|
|
|
|
باھادىرلىق ھايات (ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن ۋاپاتىغا مەرسىيە) مەمتىمىن ئابلىز
تۆكۈپ مېھرىڭنى مىللەتكە بېرىپ ئۆمرۈڭنى سەنئەتكە، كۆمۈپ ئەجرىڭنى نۇسرەتكە، سېلىپ خەلقىڭنى ھەسرەتكە، يۈرۈپ كەتتىڭمۇ جەننەتكە!
قېنىڭدا ئۈندى رەسساملىق، دىلىڭدا ئىشقى گۈلخانلىق، بېغىڭدا ۋەسلى بوستانلىق، يولۇڭدا بەلكى بارخانلىق، يېڭىپ يەتتىڭ كامالەتكە.
يېلىنجاتتىڭ ئۇدۇملارنى، جۇلالاتتىڭ ئۇلۇغلارنى، يىتىلدۇردۈڭ بوغۇنلارنى، كۆرۈپ ئۆلمەس ئۇتۇقلارنى ، جاھان دەس تۇردى ھۆرمەتتە.
گۈلىستانلىق باھارىڭدىن، باھادىرلىق ھاياتىڭدىن، ھاياجانلىق ئىجادىڭدىن، ئېشىپ قالغان بوياقىڭدىن، روھىڭ ياشنايدۇ خىسلەتتە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا goldiway تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-8 06:14 PM
|
|
|
|
|
|