ، ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1198 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1185-1180 دوللار غىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
.3 كەچلىك ياۋرۇپا ئامىرىكا بازىرىدا 1183 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1190-1200 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ ھەمدە قايتا 1200 دوللارنىڭ يۇقىرىدىن چۈشۈشكە ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1185-1180 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1196، 1205
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1183 ، 1180
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1208-1183
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1180
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1196
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
12- ئاينىڭ 8 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 89.5475 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 89.5475 ، ئوتتۇرچە باھاسى 89.43 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.15% بولغان ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىشىدا 89.352 بولۇپ ، 89.40 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 88.7267 ، سېتىلىش باھاسى 88.7367 بولغان ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى 89.3508 بولغان .